ئاكادەمىك ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئېيىتقانلىرى !
ئاپتور: كۈرەش ئاتاخان
مىرسۇلتان ئوسمان پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىمىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ساھەسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى خەلقارادا بۇگۈنكىدەك تونۇلدى ۋە ئىلمىي شرھىيلەندى.
مەشھۇر ئالىم، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1929-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىگە قاراشلىق ئاقكەنت يېزىسىدا تۇغۇلغان .
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1932-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە غۇلجا ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەلگەن، 1935-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك «ئايدىڭ» باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغان.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1943-يىلى غۇلجا گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەن. 1945-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە نابۇرچىك ۋە كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1951-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە، سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇغان. بىر يىلدىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىپ، تىل فاكۇلتېتىدىكى ئىككى قارار خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن. دەل مۇشۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئومۇمىي تىلشۇناسلىقى بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش، ئانا تىلىنى يېڭىۋاشتىن سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىستىكى قوزغالغان.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى مۇشۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت ئۆمىكىنىڭ 6-ئەترىتىگە قاتنىشىپ، 1955-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە، 1956-يىلى كۈز ھەم قىش خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شېۋىلىرىنى تەكشۈرگەن.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1957-يىلى بېيجىڭدىن ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇرىستانغا قايتىپ كېلىپ، 1965-يىلىغىچە سابىق ئۇيغۇرىستان (شىنجاڭ) ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئومۇمىي تىلشۇناسلىق دەرسلىرىنى ئۆتكەن.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى بۇ جەرياندىمۇ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى جانلىق تىلنى تەكشۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 1960-يىلى يازدا لوپنۇرنىڭ مىرسالى، چارا، كۆزلەك، تىكەنلىك ۋە مىرەن يېزىلىرىدا، 1962-يىلى تۇرپان ھەم ئۈرۈمچىلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكت-شىۋىلىرىنى تەكشۈرگەن. مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابى 1964-يىلى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىنغان.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1965-يىلىدىن تاكى 1978-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ مەزگىلدە، 1965-يىلى يازدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، قەشقەر ھەم خوتەندە نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1967-يىلى ياز ۋە كۈزدە، قازاق تىلى بويىچە ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن رايونىدا، ئالتاي، كۈنەسنىڭ يايلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان دالا تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىپ، بىر مۇنچە تىل ماتېرىيالى يىغقان. 1978-يىلى 10-ئايدا خىتاينىڭ تىيەنجىن شەرىدە ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق دەۋلەتلىك تارىخشۇناسلىق يىغىنىدا، تۈرۈك دۇنياسى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھەم خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش، سىسىتېمىلىق بىر «ئۇيغۇر تارىخى» كىتابىنى يېزىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەملىكەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات پىلانىغا رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. بۇ پروجەكىت تەبىئىي ھالدا قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولغان.
1979-يىلى، مىرسۇلتان ئوسماننىڭ خىزمىتى ئۇيغۇرىستان ئاكادىمىيىنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. بۇ ئورۇن ئانا تىلغا ئاشىق ھەر بىر خادىم ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك مەرىپەت سورۇنى ئىدى. مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ ئېنسىكلوپېدىيىلىك نادىر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىرگە ھازىرلاپ نەشىر قىلىش پروجەكتى گۇرۇپپىسىدا باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ توملۇق بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ 2- ۋە 3-توملىرىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلغان.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ دەۋىرداشلىرى ئۇ ھەقتە توختۇلۇپ”مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى تەرجىمە قىلىش-نەشىرگە تەييارلاش جەريانى، ئەمەلىيەتتە، ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىش-تەتقىق قىلىش ھەم جانلىق تىلنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش جەريانى بولدى. مىرسۇلتان ئوسمان ئۇستاز ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن 1980-يىلى يازدا ئارتۇش ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە «دىۋان»غا ئائىت لېكسىكا مەسىلىلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، 1982-يىلى قەشقەردە «دىۋان»نى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.
بىز ئۇيغۇرلاردا «تىرىشقان ئوزار، تىرىشمىغان توزار» دېگەن ماقال بار. تۆھپىكار ئۇستاز، نەتىجىلىك تىلشۇناش مىرسۇلتان ئوسماننىڭ ئىزدىنىش مۇساپىسى مۇشۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ جانلىق دەلىلى بولالايدۇ؛ دەپ ئالىمنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەرگەن…
ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىغا ئايىت ئىلمىي ئىزدىنىشلەردە مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ تۆھپىسى ئالاھىيدە يوقۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئالىم ھەققىدە توختۇلۇپ يەنە” ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ئىلمى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ئۈچۈن تۆككەن قان-تەرى دائىرە نۇقتىسىدىن تىلشۇناسلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە، زامان نۇقتىسىدىن ھازىرقى زاماندىن قەدىمكى زامانغىچە تۇتىشىپ كېتىدۇ”-دەپ ئالىمنىڭ مول ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى مۇەيەنلەشتۈرىدۇ.
