ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ” بىر ئاۋاز، بىر قەدەم” چاقىرىقى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن، خىتتايدىكى زۇلۇمغا قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ، ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشقان جىددى تەييارلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى، بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆز مېۋىسىنى كۆرسەتتى.
بۈگۈن بېلگىيەدە ياشاۋاتقان خانىم قىزلىرىمىز، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بيۇرۈكسەل پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلىشتى. ئۇلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىمىزنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ، ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن تاختايلار ۋە خىتتاي زۇلۇمىغا قارشى شۇئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ، خىتتايغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇ نامايىشقا يەنە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدىن ئالىكىس مىسكاي خانىم قاتارلىق ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى. ئۇلار نامايىش باشلىنىشىدا سۆز قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش، ئاسسىمىلاتسىيەلەرگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
گەرچە بۈگۈن بيۇرۈكسەلدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ھاۋا كېلىماتى خانىم – قىزلىرىمىزغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بوشاشماستىن، بۇ قېتىملىق نامايىشىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا قەدەر داۋاملاشتۇردى.
نامايىش شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 باشلىنىپ، سائەت 3:00 بىلەن ئاخىرلاشتى.