نورۇز كەلدى قۇشلارغا بايرام،
ئوسما قويغان قىزلارغا بايرام.
ئاپئاق چېچى ۋىجدانغا يانداش،
خىزىر سۈپەت ئانىلارغا بايرام.
ئوسما قويغان قىزلارغا بايرام.
ئاپئاق چېچى ۋىجدانغا يانداش،
خىزىر سۈپەت ئانىلارغا بايرام.
نورۇز كەلدى باغلارغا بايرام،
جىسمى ئويغاق ساقلارغا بايرام.
پەرزەنت ئۈچۈن بارىدىن كەچكەن،
ئاپئاق ساقال چوڭلارغا بايرام.
جىسمى ئويغاق ساقلارغا بايرام.
پەرزەنت ئۈچۈن بارىدىن كەچكەن،
ئاپئاق ساقال چوڭلارغا بايرام.
نورۇز كەلدى دېھقانغا بايرام،
كەتمەن چاپقان ئىشچانغا بايرام.
ھايات ئۈچۈن مۇھەببەت سۇنغان،
باغرى يۇمشاق ئىنسانغا بايرام.
كەتمەن چاپقان ئىشچانغا بايرام.
ھايات ئۈچۈن مۇھەببەت سۇنغان،
باغرى يۇمشاق ئىنسانغا بايرام.
نورۇز كەلدى گىياھقا بايرام،
شەھەر يېزا قىشلاققا بايرام.
نورۇز ئۈچۈن مۇڭلۇق چېلىنغان،
دۇتار تەمبۇر راۋاپقا بايرام.
شەھەر يېزا قىشلاققا بايرام.
نورۇز ئۈچۈن مۇڭلۇق چېلىنغان،
دۇتار تەمبۇر راۋاپقا بايرام.
نورۇز كەلدى باھارغا بايرام،
لەرزان چىققان شامالغا بايرام.
ساخاۋەتتە دىلى يايرىغان،
مىسكىن غېرىپ ئاجىزغا بايرام.
لەرزان چىققان شامالغا بايرام.
ساخاۋەتتە دىلى يايرىغان،
مىسكىن غېرىپ ئاجىزغا بايرام.
3 ئىنكاس
huo
نورۇز مۇبارەك
بىكەتباشلىقىنى ئىزدەيمەن
ئىنكاسىم بارامدىغاندۇ
admin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم