ئابدۇقادىر ياپچان كىم؟
جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان مۇجاھىد. دوست – دۈشمىنىنى ئېنىق ئايرىغان، ئاللاھنىڭ دوستىغا – دوست، دۈشمىنىگە – دۈشمەن، مەيدانى ئېنىق، ئىرادىسى مۇستەھكەم، بارلىق ئىمكانى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا توختىماي قارشىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، خەلقىمىزنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانىدۇر.
ئابدۇقادىر ياپچان 1958 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياپچان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ دادىسى شۇ زامانلاردا دىننىي جەھەتتىن يېتىلگەن، يۇرت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئىدى. دادا بۇ يالغۇز پەرزەنتىنى ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ دىننىي جەھەتتە سېستىمىلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەردى. ئانا بولسا، پەرزەنتىنىڭ ھەر بىر ئىش – ھەركەت، يۈرۈش – تۇرۇشىدا خىتايدىن پەرقلىق بولۇشى كېرەكلىگىنى ئەسلىتىپ تۇردى.
ئابدۇقادىر ياپچان 1966 – يىلى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. مەكتەپتە پەننى بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللىگەندىن سىرت، ئائىلىدە دىننىي بىلىملەرنى دادىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تەڭ ئىگەللەپ ماڭدى. ئاتا – ئانىسىنىڭ ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىگى، ئۇنىڭ سەبىي قەلبىگە ۋەتەننىڭ ئوتىنى سالدى. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئەسلى تۇپرىقىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى، ئاتا – ئانىسىنىڭ نىمە سەۋەپتىن ھەر ۋاقىت خىتايدىن پەرقلىق ئىكەنلىگىمىزنى تەكىتلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقى تونۇپ يەتتى. ئۇنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىگى ھەسسىلەپ ئاشتى. 13 – 14 ياشلىرىدىن باشلاپ خىتايغا قارشى ئاشكارە نارازىلىق ھەركىتىنى باشلىدى. شۇ سەۋەپتىن 1973 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تۇنجى قېتىم «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات قۇردى» دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يېشىدا مۇددەتلىك 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئابدۇقادىر ياپچان تۈرمىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتاقلىق دىننىي زات، دىننىي ئالىم، مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم بىلەن تونۇشتى ۋە 1996 – يىلدىن باشلاپ، مەرھۇم ئۇستازنىڭ تەربىيىسىدە بولدى. جاللات ماۋ زېدۇڭ ئۆلگەندىن، 1979 – يىلى 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى جىنايىتى يېنىكلىتىلىپ تۈرمىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلدى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە دەۋەت بىلەن شۇغۇللاندى.
1990 – يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، ئابدۇقادىر ياپچان « بارىن ئىنقىلاۋىغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار» دىگەن گۇمان بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 – قېتىم مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. 1993 – يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى. شۇ يىلى دىننىي ئالىمىمىز ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم قاغىلىقتا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇقادىر ياپچاننى 3 – قېتىم مەرھۇم ئۇستازىمىز « ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى» دىگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئابدۇقادىر ياپچان جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلدى. چۇنكى ئابدۇقادىر ياپچان ئاللىبۇرۇن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ، تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ مىخنى قانداق قىلىپ يوق قىلىشنىڭ خىيالىنى سۈرۈۋاتقاندا، ئابدۇقادىر ياپچان يات ئەللەرگە ھىجرەت قىلىش يولىنى تاللىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ پاسپورتىنى سېتىۋېلىپ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، قارا يوللار بىلەن چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، 2002- يىلى ئىستانبۇلغا يەرلىشىپ مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىدى.
ئابدۇقادىر ياپچان ئىسلام دىنىنى ياخشى چۈشەنگەن، ھاياتىنى ئىسلام دىنىغا تەدبىقلىغان، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ، بۇ يولدا تەۋرەنمەي ماڭغان، بارلىقىنى ئىسلام يولىدا مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئاتىغان ۋەتەنپەرۋەر زات. ئۇ ۋەتىنىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيدى. مىللىتىگە ئىگە چىقتى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالدى، توغرا ئىدىيىنى يارىتىش ۋە ئۇنى توغرا ھەركەت ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2006 – يىلى ئابدۇقادىر ياپچان، مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇ ھەر ۋاقىت سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا جاراڭلىق ئاۋازى، ئۆتكۈر نۇتۇقلىرى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، ئېغىز جىھادى ئارقىلىق تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ يۈرىكىگە ئېتىلغان ئوق بولدى. ئۇنىڭ ناتىقلىقى، يۈرەكتىن چىققان سۆزلىرى تاجاۋۇزچى خىتتاينى بىئارام قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر ياپچان خىتاينىڭ كۆزىدە 1 – دەرىجىلىك دۈشمەن دەپ بىلىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنى يوق قىلىش پىلانى تۈزدى.