مىرسۇلتان ئوسمانوف 1989-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇرىستان ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات باشقارمىسىغا يۆتكەلگەن. ئۇ بۇ ئورگاندىمۇ بىر قولدا تەتقىقاتنى، يەنە بىر قولدا تىل تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتقان. ئۇ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تىلشۇناس ئامىنە غاپپار خانىم بىلەن بىرلىكتە قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ يېزىسىدا نەق مەيدان تىل تەكشۈرۈشى قىلىپ، «قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ شېۋىسى توغرىسىدا» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلغان.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1996-يىلى يازدا، شەرقىي ئۇيغۇرىستاندىكى قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ تۆمۈرتى، ئاقتاش يېزىلىرىدا تىل تەكشۈرگەن. ئۇ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ھەم ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەر توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا»، «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز»، «‹قۇتادغۇ بىلىك›تە ئىپادە قىلىنغان ئەدەبىي تىل توغرىسىدا» قاتارلىق بىر مۇنچە ئىلمىي ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى»، «قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تاۋۇشلىرىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنى ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغان.
بۇ ئەسەرلەردىن بىر قانچىسى ئۇيغۇرىستان بويىچە ئېلىپ بېرىلغان پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئالاھىدە دەرىجىلىك، 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى يەنە «جاھاننامە»، «ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. 1985-ۋە 1999-يىللىرى ئۇيغۇرىستان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان چاغاتاي تىلى ئۆگىنىش كۇرسىغا چاغاتاي تىلى گىرامماتىكىسىدىن دەرىس ئۆتكەن. مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى يەنە 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن، يەتتە قارارلىق 10 نەچچە ئاسپىرانتقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى ۋە چاغاتاي تىلى دەرسلىرىنى ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى بويىچە ماگىستىر تەربىيىلەش خىزمىتىگىمۇ تېگىشلىك ھەسسە قوشقان.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ئۇيغۇرىستان ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلىرىنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنلىرىدا باھالىغۇچى بولغان. مىرسۇلتان ئوسمانوف يەنە چەتئەللەردە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇپ ھەم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، چەتئەلدىكى كەسىپداشلارغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدە ھەققىدە بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن. 1999-يىلى ياپونىيىنىڭ كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا «لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئالاھىدىكى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا، 2000-يىلى تۈركىيىدە خوتەن دىئالېكتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان.
مىرسۇلتان ئوسمان 1960-يىلى سابىق ئۇيغۇرىستان ئىنستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىدا لېكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا، 1983-ۋە 1987-يىللىرى كاندىدات تەتقىقاتچى ۋە تەتقىقاتچى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1983-يىلى ئۇيغۇرىستان بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان. 1991-يىلى خىتاي دەۋلەتى بويىچە تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس دەپ باھالىنىپ، ھازىرغا قەدەر ئىلىم دۇنياسىنىڭ ئالاھىدە مۇامىلىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلمەكتە. مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 1992-يىلى 3-ئايدا رەسمىي دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى تىرىشچانلىق سۇسلاشمىدى، قولىدىكى قەلىمى توختىمىدى، يېنىدىن شاگىرتلىرى ئۈزۈلمىدى، نەتىجىلىرىمۇ ئۆزلۈكسىز چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نى رەتلەش، نەشر قىلىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن نۇرغۇن شەرەپلەرگە نائىل بولدى. 2005-يىلى قەشقەردە ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا مىرسۇلتان ئەپەندى بىلەن باشقا توققۇز ئالىمغا «دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىكار» شەرەپنامىسى بېرىلدى. 2008-يىلى ئۇيغۇرىستان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا مىرسۇلتان ئەپەندى بىلەن ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە دىۋانشۇناسلىقتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن تون كەيدۈرۈلدى.
ئالىمنىڭ دەۋىرداشلىرى مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ھەققىدە توختۇلۇپ يەنە “ئانا تىل مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ يىلتىزى. ئانا تىلنى ئۆگىنىش، قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەنە شۇ تىل ئارقىلىق تىلى چىققان ھەر قانداق كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، بۇرچى ۋە ئانا تىل ئالدىدىكى قەرزى. بىر نېمىس ئالىمى شۇنداق دەيدۇ: بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ روھى، بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدۇر. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، مۇكەممەللىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان، مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مىننەتسىز تەتقىق قىلىۋاتقان، تەر تۆكۈۋاتقان، ھېرىش-چارچاشنى بىلمەيدىغان ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشى، سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيۋاتقانلىقىغا قارىماي، خۇددى 50 نەچچە يىل بۇرۇنقىدەكلا خىزمەتكە ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ھازىرمۇ ياشانغىنىغا قارىماي، دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ،” دەپ يازدى.
