ئابدۇقادىر ياپچان تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ نومۇسى
ئارتۇچ بۇغرا
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بوھتان قىلىشى بىلەن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ نەزەربەنت قىلىنغىنىغا مانا بىر يىل بولدى.
ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بوھتان ۋە ياكى يالغاندىن ياساپ چىققان ماتېرىياللار بىلەن تۈركىيە ئەدىلىيە تارماقلىرىغا سۇنۇلۇپ قارىلاپ شىكايەت قىلدى.
ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ، جاراڭلىق نۇتۇقلىرى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىننى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىنسانلىق زۈلۈملىرىنى دەلىل پاكىتلىق ھالدا ئېچىپ تاشلىشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىددى ھالدا ئابدۇقادىر ياپچانغا زىيانكەشلىك قىلىش، قەستلەش تىزىملىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزدى. بۇنى سەزگەن تۈرك ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ جامائەت ئەربابى، مەنىۋى لىدىرى بولغان بۇ كىشنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىدە تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن نەزەربەنت قىلىپ قوغداپ كەلمەكتە.
بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ۋاكالىتەن، ئابدۇقادىر ياپچان باشلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئورۇن بەرگەن، ئىقامەت تارقىتىپ قانۇنلۇق تۇرۇشلۇق رۇخسەت قىلغان، ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن ئىگە چىقىۋاتقان ھۆرمەتلىك رەجەپ تايىپ ئەردوغان باشلىق جۇمھۇر رەئىسكە، بىناليىلدىرىم باشلىق ھۆكۈمەت مىنىستىرىغا ھەمدە ئەنسارلىق قىلىۋاتقان تۈرك خەلقىغە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىۋاتقان « بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستىراتىگيەلىك پىلانى بولسا، ئەمەلىيەتتە يۇمشاق شەكلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان بۇ يىپەك يولى پىلانىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلگەندەك بۇ يەردىكى مۇسۇلمان خەلق بولغان ھەمدە بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ پىلاننىڭ ئىچىدە يوق قىلىش ئۈچۈن ئىسلام دىندىن چىقىرىپ تاشلاش، خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇل چارىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇرئان، جايناماز، قاتارلىق دىنغا ئالاقىدار بولغان ھەممە يوق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئېلىپ خىتايلارغا سېلىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئورگانلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىپ ئىقتىساد مەنبە ھاسىل قىلماقتا ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلالمىغۇدەك ئەھۋاللار ئومۇملاشماقتا. دېمەك ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرالماي يوق بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.
ئابدۇقادىر ياپچان بولسا، بۇ ئەھۋاللارنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆز دۈشمىنىنى ئېنىق تونۇتقان دۈشمەنگە قارشى قانداق شەكىلدە قارشى تۇرۇشنى ئۆگىتىۋاتقان بىر يول باشچىدۇر. بۇنى بىلگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۇرغۇن ئىمتىيازلار بىلەن ئابدۇقادىر ياپچاننى ئېلىپ كېتىش بەدىلىگە تۈركىيىگە ياردەم بېرىش تەلۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ.
تۈرك خەلقى ئىمپېرىيە قۇرغان، شانلىق تارىخ ياراتقان ئۆز ۋەتىنى، دىنىنى ، خەلقىنى قوغداشتا شېھىتلىك بېرىشتىن چېكىنمىگەن. تۈرك ئانىلار باتۇر، قەھرىمان شېھىت ئوغۇل-قىزلارنى تەربىيلەپ چىقالايدىغان چاناق قەلئە ئۇرۇشىدا 250مىڭ تۈرك ئوغلانى شېھىت بېرىش بەدىلىگە تۈرك دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان بۇيۈك مىللەتتۇر.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇزۇن يىللىق تاجاۋۇزىغا ئۇچراش جەريانىدا ئۆزىنىڭ دىننى ئالىم، ئولىمالىرىدىن، ئىلىم ئەھلى كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ دىنىنى، ۋەتىنى قوغداشنى بىلەلمىگەن، دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى تىكلەنمىگەن بىر خەلق . ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خەلقتىن ئابدۇقادىر ياپچاندەك كىشلەر بەك ئاز چىقىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسى تۈپەيلى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يەردىكى سىلەرنىڭ قان-قېرىندىشىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇپ پىلانلىق رەۋىشتە ھەركەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ھالقىلىق تاللاشتا ئابدۇقادىر ياپچاندەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى توغرا بولغان ئىدېئولوگىيە بىلەن قورانلاندۇرغان لىدەرى بۇ خەلقىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەركەت تەشكىللەپ تۈرك خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.
ئابدۇقادىر ياپچاندەك تۈرك خەلقىنىڭ، ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەتنى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان ئەزىمەتلەر بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
ئەمما بىز ئىشىنىمىزكى تۈرك دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى ئۆز دۈشمىنىگە مەنپەت ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىنى ھەرگىز قۇربان قىلىۋەتمەيدۇ.
بۇ ئابدۇقادىر ياپچاندىن تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى پايدىلىنىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن قىلىشىدىغان سۆھبەتلەردە چىكىنمەسلىكىنى بۇ كىشىنى ئوبدان قوغداپ، ئاسراپ قېلىشىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى
2017-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى