رەھمەت خېتى
ئارتۇچ بۇغرا
ئانا تىل دەرسىلىكى كىتاۋىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىرىغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئانا تىل دەرىسلىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز.
ئانا تىل دەرىسلىكى 27 – يانۋار نەشىردىن چىقىپ بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار بۇ كىتاپنى كوللىكىتىپ شەكىلىدە زاكاس قىلىپ سېتىۋېلىشقا باشلىدى. ئانا تىل دەرىسلىكىنى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە، نۇرۋىگىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، شىۋىتسارىيە، بېلگىيە، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز شۇ يەردە ئېچىلغان ئانا تىل تەربىيلەش كۇرسلىرىغا دەرسىلىك قىلىپ ئۆتۈش، ھەمدە ئائىلىسىدە پەرزەتلىرى ئۈچۈن دەرسلىك قىلىپ بېرىشتە پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپتىدە قوللانماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھاجىرەت مۇساپىسىدە تۇنجى بولۇپ كەسىپ ئىگىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ نەشىردىن چىققان بۇ كىتاپنىڭ، ئانا تىلىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكەممەل ھالدا پەرزەنتلىرىمىزگە ئۈگىتىشتە كەم بولغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشىدىن خوشال بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ رەھمىتىگە ۋە دۇئاسىغا مۇيەيسسەر بولدۇق. ئابدۇۋەلى ئايۇپ باشلىق بۇ گۇرۇپپىدىكى بارلىق خادىملار نامىدىن بۇ كىتاپنى سېتىۋالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە بۇ خىزمىتىنى قوللاپ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى يوللايمىز. ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئانا تىل دەرىسلىكىنىڭ 1-قىسمى، يەنى ئېلېپبە قىسمىمۇ ئاللا خالىسا يازلىق تەتىلگە ئۈلگىرىپ نەشىردىن چىقارماقچى بولىۋاتىمىز. مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئانا تىلىمىزنى بىرلىكتە قوغداش ۋە ئەۋلاتلارغا سالامەت يەتكۈزۈپ بېرىشتە ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بار. بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئادا قىلىشقا نىيەت قىلدۇق. نەشىردىن چىققان ئانا تىل دەرسلىكىنى سېتىۋېلىش ھەمدە پەرزەتلىرىڭىزگە ئائىلىدە ۋەياكى تەۋەلىكتىكى ئانا تىل كۇرسلىرىدا دەرسلىك قىلىپ تەسىس قىلىش مەجبۇرىيىتى سىزگە قالدى. ئانا تىلىمىزنى قوغداش يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئانا تىل بايرىمىغا باغلىنىپ قالمىسۇن. ئانا تىلىمىز ھەر كۈنى بىزگە ھەمراھ بولسۇن، بوينىنى قىسىپ يېتىم بولۇپ قالمىسۇن.