2013 – يىلىدىن باشلاپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغان كەڭ – كۆلەملىك «ھىجرەت» دولقۇنىدا، ئاق كۆڭۈل، مەزلۇم خەلقىمىز يۇرت – ماكانىنى تەرك ئېتىپ، تۈركۈملەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشتى. دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسۇن، بىر مۇسۇلمان قىيىنچىلىققا ئۇچىرىسا شۇ يەردە ھازىر بولغان، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ، خالىسانە ماددى ۋە مەنىۋى دەستەكلەردە بولغان تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى، خۇددى 2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا، خىتايغا « ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» دەپ خىتاپ قىلالىغانغا ئوخشاش، تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىمىزنى ئۆز قوينىغا ئالدى ھەمدە قەيسەرى ۋە باشقا ۋىلايەتلەردە، ئۇلار ئۈچۈن ئولتۇراق ئۆيلەرنى تەسىس قىلىپ بەردى. بۇ مەزگىلدە، ئابدۇقادىر ياپچان ھەر قېتىملىق سۆھبەت ئۇچىرىشىشلاردا خەلقىمىزگە جىھادنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پەرز ئەيىن ئىكەنلىگىنى، بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنىڭ پەقەت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىكەنلىگىنى نۇتۇقلىرى بىلەن يورۇتۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى تۈزىتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇقادىر ياپچاننى يوق قىلىشنى دەسلەپكى پىلان دەپ تونۇپ يېتىپ، ئۇنى « ئىسلام دۆلىتىگە ئادەم سالغان، خىتايغا قارشى تېرورلۇق ھەركەت بىلەن شۇغۇللانغان …» دىگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا ئۇرۇندى…
ئابدۇقادىر ياپچان ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى بولغان تۈركىيەنى، تۈرك خەلقىنى قىزغىن سۆيەتتى، ھازىرقى ئاق پارتى ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلاتتى، تۈركىيەدە ياشىغان مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ قانۇن – پەرمانلىرىغا خىلاپ ھەركەتلەردە بولمىغاندىن سىرت، ئەتىراپىدىكىلەرنىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا مۇتلەق بويسۇنۇشنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا، خىتايغا قارشى ھەركەتلەردە بولماسلىقنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاشكارە ۋە خالىي سورۇنلاردا دەيدىغان سۆزى بىردەك، مەيدانى ئوچۇق ئىدى. ئۇ قەلبى بىلەن قەلبىمىزنى ئويغاتقان ئىدى، بىزگە توغرا نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان ئىدى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ راھەتسىز بولغىنى دەل بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ ئويغۇنىشى ئىدى…
2016 – يىلى 31 – ئاۋغۇست. ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى… بىرىنچى قېتىملىق سوتتا 5 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ قارا قولى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش بىر يىلغا ئۇزارتىلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىر يىل سۈكۈتتە قالدى. بىزنىڭ ئاۋازىمىز بوغۇلدى، نەپسىمىز قىسىلدى… قەھرىمان ئوغلانىمىز، خەلقىمىزنىڭ غېمىنى يىگەن ئەرنىڭ سەپداشلىرى، بۇ جەرياندا، ئۆزلۈگىدىن تەشكىللىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بوھتان، سۈيقەستلىرىنىڭ قۇربانى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە 35 مىليون خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ئاڭلاتتى ۋە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ… بىز ئاللاھتىن ئۈمىد ئۈزمەيمىز. ئاللاھتىن باشقا يۆلەنچۈگى بولمىغان، دۆلەتسىزلىك، مۇساپىرچىلىق دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان، ياردەمنى يالغۇز ئاللاھتىن كۈتۈپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ يىغلاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ زۇلۇملارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ پات ئارىدا ئارىمىزغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن زالىمغا قارشى كۆرىشىنىڭ داۋام ئېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاڭلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز…
قەلەم كۈچۈمنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەپلىك مەن تونىغان ئابدۇقادىر ياپچاننى مۇشۇنچىلىك يازالىدىم. ئۇنىڭ دەۋا سېپىمىزدىكى تەۋرەنمەس ئوبرازى، خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدا تىللاردا داستان. ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى تېخى ئاخىرلاشمىدى. مەن ھەر بىر ئۇنى بىلگەن، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان، ئۇنىڭ ھېكايىلىرىگە ئىشتىراك بولغان قېرىنداشلىرىمنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
قەلەم تەۋرەتكۈچى: ئارتۇچ بۇغرا
2 ئىنكاس
ئابدۇلقۇددۇس ھافىز
ئەزىز قېرىندىشىم !
ئوت يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ قىممەتلىك يازمىڭىزدىن جەنابىي ئاللاھ مىڭ مەرتىبە رازى بولغاي ، ئامىن !
تاپالمىغان گۈھەرنى تېپىۋالغاندەك خۇشال بولدۇم .
ئۇيغۇن كۆرسىڭىز تەرجىمە ھالىڭىزنى( يازغان ، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ماۋزۇلىرى بىلەن قوشۇپ )تەپسىلىرەك يېزىپ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ، «ئۇيغۇر مەرىپەت مەشئەللىرى»ماۋزۇلۇق كىتاۋىمغا كىرگۈزسەم ، دېگەن ئۈمىتتىمەن.
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن :
كەمىنە ئابدۇلقۇددۇس ھافىز 2019 . 2 . 9
ئابدۇلقۇددۇس ھافىز
ئەزىز قېرىندىشىم !
ئوت يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ قىممەتلىك يازمىڭىزدىن جەنابىي ئاللاھ مىڭ مەرتىبە رازى بولغاي ، ئامىن !
تاپالمىغان گۈھەرنى تېپىۋالغاندەك خۇشال بولدۇم .
ئۇيغۇن كۆرسىڭىز تەرجىمە ھالىڭىزنى( يازغان ، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ماۋزۇلىرى بىلەن قوشۇپ )تەپسىلىرەك يېزىپ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ، «ئۇيغۇر مەرىپەت مەشئەللىرى»ماۋزۇلۇق كىتاۋىمغا كىرگۈزسەم ، دېگەن ئۈمىتتىمەن.
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن :
كەمىنە ئابدۇلقۇددۇس ھافىز 2019 . 2 . 9