ئانا تىلىم ___ ئىپتىخارىم
(ئېتوت)
ئاپتورى: ئىخلاس
(“تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى” ئانا تىل سىنىپى ئۈچۈن )
( تەنەپپۇس ئارىلىقى. بىر توپ بالىلار بىر يەرگە يىغىلىشىپ، تۈركچە بالىلار ئويۇنى ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش)
Askerler patates yerler,
Kimiyi vurmak isterler.
Askerler patates yerler,
Kimiyi vurmak isterler.
( سەھنىگە ئىككى ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقان ھالەتتە كىرىدۇ)
ئا: قارا ئاداش بۈگۈن سىنىپ مەسئۇلى مېنى بەك خىجىل قىلىپ قويدى.
ب: نېمىشقا ئاداش؟ دەرسلەردە چېكىنىپ قالمىغانسەن؟
ئا: گەپ مەندە ئەمەس.
ب: ھە… ھە… نېمىش بولدى دېگىنە تېزراق.
ئا: سىنىپدىشىمدىن بىرسى مېنىڭدىن بىر سوئال سورىسا ئېسىمدە يوقلا تۈركچە جاۋاپ بېرىپ ساپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىنىپ مەسئۇلىمىز ئاڭلاپ قېلىپ: “سىلەر بىر مىللەت تۇرۇپ نېمىشقا ئۆز تىلىڭلاردا سۆزلەشمەيسىلەر؟ ” دەپ سوراپ قالدى.
ب: ھە… ھە… شۇنىڭ بىلەن.
ئا: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساۋاقدىشىمنى” ئۆز تىلىمىزنى ياخشى چۈشەنمەيتى” دەپ ساپتىمەن خۇدايىم با. ئېچىلدى ئاغزى ، يۇمۇلدى كۆزى.
ب: ھە… ھە… شۇنىڭ بىلەن.
ئا: ” ۋەتىنىڭلاردىغۇ تىلىمىزنى ئىشلىتەلمىدۇق، قوللىنالمىدۇق دەپ زارلاندىڭلار، نالە قىلدىڭلار، دەۋامۇ قىلدىڭلار. بۇ يەردە كىم توستى؟
ئەركىن دۇنيادا كىم توستى؟؟؟ ” دېمەسما. شۇنىڭ بىلەن…
ب: ھە… ھە… شۇنىڭ بىلەن.
ئا: ھە… ھە… دەۋېرىدىكەنسەن ئاداش. نېمە بولماقچىتى بېشىم قېيىپ، كۈندۈزدە يۇلتۇز كۆردۈم شۇ. بولدىما.
ب: ھا… ھا… ھا… ئاداش خاپا بولمىغىنە. ” ھە… ھە ” دەپ كۆنەپ قاپتىمەن. دەلىۋېرە. قىزىق يېرى چىقىۋاتىدۇ.
ئا: شۇنداق. ئىچىڭنى قىزىق قىلىدىغان يېرى ئەمدى چىقىدۇ ئاداش.
ئەنسىرمە. شۇنداق قىلىپ ئۇ مۇئەللىم:” ئانا تىلىڭلارنى ياخشى ئۆگىنىڭلار، ئوبدان قوغداڭلار، ئۆزەڭلارنىڭ تىلىنى ئۆزەڭلار قوغدىمىساڭلار ، باشقىلار كېلىپ قوغداپ بېرەمتى. ئاۋۋال ئانا تىلىڭلارنى پۇختا ئۆگىنىڭلار،ئاندىن باشقا نەرسىلەرنى چۈشۇنۈشكە تىرىشىڭلار.
بولمىسا ھەممە نەرسىنى يېرىم-يارتا چۈشۇنۈۋالىسىلەر. ھەتتا دىنىڭلارنىمۇ يېرىم- يارتا چۈشۈنۈۋالىسىلەر. ئانا تىلىڭلارنى ئۇنۇتساڭلار، ۋەتىنىڭلارنىمۇ ئۇنتۇيسىلەر. راست گەپنى قىلسام، ئانا تىلىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سىلەرگە ئوخشاس يەنە بىر قوۋمنى كۆرمىدىم” دېدى.
“قىززىق” يېرى چىقتى مانا. بولدىما ئاداش.
( ب بېشىنى سەل ئىگىپ، تۆۋەن ئاۋازدا )
ب: شۇنداقمۇ دېدىما.
ئا: ھەئە. دېدى.
( شۇ ئارىدا توپلۇشۇپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ بىرسى)
س: Baksanıza bu ıkı zavallı Türkçe konuşamıyor galıba.
( ئا بىلەن ب بىر- بىرىگە قارىشىدۇ ۋە بىرلىكتە س غا قاراپ تۇرۇپ)
گالىبا… ئەھھە… گالىبا…
( د س نىڭ يېنىغا تېز قەدەم بىلەن كېلىدۇ ۋە )
د: Bunlar kazım Özalp okulunun çalışkan öğrencileri. Öykü yarışmasında kazananlar. Sen bunu bilmiyormuydun.
س: hiç duymamışım valla.
ئې: yazık… yazık
( ئا س نىڭ يېنىغا كېلىدۇ ۋە)
ئا: تۈركچىنى بەك ياخشى سۆزلەيدىكەنسەن-ھە!
س: Estağfurullah efendim.
ب: قارىغاندا ئۇيغۇرچىنىمۇ ئوبدان سۆزلەيدىغان ئوخشايسەن.
( س سەل دۇدۇقلايدۇ. بېشىنى قاشلايدۇ)
س: Yani, anlıyorum.
(ف تېز قەدەم بىلەن كېلىدۇ)
ف: بۇ دېگەن تۈركىيەدە تۇغۇلغان.
