ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك سەۋەبىدىن خىتتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۇردى
ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرىدە بىلدۇرۇشىچە، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ دېيشىچە،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتتاينىڭ غەربىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك باستۇرۇشىغا ئالاقىدار خىتتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىنسانى ھوقۇققا دەخلى قىلغۇچىلارنى نىشانلىغان قانۇنغا مۇۋاپىق دەپ قارالغاندا جازالايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كومتىتى مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىۋى لاۋرا ستون چارشەنبە كۈنى بىلدۇرىشچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتتاينىڭ ئاز بولغاندىمۇ ئون مىڭلىغان ئېتنىك ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قامىغانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا «2016-يىللىق ماگېنتسكى قانۇنى»ئاستىدا ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن.
بېجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ باستۇرۇشلىرىنى «تېرورغا قارشى خەلق ئۇرۇشى»شەرقىي تۈركىستاندىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنى ئاشقۇنلۇق ئامىللىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىلىنغان زۆرۈر بولغان قەدەم دەپ ئاقلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاينىڭ سىتاستىكىسىدا 10 مىلىيوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بىر كەڭرى زېىمىن بولۇپ، قانۇننىڭ سرتىدا قاماش پروگراممىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆز ئىچىگە نۇرغۇن كىشلەرنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغان ،ئاشكارا ھەددىدىن ئاشقان تۈزۈملەر ئىچىدە، چەتئەل تور بېكەتلىرىگە كىرەلمەسلىكتىن باشلاپ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈش قاتارلىقلار بار.
بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان لاۋرا ستون مۇنداق دىدى:بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالتە ژۇرنالستنىڭ قامالغان ئائىلە ئەزالىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ژۇرنالستلاردىن تۆت كىشى ئامېرىكا پۇقراسى، ئىككىسى ئامېرىكىدا ئولتۇرۇش سالاھىيتىگە ئىگە ئاھالە بولۇپ، ئۇلار ۋاشنگىتوندىكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدا ،شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيتى ھەققىدە خەۋەر بىرىدۇ.
ستون مۇنداق دىدى:«بىز قاماش مەركەزلىرى ھەققىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلار كىشنى بىئارام قىلىدىغان بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ » .«بىز خىتتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتىدىكى ئەندىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ۋە خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ھەر قانداق بىر پۇقرانى قاماشتا قانۇنى تەرتىپ ئۇسۇللارغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز »
شەرقىي تۈركىستاندا قارىماققا ھىچقانداق قانۇنى ئاساسسز ھالدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان «تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى»نى قۇرغان .ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ يەرلەرگە ھىچقانداق ۋاقىت چېكى بولماستىن ئاتالمىش سىياسى تەربىيە ئۈچۈن قامالغان كىشلەرنىڭ ئاز بولغاندا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.
بۇ پەقەت ئىلگىرى تىبەت رايونىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنغان چىن چۇۋەنگو ئىلىپ بارغان ناھايتى زور كۆلەمدىكى باشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قسمىدىن ئىبارەت. بۇ ھەرىكەتنىڭ باشقا تەرەپلىرى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نازارەت سستىمىسى ،زور ساندا ساقچىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش،دىنى يوسۇنلار ۋە كىيم-كىچەكلەرگە قارشى قاتتىق تۈزۈملەشتۈرۈش قاتارلىقلار بار.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قانۇن تۈزگۈچىلىرى مۇشۇ ئايدا «ماگېنتسكى يەرشارى قانۇنى»ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ۋاشنگىتوندىكى كۈنسايىن ئېشۋاتقان ئەندىشلەر توغىرسدا سىگنال بەرگەن ئىدى.
دۆلەت مەجلىسنىڭ جۇڭگو ئشلىرى مەمۇرى كومىتىتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسدىن بولغان رەھبەرلىرىدىن فىلوىدا شتاتىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو ۋە يېڭى جىرسى شتاتىدىن كىرىستوفىر سىمىس ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى تەررى بىرانستاند دىن رايوننى زىيارەت قىلىپ ،زور كۆلەمدىكى قاماققا ئىلىش سىياسىتىگە مەسئۇل شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتاي ئەمەلدارلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشنى سورىغان .
«يەرشارى ماگېنتسكى قانۇنى» ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىكى ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى چېرىكلىك مەسلىسدە رول ئالغانلىقى ئىشەنچلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئسپاتلانغان شەخسلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە مالىيە جەھەتتە جازالاشنى يولغا قويالايدۇ.
2017-دىكابىردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ،52 نەپەر شەخسنى بۇ قانۇن بويىچە جازالاش تېزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇلار روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن مىيەنمار گىنرالى ۋە تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىنسانى ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلىنى قامىغان بېيجىڭدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن خىتتاي ساقچى ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا مالىيە منستىرلىكىگە ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە چىرىكلىككە ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى نىشانلاش ھوقۇقىنى بىرىدىغان مەزكۇر جازا قانۇنى ئاستىدا، تېزىملىككە چۈشكەن شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بايلىقى توڭلىتىلىدۇ ۋە ئامېرىكا بانكىلىرىغا كىرىپ ئىش بىجىرىشى چەكلىنىدۇ.
خىتتاي تاشقى ئىشلار منستىرلىكى باياناتچىسى خۇۋاچۇنيى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «خىتتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى ۋە ئاساسسز ئەيىپلىدى >>دەپ ئاگاھلاندۇردى. خۇدا يەنە :«شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار تىچلىق ئىچىدە ياشايدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ، تەرەققىيات ۋە خۇشال تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ»دىدى.
ئەسكەرتىش: «ئۇيغۇر راست سۆزلەش ھەرىكىتى » باشلاندى،نەتىجىسمۇ كۆرۈلۇۋاتىدۇ. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ تۇققانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتتى .
سزنىڭ بۇنى ئوقۇغانلىقىڭىز سزنىڭ چەتئەلدە ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ. ۋەتەندە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز، دوسلىرىڭىز، خوشنىلىرىڭىز ئېغىر خەۋپ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن سزنىڭ ۋە مېنىڭ مەسئۇلىيتىم ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان مەسىللەر يەنى ئاشكارا ئاسسلماتسيە ۋە مەخپى قىرغىنچىلىق ھەققىدە پەقەت ئاشكارا قىلىشتۇر. ھەق سۆزلەشتۇر، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز سىزنىڭ ھىچبولمىسا ھەق گەپنى ئۆزىڭىز بىلىدىغان تىلدا دۇنياغا، تاراتقۇغا، ھۆكۈمەتلەرگە، چەتئەل پۇقرالىرىغا، تەشكىلاتلارغا راستچىللىق بىلەن پاكىتلىق ھالدا ئاڭلىتىشڭىزنى ئۇمىد قىلىدۇ. سز چوڭ ئىش قىلالماي،كىچىك ئشنى ياراتماي يۈرگىچە، ھىچبولمىسا مەخپى نامدا بولسمۇ ، راست گەپنى قىلىڭ، بۇنداق قىلىشڭىز سزنىڭ ئالاھىدە ئىنقىلاپچى ئىكەنلىكىڭىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ ،ئۇيغۇرنى ئازات قىلىشى ناتايىن، ئەمما سزنىڭ يەنىلا ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنىڭ بىردىنبىر ئسپاتىدۇر.