ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننا شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىپى، « ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ دېرىكتورى رۇشەن ئابباس خانىم. ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننا، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا قاتارلىق جايلاردا 2019 – يىلى 28 – مايدىن 31 – مايغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكىلات بەردى.
رۇشەن ئابباس خانىم 28 – ماي ۋىيېننادىكى « ئامېرىكا مەدەنىيەت سارىيى»دا، «ئۇيغۇرلار: خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئۈنسىز دۇنيادا» دېگەن تېمىدا دوكىلات بېرىپ، خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان « ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»غا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا، چوقۇم بىر كونكىرىتنى تەدبىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىملىقى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان.
دوكىلاتتىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان نوپۇزلۇق ئەرباپلار، رۇشەن ئابباس خانىمدىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلەلمەسلىگىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تۈرلۈك سۇئاللارنى سورىغان.
مەزكۇر دوكىلات بېرىش پائالىيىتى شۇ جايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتىر بېتىدە ئېلان قىلىنىپ،رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەنلىگى تىلغا ئېلىنغان.
