« 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»دىن ئويلىغانلىرىم
ئارتۇچ بۇغرا
غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 19 – يىلىنى ئەسلەپ، شۇ ۋاقىتتا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا سالىھ دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئاللاھدىن سەبىر تىلەيمىز.
1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە، ئىمان كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلىغان، ئىسلام دىنىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى«لا ئىلەھە ئىللەللا مۇھەممەددۇن رەسۇلۇللا» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، بىگىز بارماقلىرىنى كۆرسىتىپ سەپ تۈزۈپ، ئۈنلۈك شۇئار توۋلاپ ماڭغان ئۇيغۇر ياشلىرى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن، ئېغىر تىپتىكى قوراللىرى بىلەن نەچچە كۈن قىرغىن قىلىندى.
ئۆيمۇ – ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىلغار پىكىرلىك، دىنىي زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى. تۈرمىلەر سانسىزلىغان ياش ئۇيغۇر ئوغۇل – قىزلىرىمىز بىلەن تولدى.
ئۇلار كىيىملىرى سالدۇرۇلۇپ، يانچۇقلىرىدىكى نەق پۇللىرى ۋە قىممەتلىك بۇيۇملىرى مۇسادىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، قەھرىتان سوغۇقتا تۈرمىلەرگە يالىڭاچ قامىلىپ، سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ شېھىت قىلىندى.
ھەتتا بىز ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردا، شۇ ۋاقىتتا تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 7ياشتىن 10ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ، سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ شېھىت قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا بارلىقىنى بىلدۇق.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىم ئاۋازغا ئالغان « ئۆلمەسجاننىڭ ھېكايىسى» ئارقىلىق، كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قانداق شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.
دېمەك، شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق. «5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى خەلقئاراغا ئاشكارە بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا سەۋەپ بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە شاھىت بولغۇچىلارنىڭ تۈركۈملەپ كانادا، ياۋروپا، تۈركىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇشىغا يول ئاچقان ۋەقە.
« 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى، يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا، «بارىن ئىنقىلاۋى»، «5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»غىدەك بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇ ۋەقەلەردە، بىز ياد ئېتىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئىسسىق قانلىرى بىلەن شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
بىز بۇ كۈنلەرنى، نۆۋىتى كەلگەندە ئەسلەپ، خاتىرىلەپ قويۇش، نامايىش قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، دۇئا قىلىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ، كۆڭلىمىزگە تەسەللى تاپساق توغرا قىلمىغان بولىمىز. بىز ئۇلارنىڭ، ئۇ شېھىتلىرىمىزنىڭ پىداكارلىق روھىدىن ئۆگىنىشىمىز، بۇ روھنى ئۆزىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزدە ئەمىلىيلەشتۈرۈشىمىز، شۇ شېھىتلىرىمىزنىڭ قىلغان پىداكارلىقلىرىنى، مېلىنى، ۋاقتىنى، جېنىنى پىدا قىلىشلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز لازىم.
بىز ئۇلارنى ئەسلەپ قويۇش بىلەنلا كوڭلىمىزنى خاتىرجەم قىلىپ، بىخارامان ياشاپ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيالىق تۈگىمەس ھەلەكچىلىگىمىز بىلەن ئالدىراش بولۇپ يۈرمەكتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇم، 21 – ئەسىردە دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە كۆرۈلۇپ باقمىغان، ئۆز ئۆيىدە تۈرمىدە ياشىغاندەك ياشاش، مەھەللىدىن – مەھەللىگە كىملىك كۆتۈرۈپ مېڭىش، ماڭدامدا بىر چەكلىمىگە ئۇچراش، ئۆزىنىڭ مۈلكىگە ئىگە بولالماسلىق، خالىغان ئىسىمنى قويالماسلىق، ياخشى كۆرگەن كىيىمىنى كىيەلمەسلىك… ئېيتىپ كەلسەك ئاممىۋى ھاجەتخانىغىمۇ كىملىك كۆرسىتىپ كىرىش قاتارلىق بەلگىمىلەر بىلەن، ئەركىنلىكى بوغۇلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق – ھوقوقلىرى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
مەيلى « 5 – فېۋرال »بولسۇن، مەيلى «5 – ئىيۇل » بولسۇن بىزدىن خىتتايغا قارشى نامايىش قىلىپ ۋاقىراپ – جاقىراشنى ياكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشنىلا تەلەپ قىلىۋاتامدۇ؟
ياق، ئۇنداق ئەمەس. نامايىش قىلىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشمۇ مۇھىم ئەلۋەتتە. بۇ نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىمىز شەكلەن بولۇپ قالمىسۇن. « بۇرۇندىن مۇشۇنداق قىلىپ كەلگەن، شۇ پېتى قىلىپ قويايلى» ياكى «باشقىلار بىر نېمە دەپ قالمىسۇن، رۇخسىتى يوقلار رەسىمگە چۈشىۋالسۇن» لارنى مەقسەت قىلغان بولۇپ قالمىسۇن. بۇنداق قىلغان نامايىشلىرىمىز ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ساۋابى تۇرماق، ئىجتىمائى ئۈنۈمىمۇ بولمايدۇ. ھەم خەلقىمىزنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
بىز ئالدىدا دەپ ئۆتكەندەك، شېھىتلارنىڭ بەدەل تولەيدىغان، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
پەقەت ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ قىلغان ئىشىمىزدا، نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ساۋاپتىن تېگىشلىك نېسۋىمىزنى ئالالايمىز.
شۇڭا پۈتۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز شەكلەن بولۇپ قالمىسۇن. قانداقتۇر ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئاڭلىتىۋېلىش، ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ گېپىدىن قورقۇپ قىلىپ قويۇش ئەمەس، چىن ئىخلاس بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغان ۋە قىلغان خىزمەتلىرىمىز خەلقىمىزگە مەنپەئەت بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئالغا باسىدۇ، بەرىكىتى بولىدۇ. ئىككى دۇنيالىق ساۋاپقا ئېرىشكەن بولىمىز دەپ ئويلايمەن.
2016 – يىلى 3 – فېۋرال سىتوكھولم