( ئا بىلەن ب بىر- بىرىگە قارىشىدۇ. ئاندىن ف گە قاراپ، تەڭلا)
ئا: ب: بىزمۇ تۈركىيەدە تۇغۇلغان.
( ف ھەيرانلىق بىلەن ساۋاقداشلىرىغا قارايدۇ )
ف: شۇنداقما…
ئا: شۇنداق ساۋاقدىشىم. بىزمۇ خۇددى مۇشۇ ساۋاقدىشىمىزغا ئوخشاش تۈركىيەدە تۇغۇلغان. ئەمما ئاتا- ئانىمىز قۇلىقىمىزغا، يۈرىكىمىزگە: ” ئوماق باللىرىم! ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مۇقەددەس تۇپراقلارغا، ئانا تىلىمىزنى ئۇنۇتقان ھالدا دەسسىمەڭلار” دەپ جېكىلەپ كەلگەن.
( ب سۆز قىستۇرىدۇ)
ب: شۇنداق. ھەرقانداق نەرسىنىڭ قەدر- قىممىتىنى ئالدى بىلەن ئاتا- ئانا ئۆگەتمىسە كىم ئۆگىتىدۇ.
(گ بىر قەدەم ئالدىغا چىقىدۇ)
گ: راستكەن. مەن بىر قېتىم: ” ئاپا، تاپشۇرۇقلىرىم قېنى؟” دېسەم،” ئۆدەۋلىرىڭ چانتاڭدا ” دېگەنتى. شۇندىن كېيىن ئاپام خۇش بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆگەنگەن تۈركچە سۆزلىرىمنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولدۇم.
( خ ئالدىغا بىر قەدەم چىقىدۇ )
خ: مەنمۇ بىر قېتىم: ” ئاپا، كىيىملىرىم نەدە؟ ” دەپ سورىسام ” دولاپتا” دېگەنتى.
( ئا سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ)
ئا: شۇنداق. بىر قىسىم ئاتا- ئانىلىرىمىز ئۆزلىرى بىلىپ- بىلمەي بالىلىرىنى ساۋاتسىز ياكى يېرىم ساۋات قىلىپ قوياۋاتىدۇ. ئۇلار: ” تىلىمىزغا ئاسانكەن دەپ، ئىستاكاننى “بارداك” ، ئەخلەتنى” چۆپ” ، كوچىنى” سوكاك” دەپ خالىغانچە ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بالىلارغا قانچىلىك زىيىنى بولىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ.
س: ساۋاقداشلار. بىز نېمە ئۈچۈن ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنىدە ئانا تىلىمىزنى خاتىرلەيمىز بىلەمسىلەر؟
( بالىلار تەڭلا جاۋاپ بېرىدۇ )
__ بىلمەيدىكەنمىز.
( س سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ )
س: 1952- يىلى. دەل 2- ئاينىڭ 21- كۈنى. باڭلادىشتىكى مىللەت سۆيەر قېرىنداشلىرىمىز ئانا تىلنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا قوللىنىلمايدىقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ كو- چىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ. ئەنە شۇ نامايىشتا ئەبۇ بەرىكەت، رەفىقۇددىن ئەخمەت، سەيفۇل راخمان قاتارلىق بەش نەپەر قېرىندىشىمىز ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
( د ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپ سۆزلەيدۇ )
د: كېيىن باڭلادىش مۇستەقىل بولىدۇ. خەلق بۇ پىدائىيلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۇن ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنىنى خاتىرە كۈنى قىلىدۇ.
( ف بىر قەدەم ئالدىغا چىقىدۇ )
ف: 1999- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار ماقۇللاپ 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنىنى ” دۇنيا ئانا تىل كۈنى” قىلىپ بېكىتكەن.
( ئا سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ)
ئا: كۆردۈڭلارمۇ ساۋاقداشلار. باشقىلار ئانا تىلى ئۈچۈن قېنىنى، جېنىنى پىدا قىلىۋاتىدۇ. بىزچۇ؟؟؟
( ھەممە بالىلار تەكشى ئاۋازدا، تاماشىنلارغا قاراپ )
__ بىزچۇ؟؟؟
ب: بىز ئانا تىلىمىزنى ئېغىزىمىزدا سۆيەۋاتىمىز ، ئەمىليىتىمىزدە كۆڭۈل بەرمەيۋاتىمىز. بالىلىرىمىز ئىسىم- فامىلىلىرىنى زىر- زەۋەر بىلەن يېزىپ يۈرسىمۇ، ئۇيغۇرچىنى بىلىدۇ دەپ ئۆزىمىزنى ئالداۋاتىمىز. ھەتتا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزدە قانۇن تۈزۇپ قاتتىق چەكلەۋاتسىمۇ، بىز يەنىلا ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلمەي يۈرىۋاتىمىز. ئانا تىلىمىز يوقالغان كۈنىدە ئاندىن بىز بۇ نېمەتنى بىلىپ يېتىدىغان ئوخشايمىز.
( بالىلارنىڭ ھەممىسى بىر سىزىقتا تەكشى تۇرىدۇ ۋە تۆۋەندىكى رۇبائىنى دېكلاماتسىيە قىلىدۇ )
ئانا تىل قىممىتى كەتكەندە چۈشۈپ،
ئابرويۇڭ ھەرگىزمۇ كېتەلمەس ئۆسۈپ.
ئانا تىل قىسمىتى مىللەت كەلگۈسى،
ئۇنىڭسىز ئىستىقپال قالغۇسى ئۆكسۈپ.
( دېكلاماتسىيەدىن كېيىن بالىلار تاماشىبىنلارغا ئىگىلىپ سالام قىلىدۇ )
2018- يىلى فېۋرال
تۈركىيە ئىستانبول