خىتتاي دائىرىلىرى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىن ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن 4000 ئوقۇغۇچىنى تاللاپ خىتتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە «قايتا تەربىيەلەش»كە ئەۋەتىشنى پىلانلىغان.
شىنخۇا تورىنىڭ 16- مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ يىل ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەر»گە ئەۋەتىلىدىغان 4000 كىشىنىڭ 2013- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ۋە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە «تاللاش» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 22 ئالاھىدە نامرات ناھىيەدىن ۋە رايون مىقياسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىپ بېرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تاللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىلغىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارمۇ تاللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەربىيەلەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، بۇ ياشلار نۇقتىلىق ھالدا كارخانىلارغا يۈزلەندۈرۈلۈش ۋە ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
خەۋەردە، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى ياكى خىتتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى كارخانىلارغا يۈزلەندۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
خىتتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرخىل نام ۋە شەكىللەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ خىتتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇشى ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە قامالغان بىر شارائىتتا، ياشلارنىڭمۇ «تەربىيەلىنىش»كە ئەۋەتىلىشى تېخىمۇ دىققەت تارتىدۇ.
مەنبە: تۈركىستان تايمىر