ئاكادەمىك ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەقىدە توختۇلۇپ: بۇ يىل توپتوغرا 85 كە كىردىم. ئەمەلىي يېشىمنى سۈرۈشتۈرسەڭلەر مەن ئاللىقاچان يۈز ياشتىن ئېشىپ كەتتىم. چۈنكى تۈرمىدىكى بىر يىلىم ئون يىلغا تەڭ دېسەم ئارتۇق كەتمەس. تۈرمىدىكى توققۇز يىلنىڭ تۆرت يىلىنى ئالتە كىلو ئېغىرلىقتىكى كىشەن بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ئاچلىق، دەھشەتلىك قىيىن قىستاقلار دەستىدىن ئۆلۈپ قالمىغىنىمغا ھەيرانمەن. تۈرمىدە ئۇرۇلغان قاتتىق شاپىلاق بىر قۇلىقىمنى پاڭ قىلىپ قويدى، يەنە بىر قۇلىقىممۇ قېرىلىق دەستىدىن ئاجىزلاشتى.
مەن 83 ياشقا كىرگەندە نەۋايىنىڭ چاھار دىۋانىدىن ئىككى تومنى نەشرگە تەييارلىدىم. 84 يېشىمدا قۇتادغۇبىلىكنىڭ پەرغانە نۇسخىسىنى نەشرگە تەييارلىدىم. 85 كە كىرگىنىمدە مىڭ بەتتىن ئارتۇق دىۋان خاراباتىينىڭ تەھرىرلىكىنى تۈگەتتىم. ئون ئىككى مۇقام ئىلى ئۇسلۇبىنىڭ تېكىستلىرىنى ئىشلەپ يېقىندا تۈگەتتىم.
قېرىلىق، كېسەللىك تەرەپ تەرەپتىن قىستاپ كېلىۋاتىدۇ. ئالدىمدا تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان ئىشلارنى مەن بىرەيلەن تۈگىتىپ بولۇشۇمغا كۆزۈم يەتمىدى. ياشلارغا نۇرغۇن تېمىلارنى بېرىپ باقتىم ھېچكىم قىلمىدى.
ئەمدى ئارام ئالاي دەپ قەلىمىمنى تاشلىغان بۇ ئۈچ كۈن ماڭا گويا ئۈچ يىلدەك بىلىندى. ماڭا قەغەز، قەلەم، كىتاپتىن باشقا ياخشى دوست يوق ئىكەن. بارلىق خۇشاللىق ماڭا ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشتىن كېلىدىكەن.
مىللەتنىڭ بىر ئىشى بولسىمۇ ئازىيىپ تۇرسۇن، ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا قالدۇرۇپ قويماي، ياشلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىسىدىن بىرنى بولسىمۇ ئازايتاي. ئۇلار توسالغۇسىز ئىلگىرىلىسۇن_مىرسۇلتان ئوسمان دوستلار تارقىتىپ قويۇڭلار، بارلىق ئۇيغۇرلار كۆرسۇن، ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلسۇن…، دەپ ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئىلمىي ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىنى خۇلاسىلەيدۇ ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ياش ئەۋلاتلاردىن ئۆزىنىڭ كۈتىدىغانلىرىنى جىددىي، ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي شەكىلدە ئوتتۇرغا قويىدۇ.
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ھاياتى ھارماي-تالماي بىر كىشىنىڭ كۈچى بىلەن ئون كىشىنىڭ ئىشىنى قىلغان ھايات بولۇپ، قەدىرلىشىمىز، ئۈلگە قىلىشىمىز ۋە تەشۋىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى قۇددۇس خوجامياروف ۋە ئابدۇشكۇر مەمتىمىن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر ئىلىم دۇنياسىدا چاقنىغان ئۈچ ئالىمنىڭ بىرى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان مول ھوسۇللۇق يورۇق يۇلتۇزىمىزنىڭ بىرىدۇر. مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى يوقارقى ئىككى ئالىمىمىز بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدە دۇنياۋىي شۆھرەت قازانغان بولۇپ، بۇگۈن تارىخنىڭ تىرىك شاھىدى سۈپىتىدە ئارىمىزدا ياشاۋاتقان، مەشھۇر تىلشۇناس، شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىيدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقى يېتىشتۈرگەن يەنە بىر ئەنىسكلوپەدىك ئالىم ھېساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ قەدىمكى تۈرۈك تىلىرىنى، ئوتتۇرا زامان تۈرۈك تىللىرىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر-ئۇزبەك تىللىرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى ئىلىم دۇنياسىدا نۇر چېچىپ تۇرغۇسى،(ك.ئاتاھان)
10.08.2015 گەرمانىيە — ۋىتھ مىرسۇلتان ئوسمان.