ياپچان دەيدۇكى، سۆيسەم گۇناھمۇ
ئىقبال
ئۇلار سۆيسە ۋەتىنىنى قەھرىمان ،
پىدا قىلسا جېنىنى گەر پەھلىۋان،
تارىخ بېرەر ھەتتا ئاڭا ئۇنۋان شان،
بولغاچقىلا مەن ۋەتەنسىز ناتىۋان،
يۈرۈگۈمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
رەئىسلەر ۋە خانلار سۆيسە ۋەتەننى،
قۇچاقلىسا ئەل ـ ۋەتەننى سۆيگەننى،
خەلق بىلسە رەئىس كۆڭۈل بۆلگەننى،
ئۇلۇغلىسا ھەتتا ئۇلار ئۆلگەننى،
ئىنساۋىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
ۋەتەن دېسەم، خەلقىم دېسەم مىللەتچى،
دىنىم دېسەم ،دوستۇم دېسەم ئىلمەكچى،
بىرلىك دېسەم دەيدۇ بىزنى بۆلمەكچى،
خىتتاي دېسەم دەيدۇ ساراڭ ئۆلمەكچى،
ئىمانىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
ۋەتەن كەلمەس ئىكەن شىجائەتكىلا،
ئىلىمسىزلىك ئېلىپ كەلدى سىل – ۋابا ،
سىياسەتسىز سىياسەتكە مۇت پولا،
بىرلىك بولماي ئەل خارلىققا مۇپتىلا،
ئىدراكىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
سۆيگۈ نېمە ئۈگەتكىنى مۇستافا،
مەككە دېدى تۇرسىمۇ جەبرى – جاپا،
ئۇ ئۇلۇغ زات مەككىگە قىلدى ۋاپا،
ئۆتمۈشتە ھەم داۋا قىلغان ئول مۇسا،
ئىخلاسىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
ۋەتەن دېدى يازدى تۈمەنمىڭ ئەدىپ،
ۋەتەن دېدى جان بەردى ل.مۇتەللىپ،
ئابدۇخالىق ئەمەس ئىدى مۇتىئەسسىپ،
تەۋپىق ھەتتا كۈل بولغۇچە ئىز بېسىپ،
قەلىمىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
خەلقىم دېدى ئابدۇقادىر داموللا،
خەلقىم دېدى كەتكۈچە ئاشۇ كاللا،
ئانا يۇرتتا غېنىدەك ئوغول باللا،
ئوقۇ، يازدى سابىر، ھېسام جارۇللا،
ئىبرىتىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
پەيغەمبەرنى كۈيلىگەن ئەمىر يىتۈك،
دىن ـ ۋەتەن دەپ سابىتمىز كەتتى كۈتۈپ،
دىن ـ ۋەتەن سۆيگۈسى زەيدىن يۈسۈپ،
ئابدۇلھەكىم مەخسۇم كەتتى يول كۆرسۈتۈپ،
مەن ئىشقىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
دىنىم دەيمەن، خەلقىم دەيمەن ۋەتەنگە،
دەردىم تېشىپ چىقتى يۈرەكتىن تەنگە،
كۆزلىمىدىم شان ـ شۆھرەت ياكى تەڭگە،
فىردەۋستىن ئورون سوراپ سۆيگەنگە،
مەن ئۆمرۈمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
سۆيۈپ كەلدىم سۆيگەچكە تەنھا قالدىم،
سۆيگۈمنى بىلدۈرەلمەي ھېرىپ – تالدىم ،
قېرىساممۇ دۈشمەنگە مىخ قادالدىم،
ئىنشائاللاھ جەننەتكە مەبلەغ ئالدىم،
ئىشەنچىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
تەخەللۇسنى ۋەتەن بەردى دەپ ياپچان،
ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن سىرتقا چاپقان،
ئۈمىدىم شۇ ئىقبال بولار نۇر چاچقان،
مەن بولارمەن رەببىمگە جاننى ساتقان،
جەننىتىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟
مەن ۋەتەننى سۆيىمەن ئىىسلام بىلەن،
مەن خەلقىمنى سۆيىمەن ئىمان بىلەن،
مەن دىنىمنى سۆيىمەن بۇ جان بىلەن،
يالقۇنجايدۇ بۇ سۆيگۈلەر ھېلىھەم،
بارلىقىمدىن ۋەتەن سۆيسەم گۇناھمۇ؟…
29 – 04 – 2017