ئۆز مۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن رازىيەم خانىمنى، داۋالىنىۋاتقان غۇلجا شەھەرلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن 3 – مارت قولغا ئالغان ھەمدە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان.
رازىيەم خانىمنىڭ جىنايىتى، يەتتە نەپەر نەۋرىسىنىڭ مەكتەپتىن قېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى بولۇپ، داۋالىنىۋاتقان بىمارنى كېسەل كارۋىتىدىن زەمبىلگە سېلىپ ئېلىپ كېتىپ تۈرمىگە تاشلىغان.
رازىيەم خانىم، ئۆتكەن يىلى يۈرىكىنىڭ ئىككى يېرىگە كۆۋرۈك سېلىش ئوپىراتسيىسى قىلدۇرغان بولۇپ، ھازىرمۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن، غۇلجا مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسدا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا غالجىرلاشقان بولۇپ، 65 ياشلىق كېسەل كارۋىتىدىكى ئېغىر كېسەللەرنىمۇ يوقىلاڭ باھانە – سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىلەرگە مەھكۈم قىلماقتا.