ئانا تىلىمىزنى جان تىكىپ قوغدايلى!
قۇتلۇق ئوردا
2017 – يىل 1 – سېنتەبىر. تارىخىمىزدىكى يەنە بىر قارا كۈندۈر!
خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرى، بۇ يىل 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى!
بۇ، مەن 2017 – يىلى كىرگەندىن بۇيان ئاڭلىغان، ۋەتەندىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامان، ئەڭ قورقۇنۇنچلۇق، قوبۇل قىلىش ئەڭ تەس بىر خەۋەر ئىدى. خۇددى ئۇشتۇمتۇت، ئاتا – ئانام ۋە ياكى بىر تۇققان قېرىنداشلىرىمدىن بىرىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندەك، تۇيۇقسىز دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك دەرت – ئەلەملىك ئىدىم. روھىمدا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر قورقۇنچ، غەزەپ ۋە چارىسىزلىك نەرە تارتاتتى!
ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە چەكلىنىشى ئەمىلىيەتتە، ئانا تىلىمىزنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم ئېتىلىشى ئىدى. بۇ ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇپ كېتىشىدىن دېرەك بېرەتتى!
بۇندىن 20 يىل بۇرۇن، ۋەتەندىكى بىر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم. شۇ چاغدا بىرسى ماڭا «يەنە 20 يىلدىن كېيىن بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىدۇ» دېسە، «ياق بۇ مۈمكىن ئەمەس!» دېگەن بولاتتىم. چۈنكى مەن، خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ تۈگۈتۈش قارا نىيىتىنىڭ بارلىغىنى بىلىپ تۇرساممۇ، نىقاۋىنى بۇ قەدەر ئوچۇق ۋە بۇنچىلىك تېز ئېچىپ تاشلىشىغا ئىشەنمەيتتىم. «ھېچ بولمىسا خەلقئارا جەمئىيەتتىن تەپ تارتىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ» دەپ ئويلايتتىم. خاتالاشقىنىمنى بىلدىم.
2017 – يىل 1 – سېنتەبىر، ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلى، ئۆزى يارالغان ئانا ۋەتىنىدە چەكلەنگەن، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلگەن ئېچىنىشلىق قارا كۈن سۈپىتىدە تارىخىمىزغا يېزىلىدۇ!
ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى – بىر تۈرلۈك تىل ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىغىدۇر!
تىل، بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىگىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ئامىل. بىر مىللەتنىڭ مللىي مەۋجۇتلىغىنى، ئۇنىڭ ئانا تىلىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى، ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقا ئىگە، سىناقلاردىن ئوتكەن، سوز بايلىغى مول، ئىپادىلەش كۈچىگە باي، گۈزەل بىر تىل. تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز مۇشۇ تىل بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلغان – ئۇيغۇرنىڭ تىلى! ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرلۇقۇمىزنىڭ جېنى!
دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە بىباھا تۆھپە بولۇپ قوشۇلغان مىراسلىرىمىزدىن «قۇتاتقۇ بىلىگ»، ناۋايى ئەسەرلىرى، ئون ئىككى مۇقام تېكستلىرى ۋە يەنە ئەجداتلىرىمىز بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپلىگەن تارىخىي، ئەدەبىي، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا تۈرلۈك ساھە ھەم ژانېرلاردىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار مۇشۇ تىل بىلەن خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇر تىلى، بۈگۈن دۇنيادا ھايات ياشاۋاتقان 10 نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ تىلى بولۇپلا قالماي، بىزدىن بۇرۇن ياشىغان تەۋەرۈك ئەجداتلىرىمىز، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى، مەلىكە ئامماننىساخان، ئابدۇرېھىم نىزارى، نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر …..لەرنىڭ تىلى. ھەم شۇنداقلا، بىزدىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان مىليونلىغان ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك ئانا تىلى!
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى قائىدە – قانۇنلىرىدا، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇش، تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئېنىق بېكىتىلگەن. خىتتاي ئۆزى تۈزگەن ئاپتونومىيە قانۇنلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. لېكىن خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇ قېتىم، نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلىرىغا، نە ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلمىدى.
تارىختىن بېرى، مۇستەملىكىچى زالىم ھاكىمىيەتلەرنىڭ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللەتلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشتا، ئىشنى ئۇلارنىڭ تىلىنى يوقۇتۇشتىن باشلىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. خىتتايلار ھەم شۇلاردىن بىرى.
2000 – يىللارنىڭ بېشىدا، جۇ كۈنرېن ئىسىملىك بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتتاي ئەمەلدارى يېزىپ تەييارلىغان ۋە كېيىن ئاشكارا بولۇپ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن «شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى توغرىسىدا يۈزەكى مۇھاكىمە» دېگەن دوكلاتتا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «تىل بىر مىللەتنىڭ جېنى، بىر مىللەتنى كۆڭۈلدىكىدەك كونتۇرۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى – ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاستا – ئاستا يوقۇتۇشتىن ئىبارەت. خۇ ياۋباڭ سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىق شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويدى…» (1) دېيىلگەن، ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق يوقۇتۇش ھەققىدە تەپسىلىي تەكلىپ ۋە چارە – تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاخىرقى 15 يىلدا خىتتايلار كۈچەپ يولغا قويغان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى»، «قوش تىللىق مائارىپ» ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن تامامەن چەكلەش تەكلىپلىرىمۇ ئاشۇ دوكلاتتا يەر ئالغان.
دېمەك، خىتتاي بۇ قېتىم نىقاۋىنى تامامەن يىرتىپ تاشلىدى. ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇيغۇر مىللى كىملىگىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنياغا ئاشكارا جاكارلىدى! شۇڭا بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە رەسمىي يۇسۇندا چەكلىنىشىنى، خىتتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە يۈرگۈزگەن بىر قېتىملىق تىل ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەپ ئاتىساق ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز!
بۈگۈنكى كۈندە، ھەر خىل مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ دۇنيادا باراۋەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن قەبىلە – مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسۈتۈلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئىلغار دولەتلەر ۋە تەشكىلاتلار، ئادەملەرنىلا ئەمەس، ھەتتا نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ھايۋاناتلار، قۇشلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ماددى ۋە مەنىۋى كۈچلەرنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر دەۋردە، جاھان مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەتنىڭ تىلى – ئۇيغۇر تىلى ۋە بۇ تىلنى ئەسىرلەر بويى ياشنىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى، خىتتايدىن ئىبارەت بىر مۇستەبىت، زوراۋان ھاكىمىيەت تەرىپىدىن، زورلۇق بىلەن تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈلسە، بۇ يالغۇز بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلىق ئالىمى ۋە بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيا ئۈچۈن ھەم بىر تراگىدىيە، بىر زور يوقۇتۇشتۇر!
مىليونلىغان سەبى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى – مەجبۇرىي ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرىدۇر!
يېقىندا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر نەچچە سېكۇنتلۇق بىر ۋىدىئو كۆرۈنۈشى تارقالدى. ئۇنىڭدا 3 – 4 ياشلاردىكى بىر ئوماق ئۇيغۇر ئوغۇل بالىنىڭ يەسلىدىكى خىتتاي تەربىيىچىنىڭ ئۆگۈتۈشى بىلەن «گو چى» (دۆلەت بايرىقى) ۋە گو خۈي (دۆلەت گېربى) دېگەن خىتتايچە سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتا قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىقىنى، 10 قېتىملاپ تەكرارلاپمۇ، خىتتاي ئوقۇتقۇچىنى رازى قىلالمىغان چاغدىكى بىچارە تۇرقىنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم ئېچىشىپ كەتتى. مانا بۇ، نۆۋەتتە خىتتايلار ناھايىتى زور مەبلەغ سېلىپ، ۋەتەننىڭ چەت – يېزا قىشلاقلىرىغىچە تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان ئاتالمىش، «قوش تىل» يەسلىسىگە بېرىۋاتقان 3 – 6 ياش ئارىسىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈن!
بۇ بالىلار، خوتەننىڭ، قەشقەرنىڭ ۋە ئاقسۇنىڭ %100 ئۇيغۇر ياشايدىغان يېزا – مەھەللىلىرىدە تۇغۇلغان، ئانا تىلى -ئۇيغۇر تىلىدا تىلى چىققان. ئەمدى ئۇلار 3 – 4 يېشىدىن باشلاپ يەسلىگە بېرىشقا، يەسلىدە خىتتايچە ئۆگۈنۈشكە مەجبۇر! روھىي دۇنياسى گويا بىر پارچە ئاق قەغەزدەك پاك، بۇ دۇنيادا مىللىي زۇلۇم، ئاسمىلاتسىيە، تەڭسىزلىك دېگەن نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بىلمەيدىغان ۋە ئۇنى بىلىش ھەم چۈشىنىش يېشىدىن تېخى ئۇزاقتا بولغان بۇ بىغۇبار پەرزەنتلىرىمىز، ئۇيغۇردىن ئىبارەت مەھكۇم بىر مىللەتنىڭ، پەرزەنتى بولۇپ تۆرەلگەنلىگى ئۈچۈن بالىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ غەمسىز، ئەڭ تاتلىق چاغلىرى خىتتايچە ئۆگۈنۈش بېسىمى بىلەن نابۇت قىلىنىدۇ. بۇ بىر پاجىئە. ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاجىئەسى. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پاجىئەسىدۇر!
بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى، مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتتايلار ئەينى چاغدا ۋەتەندە يولغا قويغان ۋە ياخشى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدە كەڭ ئىزدەنگەن ۋە بۇ ھەقتە بىر قاتار ماقالىلەرنى يېزىپ ۋەتەن ئىچىدىكى تورلاردا ئېلان قىلغان ئىدى (2) (بۇ يەردە بۇ ماقالىلاردىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا ئىمكان يوق، تېخى ئوقۇپ باقمىغانلار ۋە ياكى قايتا ئوقۇشنى خالىغانلار بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇۋالسا ياكى ساقلىۋېلىپ كېيىن ئوقۇۋالسا بولىدۇ).
بۇ ماقالىلاردا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ئاتالمىش « قوش تىللىق مائارىپ»نىڭ ئەمىلىيەتتە يەككە تىللىق، يەنى خىتتاي تىلى مائارىپى ئىكەنلىگى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىلمىيلىككە تامامەن يات بولغان خاتا بىر ئۇسۇل ئىكەنلىگى، بۇنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى، دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرىشىگە توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىدىلەيدىغانلىقى، بالىلارغا ئىككىنچى يات تىلنى ئەڭ ياخشىسى باشلانغۇچ 4 – سىنىپتىن باشلاپ ئۆگەتسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى….سۆزلەنگەن ۋە بۇ نۇرغۇن دەلىل – پاكىتلار بىلەن شەرھىلەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا بۇ ماقالىلار ۋەتەندىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زىلزىلە پەيدا قىلىپ، بىر قېتىملىق ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى بويىچە مىللىي ئويغۇنۇش دولقۇنىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تور بەتلەردە قوش تىللىق مائارىپنىڭ سەلبى ئاقىۋەتلىرى ۋە ئانا تىلىمىزنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە قىزغىن بەس – مۇنازىرىلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلاندى.
تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسكى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان %100 خىتتايچىلاشقان مائارىپ ۋە ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، بېسىملار ھەم بۇنىڭدىن پەيدا بولغان روھىي زەخمە، بۇندىن 9 يىل بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. ئەينى چاغدا، نامدا بولسىمۇ «قوش تىللىق مائارىپ» ئىدى. ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسى بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆتىلەتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھىچ بولمىسا ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىش، «چىن تۆمۈر باتۇر»، «ئۇر توقماق» قا ئوخشاش بىر قىسىم مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، مەسەللىرى، نەسىردىن ئەپەندى ۋە سەلەي چاققان لەتىپىلىرى، سادىر پالۋان قوشاقلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى ئوقۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، ئەنئەنىلىرى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئاز – تولا بولسىمۇ تونۇشۇش ۋە ئۇنى چۈشىنىش پۇرسىتى بولاتتى. ئەمدى ئاشۇ كىچىككىنە ئىمكانىيەتمۇ يوق قىلىندى!
مۇشۇلارنى ئويلىغاندا، شەرقىي تۇركىستانكى يەسلىلەر، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى مىليونلىغان سەبىي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى، خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قىلىش چوڭ سىياسى سۈيقەستىنىڭ بىۋاستە قۇربانلىرى، ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىدۇر!
بۇ قەبىھ سۈيقەستنىڭ نوۋەتتىكى يەنە بىر بىۋاستە قۇربانلىرى – ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردۇر! ئالدىنقى 10 نەچچە يىل داۋامىدا يۈرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، نۇرغۇن تەجرىبىلىك، قابىل ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىتتايچە دەرس بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى ھېسابلىنىپ، ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن مەجبۇرى قوغلانغان. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆز كەسپىگە ھىچ ئالاقىسى بولمىغان كەسپلەرگە ئالمىشىشقا، بالدۇر پېنسىيەگە چىقىشقا، ھەتتا ئىشتىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتتاي ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەن. ئەمدىلىكتە پۈتۈن دەرسلەر خىتتايچە ئۆتىلىدىغان بولغان شارائىتتا، قېپ قالغان ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ پەيدىن – پەي ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن ئايرىلىشى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكى ئۆلكىلىردىن خىتتايلار كېلىپ ئورۇنلىشىدىغانلىغى ئېنىق.
يەنە 50 يىلدىن كېيىن، ۋەتەندە ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان ئۇيغۇردىن قانچىلىكى قالار؟
مائارىپتا ئىشلىتىلمەيدىغان، مەكتەپلەردە قوللۇنۇلمىغان تىلنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. خىتتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىيات پىلانىدا كورسىتىلىشىچە، خىتتاي يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۇركىستاندا 15 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن. بۇنىڭ 3 يىلى يەسلى، 12 يىلى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، 2020 – يىلغىچە يەسلىگە كىرىش نىسپىتىنى %98كە، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش نىسپىتىنى %90 كە يەتكۈزمەكچىكەن. (3) بۇ دېگەنلىك، ھازىر ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ۋە بۇندىن كېيىن تۇغۇلىدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ %90 تىن كۆپى 3 – 4 يېشىدىن باشلاپ 15 يىل مەجبۇرى خىتتايچە ئوقۇيدۇ، تەربىيىلىنىدۇ دېگەن سۆز!
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر ھەممە ئىشلار خىتتاي پىلان قىلغاندەك بولسا، يەنە 20 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ خېلى زور قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار چوڭ ئادەم بولۇپ جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ. ئۇلار خىتتايچە سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان ياكى يېرىم – ياتا سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچە ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىززىقمايدىغان تامامەن يېڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر، تېخىمۇ توغرىسى يېڭى بىر ئەۋلاد خىتتايلاشقان ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ! ئۇ چاغدا «كۆرۈدىغان ئادەم يوق»دەپ ئۇيغۇرچە تېلىۋىزور قاناللىرى يېپىلىدۇ، ئۇيغۇرچە ئوقۇيالايدىغانلار ئازلاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە گېزىت – ژورنال، كىتابلار بىر – بىرلەپ نەشر قىلىنىشتىن توختايدۇ.
يەنە 50 يىلدىن كېيىنچۇ؟ ھازىر ھايات ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ، ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كوپچىلىگى ئۇيغۇرچە سوزلىيەلمەيدىغان بولىدۇ، 100 يىلدىن كېيىنچۇ؟ …
بىپەرۋالىقمۇ ياكى چارىسىزلىكمۇ؟
1952 – يىلى 21 – فېۋرال كۈنى، ئەينى چاغدا پاكىستاننىڭ بىر قىسمى بولغان شەرقىي بېنگال (ھازىرقى بېنگال دۆلىتى) نىڭ مەركىزى داكادىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بېنگال تىلىنىڭ ئوردۇ تىلى بىلەن باراۋەر دۆلەت تىلى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدۇ. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ نەق مەيداندا بىرقانچە نامايىشچى ئوقۇغۇچىنى ئېتىپ ئولتۈرىدۇ. بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارادا ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغىغان بولۇپ، شۇندىن كېيىنكى زامانلاردا ئانا تىلنى قوغداش كۈرىشىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە دۇنياغا تۇنۇلىدۇ. 1999 – يىلى ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى (UNCO) ئاشۇ ۋەقەنى، ۋەقەدە ھاياتىنى قۇربان قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرلەش يۈزىدىن، 21 – فېۋرالنى خەلقئارا «ئانا تىل» كۈنى قىلىپ بېكىتتى. «ئانا تىل» كۈنىنىڭ يەنە بىر مەقسىدى، كوپ خىل تىللارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، باراۋەر تەرەققىي قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىش، شۇنىڭدەك، ئوخشىمىغان تىل ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىكى ئۆز ئارا چۈشۈنۈش، ھۆرمەت ۋە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. 2000 – يىلدىن باشلاپ «ئانا تىل» كۈنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مەكتەپلەردە چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنياغا مەلۇم بولغىلى ئۈچ ئاي، رەسمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغىلىمۇ ئۈچ ئاي بوپ قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچىدە خۇددى بۇندىن 65 يىل بۇرۇن داكادا يۈز بەرگەندىكىدەك بىرەر نامايىش، نارازىلىق ھەرىكەتلەر يۈز بەرگىنى يوق. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننى خىتتاي دولەت تېرورى قاپلىغان بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇنداق بىر ئىشنى ۋەتەندىكىلەردىن كۈتۈش تازا ئادىللىق بولماسلىقى مۈمكىن. ئەمما، تامامەن سۈكۈت قىلىش ۋە جىمجىتلا قوبۇل قىلىشمۇ، ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ. ھازىر ۋەتەندە ئۇيغۇر بولۇشتىن باشقا ھىچ بىر گۇناھى بولمىغان 100 مىڭلارچە ئۇيغۇر بىگۇناھ قامىلىۋاتقان ئەھۋالدا، «يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل» دېگەندەك، ئازدۇر – كۆپتۇر بىر نارازىلىق، بىر قارشىلىق ئىنكاسىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر ئىدى. ناۋادا شۇنداق بىر ئىش بولغان ۋە بۇ ئىش دۇنياغا ئاشكارا بولغان بولسا، بۇنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋە خەتەرلىك ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتتاينىڭ قارا نىيىتىنى پاش قىلىشتا مىسلىسىز رولى بولغان بولاتتى! ئۇندىن باشقا بۇنداق بىر نارازىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن چىقسا، بۇنىڭ تەسىرى، بىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشتىن 100 ھەسسە ئارتۇق بولاتتى!
تولىمۇ ئەپسۇس، 2017 – يىلى 1 – سېنتەبىر – يەنى خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى ئۆز ئانا ۋەتىنىمىزدە چەكلىگەن، ئۇيغۇر تىللىق مائارىپىمىز ئۈزۈل – كېسىل بەربات قىلىنغان مۇشۇنداق بىر ئېچىنىشلىق قارا كۈن، ئادەتتىكى بىر كۈندەك، ھىچ ئىش بولمىغاندەك، جىمجىتلا ئوتۈپ كەتتى!
ئەسلى بۇ كۈن، ئۇيغۇر تارىخىغا قان – ياش بىلەن يېزىلىدىغان بىر كۈن بولۇشى كېرەك ئىدى! بۇ كۈن، بۈگۈن ھايات ياشاۋاتقان، ئۆزىنى «ئۇيغۇرمەن» دېگەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇق يۈرىكىگە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانىغا بىر قارا خەنجەر ئۇرۇلغان كۈن ئىدى! ۋە بۇ زەربىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر سىلكىنىپ قايتا ئويغىنىدىغان، دۇنياغا ئۇيغۇر بولۇپ قايتا كۆز ئاچىدىغان بىر كۈن بولۇشى كېرەك ئىدى!!
ئەپسۇسكى، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىمۇ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا بولدى. ھازىرغىچە بۇ ھەقتە تورلاردا بىرقانچە پارچە يازما ئېلان قىلىش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ ھەقتە ئىمزا توپلاش ئىشلىرى قىلىندى.
8 – ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئامېرىكانىڭ فىلادىلفىيە شتاتىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ۋەتەندە چەكلىنىش مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېما مۇھاكىمە قىلىندى. بەلكىم بۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قارىتا، يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان چەت ئەللەردە قىلىنغان مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولسا كېرەك.
تىلىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۇن نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە قىلالايمىز؟
نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بىرەر ئىش قىلىش ئارقىلىق خىتتاينى، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش قارارىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر قىلالايدىغان بىر ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس. ب دت ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلار، ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە خىتتاينى ئوچۇق تەنقىت قىلىش ۋە خىتتايغا «بۇ قىلمىشىڭنى توختات» دىيىشىدىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدۇ.
ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويىۋەتمەسلىگىمىز، ئۈمۈتسىزلەنمەسلىگىمىز، تىلىمىزدىن ۋاز كەچمەسلىگىمىز كېرەك! چۈنكى، ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ تىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ مۇقەددەس ئانا تىلى! مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش مەسئۇليىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار.
(1) بۇنىڭ ئۈچۇن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىر قېتىملىق روھىي تەييارلىق باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بۇ دىگەنلىك، ھەر بىر ئۇيغۇر مىللى كىملىكىمىز، يەنى ئۇيغۇرلىقىمىز ئۈستىدە قايتا بىر ئويلىنىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللى كىملىكىنىڭ جېنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىگىنى بىلىشى، ئۆزىدە مىللىي بۇرچ، مەسئولىيەت تۇيغۇسى يېتىلدۇرۇشى كېرەك!،
مەسىلەن، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى ئېيتساق، خىتتاي تىلىمىزنى مائارىپ – مەكتەپلىرىمىزدە چەكلىگىنى بىلەن، ئۆيدە، كوچا – كوي، يىغىلىشلار..دا چەكلىگىنى يوق. شۇنداق بىر كۈن، يەنى خىتتايلار ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشنى ئائىلەردىمۇ چەكلەيدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئانا تىلىمىزنى قوغدايدىغان، ساقلاپ قالىدىغان بىر مۇستەھكەم قورغانلىق رولىنى ئوينىشى كېرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا – ئانا، ئۆيدە بالىلىرىغا ئانا تىلدا سۆزلەشنى، ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگۈتۈشنى باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم دەپ بىلىشى لازىم!
(2) بۇنداق بىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. بۇنىڭدىن سىرت، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى باشلامچى بولۇپ ئائىلىدە، پەرزەنتلىرى بىلەن، ئۇيغۇرلار يىغىلغان باشقا سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى، بىر مىللىي مەسئۇلىيەت دەپ قارىشى، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى، مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان جايلاردا چوقۇم بىر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى سىنىپى ئېچىپ، پەرزەنتلىرىنى شەنبە – يەكشەنبە ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شۇ ئانا تىل مەكتىۋىگە ئاپىرىشى كېرەك. بۇ ئىشنى ھەربىر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى دەپ تۇنۇشى ۋە مەسئول بولۇشى لازىم. ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولمىغان دۆلەت ياكى جايلاردا ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جامائەت ئەرباپلىرى، چوڭلىرىمىز باش بولسا بولىدۇ.
(3) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا مەركىزى تەشكىلاتلىرىمىز، ب د ت ۋە باشقا ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئورگانلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشى، بۇ ھەقتە دوكىلاتلىرنى يوللىشى، ئۇلارنى خىتتاينىڭ ئانا تىلىمىزنى چەكلەش قىلمىشىنى ئەيىپلەشكە چاقىرىشى، بۇ ئورگانلاردا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدە بەزى قارارنامىلەرنىڭ ئېلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
(4) ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىدىكى خىتتاي ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى، شۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات – ئورگانلارغا ئەھۋالنى ئاڭلىتىشى، دوكىلاتلىرىنى يوللىشى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت، تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى، خىتتاينىڭ ئانا تىلىمىزنى چەكلەش قىلمىشىنى ئەيىپلەشكە چاقىرىشى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدە بەزى قارارنامىلەرنىڭ ئېلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشى كېرەك.
(5) چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بارچە ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىمىز، ئۇيغۇر مىللى كىملىكى ھەققىدە، ئانا تىلىمىزنى سۆيۈش، ئۇنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ماقالە، نۇتۇقلارنى تەييارلاپ، ئۇنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، تورلاردا، جامائەت يىغىلغان چوڭ – كىچىك سورۇنلاردا كەڭ تارقىتىشى، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە قۇتقۇزۇشنى مەركەز قىلغان بىر قېتىملىق مىللى ئويغۇنۇش ھەرىكىتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى لازىم. مۈمكىن بولسا، بۇ خىل تەشۋىقاتنى ۋەتەن ئىچىگىمۇ يەتكۈزۈشنىڭ ئىمكانلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈن، ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، ئەڭ ئېغىر بىر خەتەرگە، يەنى مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى! بۇنداق بىر خەتەر بىزگە، ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك يېقىن ۋە بۇ قەدەر كۈچلۈك بولۇپ باققان ئەمەس.
ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش، مىللىتىمىزنىڭ بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ياكى قالالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى. شۇنداق ئىكەن، قەتئىي ۋاز كەچمەسلىك، جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر ئىش قىلىش، ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ۋاز كېچىش، پەرۋاسىزلىق ۋە ھىچ ئىش قىلماي تۇرۇۋېلىش – ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھاندۇر، خالاس!
ئىزاھلار: (1) «ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە يوقۇتۇشقا ئائىت ئىچكى ھۆججەتلەر»
(2) http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc6_QoshTil2.htm
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb2.htm)
(3) http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-15yilliq-maarip-
10072017233949.html
2017 – يىل 25 – ئۆكتەبىر.