“ئانا تىل دەرسلىكى” ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
يۇرت تېشىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2017- يىلىدا رۇياپقا چىققان خۇشاللىنارلىق ئىجادىي مېھنەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئانا تىل دەرسلىگىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر تىلىنى “ئانا تىلىم، جان تىلىم” دەپ يېپىشقان ئۇيغۇر ئائىلەلىرى ۋە بۇ تىلنىڭ غۇرابەتتىكى مەۋجۇدلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان ياش ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئارماغان بولغان بۇ تۇنجى سوۋغىنى ئىككى كۈن ئىلگىرى پوچتىدىن تاپشۇرۇپ ئالدىم.
كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ باشتىن ئاخىر ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. توغرا! قۇرمۇـ قۇر، بەتمۇ- بەت ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. كۆركەم ۋە يېقىشلىق شەكلى نۇسخىسدىن چىرايلىرىمغا كۈلكە يۇغۇردى؛ ھەر بىر بەتتىكى جەلبكار ۋە تىرەن پىكىرلىق مەزمۇنلار مىنى چوڭقۇر ئويلارغا باشلاپ ماڭغانسىرى، ئاپتۇرنىڭ بۇ 158 بەتلىك كىتابنى تۈزۈش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەقلىي ئىقتىدارىي ۋە بىر مائارىپچىغا خاس ئىستىدادىغا شەكسىز قايىل بولدۇم.
بۇ ئەمەلىيەتتە نوقۇل بىر تىل مەشق تېكىستلىكى ئەمەس بەلكى ئانا تىلنىڭ ھەر قايسى ئىنچىكە ھۆجەيرىلىنى تىل مەۋجۈدلىقىنىڭ رەڭدار سەھنىسى بۇلغان جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئىنسانلار توپى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان ۋە ئوقۇغۇچى ۋە ئۆگەنگۈچىگە مۇكەممەل تىل- مەدەنىيەت ئاساسىي سالالايدىغان بىر ئۈنۋېرسال قوللانما ئىكەن دىسەم مۇبالىغە قىلغان بولماس دەپ ئويلايمەن.
بۇ كىتاب ئۆز مەزمۇنلىرى بىلەن بىز ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلىدىغان مۇستەقىل مائارىپ ئەندىزىسىنى ياقىلاپ، ئەۋلادلىرىمىزغا كۆپ تەرەپلىمىلىك تەپەككۈر يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان ۋە شۇنداقلا مائارىپ، دىنىي تەربىيە، ئەخلاقىي مىزان، گۈزەللىك قارىشى ۋە ئىجادچانلىق تەربىيەسى قاتارلىق نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ جەۋھەرىي جۇغۇندىلىرىنى ئاددىي ۋە ئىشلىتىشچان ئۇسۇللار بىلەن سەبىي دىللارغا سىڭىشلىق ھەزىم قىلدۇرالايدىغان بىر ئۆزگىچە قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەن.
كىتابنىڭ 49- بېتىدىن 53- بېتىگىچە كىرگۈزۈلگەن ” ئۇيغۇرسىز قۇشلار” دىگەن بۇ تېكىست ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلدى. توغرا بىز ئەنە شۇنداق بىر رەڭگارەڭ مەدەنىيەتكە، بەس-بەستە سايرىشىدىغان تەپەككۈرلارغا ئىگە مىللەت ئىدۇق. بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۈدلۇق كىرزىسى بىزنىڭ قاتلام قاتلاملىرىمىزغا يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر زاماندا، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىڭ ئەڭ خاس بەلگىسى بولغان ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش بىزگە دىنىي ئىتىقادىمىزدىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم بىر ۋەزىپەدۇر. بىزمۇ ” تىلسىز ئۇيغۇرلار” بولۇپ قالارمىزمۇ؟ دىگەن سۇئال قايتا-قايتا نېرۋىلىرىمنى چىرمىۋالدى. ياق… دېدىم. چۈنكى بىزدە شۇنداق ئانا تىل ئۈچۈن جان تەسەددۇق پىداكارلار بار ۋە بۇ ئەزىز تىلنى سۆيۈپ قوغدايدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىۋاتقان ئەجرى ئالتۇن مېھنەتكارلار بار.
ئۇستاز ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە باشقا ئانا تىل پاسىبانلىرىغا رەھمىتىمنى ئىزھار ئەيلەپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى يازدىم.
ئىلاھىم ياراتتىڭ بارچە مەخلۇقنى،
ھەم شۇلار تۇنۇشار ئۇششاق تىلنىمۇ.
ئۇيغۇر دەپ ياراتتىڭ، شۈكرى مىڭ شۈكرى،
ئادىلسەن، ئايرىيسەن قىل ۋە پىلنىمۇ.
بۇ تىلدا ئۆگەندىم ھەق ۋە ناھەقنى،
فۇرقاننىڭ مەناسى، سۈننەت يولنىمۇ.
ئايرىما ئەي رەبببىم ئۇيغۇر بەندەڭنى،
ئۇيغۇرنىڭ تىلىدىن، ئەجەل كەلسىمۇ!
بۇ كىتاب بىلەن تۇنۇشقان ئاتا- ئانىلاردىن ئاۋال كىتاب ۋە كىتابتىكى بارلىق مەزمۇنلار بىلەن ئەستايىدىل تونۇشۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ كىتاپ ئىشكابلىرىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ تىزىلىپ يېڭى پېتى ساقلىنىشىنى ئەمەس بەلكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىگە ئۇرۇنلىشىش يولىدا رەپرەپ بولىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.
ئاپتۇرنىڭ ئىلمىي ئىجادىيىتى ۋە بارلىق ئىشلىرىغا رەببىم سۇبھانە ۋەتەئەلادىن ئاسانلىق سورايمەن.
ئېھترام بىلەن.
نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركستانى
2017- يىل 3- ئاينىڭ 3-كۈنىھ