ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۇيغۇر مۇخبىرلار ھەققىدە بايانات بەردى
ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، دۆلەت دىپلوماتىيەسى ۋە ئاممىۋى ئالاقە ئىشلىرى سېكرېتارىنىڭ ئورۇنباسارى خېزېر ناۋر4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مۇنداق دىدى:
ئەڭ ئاخىرىدا، خۇددى سلەر كۆرۇۋاتقاندەك، بۈگۈنكى بۇ مىھمانلىرىمىز باشقا كۇنلەردىكىگە قارىغاندا بىر ئاز كۆپ، ئۇلار مانا ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپتۇ، مەن بۈگۈن ئۇلارنىڭ دۆلەت مەھكىمىسگە كەلگىنىدىن بەك شەرەپ ھىس قىلىمەن. ئۇلار ئۇيغۇر مۇخبىرلار بولۇپ، ئۇلار ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدا ئشلەيدۇ. تۈنۈگۈن مىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سائەت ئەتراپىدا بىللە ئولتۇرۇپ سۆزلىشش پۇرستىم بولدى. بىز ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قىسمەتلىرىنى ئاڭلىدۇق. بۇ مۇخبىرلارنىڭ قىسمەتلىرى بولۇپمۇ ،بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى تۈرلۈك پاكىتلارنى ئۆز يۇرتىغا يەتكۈزۈش نەتىجىسدە ئۇلارنىڭ بېشغا كەلگەنلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسنىڭ بېشىغا كەلگەنلىرى ئىشەنگۈسز دەرىجىدە ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ.
شۇڭلاشقا مەن تۆۋەندە مۇنۇلارنى جاكارلايمەن :
ئامېرىكا قوشما شتالىرى خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسايىن ئېشۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدە بارغانسرى ئەندىشلەنمەكتە.مەن تۈنۈگۈن ئامېرىكىنى بازا قىلغان بۇ ئالتە نەپەر مۇخبىر بىلەن كۆرۈشتىم. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ نەچچە ئونلىغان تۇققانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، سەۋەبى ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان .
سلەر مۇخبىرلار ھەر كۈنى بۇ يەردە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئەركىن ھالدا قىلىپ كىلىۋاتقان خىزمەتنى قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇخبىرلارنىڭ تۇققانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، دۆلىتىمىزدە مۇخبىرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۇققانلىرى ھىچقانداق خىيىم-خەتەر، قېيىن-قستاققا دۇچ كەلمەي ئشلەيسلەر!
مەن بۇگۇن ئۇلارنى سلەرگە تونۇشتۇرماقچى، ئالدى بىلەن مەمەتجان جۈمە،خۇش كەپسز، ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرى، شۆھرەت ھوشۇر، شۆھرەت، قىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، كۆپ رەھمەت، ئۇمۇ ئەركىن ئاسيا رادىئوسدىن، ئەمدى ئالىم سېيىتوف، سلەر بەكلا رەتلىك ئولتۇرۇپسلەر، رەھمەت، تونۇشقا بەك ئاسان بولدى،نىمىدىگەن تەشكىللىك سىلەر!
يەنە روھى ماھاجان (ئەركىن ئاسيا رادىئوسى -تاشقى ئشلار بۆلۇمىدىن ھىندىستانلىق)
سىلەرگە كۆپ رەھمەت!
ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىۋى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتتايغا باردى، ئۇ بىزگە خىتتايدىكى كىشنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان مەنزىرىنى سۇرەتلەپ بىرىدىغان ۋەزىيەت ھەققىدە قسقىچە خەۋەر بەردى. بىز خىتتايدىكى دىنى ئېتىقاد ۋە دىنغا ئىشنىش ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ھەدىدىن زىيادە چەكلىمىلەر ھەققىدە قاتتىق قايغۇرىمىز.
بىز يەنە خىتتاينىڭ باشقا ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى خىتتايغامەجبۇرى قايتۇرۇشقا بېسم قىلىۋاتقانلىقىغا ياكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇققانلىرىغا بېسم قىلىۋاتقانلىقىغا قايغۇرىمىز!
بىز يەنە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان تۇتقۇن قىلىش ۋە مسلى كۆرۇلمىگەن نازارەت قىلىش قىلمىشى ھەققىدە ئەندىشە قىلىمىز،بىز ئەركىن ئاسيا رادىئوسنىڭ جەسۇر مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمىز. بىز خىتتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ چوڭقۇر ئەندشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرىمىز.
بىز ختتاينى تەتۇر ۋە خاتا سىياسەتلىرىنى تۇگېتىشكە چاقىرىمىز ۋە بارلىق قانۇنسز تۇتقۇن قىلىنغان كىشلەرنى قويۇپ بىرىشكە چاقىرىمىز!
مەن ئۇلارنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشنى تىلغا ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ،مەن ئۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن سۆزلەشكەن، بۇگۇن كىلەلمىدى ئۇنىڭ دەپ بىرىشچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭ 23 نەپەر ئائىلە ئەزاسى قولغا ئىلىنغان، تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭلار، ئۇ سىلەرگە ئوخشاش ئامېرىكىدامۇخبىرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 23 نەپەر تۇققىنى قولغا ئىلىندى دىگەن گەپ.
تۈنۈگۈنكى سۆھبەتتىن نۇرغۇن نەرسلەرنى بىلىۋالدىم. ئەگەر ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىسمىتىگە قىزىقىدىغانلار بولسا، ئۇلارغا ھەم سىلەرگە مۇۋاپىق بولسا بۇ باياناتتىن كېيىن سىلەرنى بۇ جەسۇر مۇخبىرلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرىمەن.