ئاپتور: كۈرەش ئاتاخان
ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ پەرقى قالمىغاندەكلا، زىيالىلار بىلەن ئادىي پۇقرالارنىڭ، ئەدەبىيات ۋە ئاخباراتچىلىقنى كەسىپ قىلغان خادىملار بىلەن باشقا كەسىپتە مەخسۇس تەربىيلەڭەنلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئاخبارات يېزىقچىلىقى بىلىملىرى ھەققىدىكى پەرقلەرمۇ ئازىيىشقا مۇنداقچە قىلغاندا يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قارايدىغان بولساق يوقارقىدەك ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما ئۇيغۇرلار جەمىيەت تەرەققىياتى بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باسقۇچلارنى تولۇق باشتىن كەچۈرەلمىگەچكە، خەلقىمىزگە ئاخباراتچىلىق ھەققىدىكى ساۋادلار ھازىرغىچە ئومۇملىشىپ كەتكىنى يوق.شۇ ۋەجىدىن بۇ ساھەدە ئىشلىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. قىلاماقچى بولغىنىمىز دەل شۇ خىزمەتلەرنىڭ دەسلەپكى قەدىمى خالاس.
ئاخباراتچىلىق ھەققىدە ئاددىي ساۋاتلارغا ئېگە بولۇش ۋەزىيەتنىڭ ئەقەللىي تەلەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەقسەتكە يېتىشتە ئالدى بىلەن ماقالا يەنى خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر، ئوچېرىك، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە يوقارقىدەك ئەسەرلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھەر-تۈرلۈك خام ماتېرىياللار بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئاخبارات ئورۇنلىرى قىممىتى بار دەپ قارالغان، يوقارقىدەك ئەسەر ۋە خام ماتېرىياللارنى كوپىنچە گېزىت-جورنال، رادىيو-تېلۋېزىيە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلەردە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ.
ئادەتتە گېزىت-جورنال (ئىنتېرنېتنىڭ گېزىت-جورنالغا ئوخشىغان) سەھىپىللىرىگە ھازىرلانغان ماقالىلار تېكىست ۋە فوتو سۈرەتتىن تۈزۈلسە، رادىيو ۋە ئىنتېرنېت رادىيوسىغا ھازىرلانغان ماقالىلار تېكىست(ماقالا) ۋە نەخ مەيداندىكى ئاۋازلار(ئاۇدىيو)دىن، تېلۋېزور ۋە ئىنتېرنېت تېلۋېزىيەسى ئۈچۈن ھازىرلانغان ماقالىلار تېكىست ۋە ھەركەتلىك سۈرەت(ۋىدىيو) قاتارلىقلاردىن تۈزىلىدۇ.
بىز تۆۋەندە خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر، ئۇچىرىك ۋە ئەدەبىي ئاخبارات قاتارلىق بۇ بىرقانچە تۈرلۈك ماقالىلارنىڭ گېزىت-جورنال ۋە رادىو-تېلېۋىسور قاتارلىقلارغا قانداق تەيارلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات بېرىپ ئۆتىمىز.
خەۋەرلەر ھەر خىل بولۇپ بەزىللىرى گېزىت-جورنال ۋە ئىنتەرنەت سەھىپىللىرى ئۈچۈن، بەزىللىرى تېلېۋېزور ياكى سۈرەتلىك مەخسۇس فىلىملەر ئۈچۈن، بەزىللىرى رادىيو ئۈچۈن ھازىرلىنىدۇ.خەۋەرلەرنى قايسى خىلدىكى ئاخبارات ۋاستىسىغا ھازىرلانغانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئادەتتە: (ئا)گېزىت-جورنال(ئىنتېرنېت) خەۋەرلىرى، (ب) رادىيو خەۋەرلېرى، (چ)تېلۋېزىيە خەۋەرلىرى قاتارلىق چوڭ ئۈچ تۈرگە ئايرىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.
ئا.گېزىت-جورنال خەۋەرلىرى
گېزىت-جورناللار (ئىنتېرنېت سەھىپىللىرى) ئۈچۈن ھازىرلانغان خەۋەرلەر ئادەتتە تېكىستتىن ياكى تېكىست ۋە رەسىمدىن تۈزۈلگەن خەۋەرلەر بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا تېكىست ئەدەبىي جەھەتتىن سۈپەتلىك ياكى سۈپەتسىز بولىشىدىن قەتتىينەزەر خەۋەرنىڭ تۆۋەندىكى 7 ئامىلىنى ھازىرلىغان بولىشى كېرەك. خەۋەر يوللاشتا، ئىمكان بار تېكىستكە رەسىمنى قوشۇپ يوللاش كېرەك. شەرت-شاراېت يار بەرمىگەن ئەھۋالدا ئىھتىياجغا قاراپ تېكىستنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ يوللاشقىمۇ، تېلېفون، ماساڭرېر ياكى بىۋاستە ئاغزاكىي ئېيتىپ بېرىشكىمۇ، رەسىمنى قوشۇپ يوللاشقىمۇ ياكى زۆرۈر تېپىلغاندا پەقەت رەسىمنىلا يوللاشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى خەۋەردە يېزىلغان ۋەقەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە راست-يالغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىشتە رەسىم ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، نۆۋەتتە خەۋەر تېكىستى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىنغان ئەسەرنىڭ قىممىتى يالغۇز رەسىم ياكى پەقەت تېكىست ئارقىلىق تەييارلانغان خەۋەرنىڭكىدىن كۆپ يوقۇرى بولماقتا.
ب.رادىيو خەۋەرلىرى
رادىيو خەۋەرلىرى خۇسۇسىيەت تەرەپتىن گېزىت-جورنال (ئىنېرنەت) خەۋەرلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاش شەكىلدە يېزىلىدۇ. گېزىت-جورناللار (ئىنتېرنېت سەھىپىللىرى) ئۈچۈن ھازىرلانغان خەۋەرلەر ئادەتتە رادىو ئىستانسىللىرى تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلىشكە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئالدىنقىسىدا يېزىق ۋە رەسىم، كېيىنكىسىدە ئاۋاز ۋە تەكىست ئاساسى رول ئوينايدۇ.
بۇنداق دېگەنلىك يەنە گېزىت-جورنال خەۋەرلىرىنى رادىيوغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇنداق ئەسەرلەر رادىيو ئىستانسىسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇشقا لايىقلاشتۇرۇلۇپ ئاۋاز ئارقىلىق رادىيو دولقۇنلىرىدا تارقىتىلىدۇ.
چ.تېلۋېزىيە خەۋەرلىرى
تېلۋېزىيە خەۋەرلىرى كۆپ ھاللاردا تېكىست، ۋېدىيو ۋە رەسىملەردىن تەركىپ تاپىدۇ.تېلۋېزىيە خەۋەرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىش-ھەركەتنىڭ ۋىدىيو ئارقىلىق تەسۋىرلەڭەنلىكى ياكى مۇخبېرنىڭ ئۇزاقتا تۇرۇپ ھادېسىنى سۈرەتلىك بىۋاستە بايان قىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ گېزىت-جورنال ۋە رادىيو ئۈچۈن ھازىرلىنىدىغان خەۋەرلەردىن پەرقلىنىدىغان ۋە ئوخشاپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بار.بۇ پەرق ۋە ئوخشاشلىقنى تېلۋېزىيە خەۋەرلىرىنىڭ يەككە ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا بار بولغان ئىمكانىيەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىك بولىشى بەلگۈلەيدۇ.
مەلۇم بىر ۋەقە-ھادېسە ھەققىدە مۇكەممەل سۈرەتكە تارتىلغان خەۋەرنىڭ تېكىستىنى چوقۇم گېزىت-جورنال ۋە رادىيو خەۋەرلىرىدەك شەكىلدە يېزىش كېرەك.بۇنداق دېگەنلىك تېلۋېزىيە خەۋەرلىرىگە ۋەدىيو ۋە رەسىملەر قىستۇرما قىلىنغاچقا، ئۇ نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكلەپ يېزىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.چۇنكى يېزىش تەلەپ قىلىنمايدىغان تەرىپى ۋېدىيو ۋە رەسىم ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان بولىدۇ.
ئالاھىدە تەكىتلەپ كېتىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى مەيلى گېزىت-جورنال خەۋەرلىرى، مەيلى رادىيو خەۋەرلىرى ۋە مەيلى تېلۋېزىيە خەۋەرلىرى بولسۇن، ئۇ مەيلى قەلەمنى، فوتو ئاپاراتنى ۋەياكى ۋىدىيو كامېرانى قۇرال قىلىشىدىن قەتىي نەزەر، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تۆۋەندىكى بۇ شەرتلەرنى ئورۇنلىغان بولىشى كېرەك. : (1)كىم ياكى كىملەر( نىمە ياكى نىمىلەر)، (2)قاچان، (3)قەيەردە، (4)قانداق ياكى نېمە سەۋەپلەردىن، (5)نېمىنى ياكى كىمنى ۋاستە قىلىپ، (6)قانداق قىلىپ ياكى قايسى ئۇسۇلدا، (7)قانداق ياكى قايسى خىل ئاقىۋەت(كە قالغان)نى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟
بۇ دېگەنلىك ئۇ يەتتە ئامىل مۇكەممەل بىر خەۋەرنىڭ ئوخشىمايدىغان ئورگانلىرى بولۇپ، ھەر بىرسى خۇددى بىر بەدەندىكى كۆز ياكى قۇلاق قاتارلىق ئورگانلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بىرى كەم بولغان خەۋەر يا قولى ياكى كۆزى يوق ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ.
1)قىسقا خەۋەر
خەۋەر(ئاددىي) ئاخبارات يېزىقچىلىقىدىكى ئاساسلىق جانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەھمىيەتلىك ئىش-ھەركەتلەر، ۋەقە -ھادىسىلەر ۋە شەخىسلەر ھەققىدىكى قىسقا، يىغىنچاق، مەزمۇنلۇق، ئاخبارات قايىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان جانىر، ئۇنىڭدا ئادەتتە ئىش-ھەركەت ۋە ۋەقە-ھادېسىلەر ھەققىدىكى ئېيتىلماقچى بولغان بىر تالاي گەپلەرنىڭ پەقەت پوسكاللىسى دىيىلىدۇ. ئۆتكۈر ۋاقىت خاراكتېرىغا ۋە راستچىللىق خۇسۇسىيىتىگە ئېگە بولغان بولىدۇ.ئۇنى يېزىش يېزىقچىلىق تەلىۋى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە ئۇيغۇن بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
يېزىقچىلىق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ھازىرلانغان ماقالىدىن كەم دېگەندىمۇ تۆۋەندىكىدەك سۇۋاللارغا جاۋاپ تېپىلىشى كېرەك. (1)كىم ياكى كىملەر ( نىمە ياكى نىمىلەر)، (2)قاچان، (3)قەيەردە، (4)قانداق ياكى نېمە سەۋەپلەردىن، (5)نېمىنى ياكى كىمنى، (6)قانداق قىلىپ ياكى قايسى ئۇسۇلدا، (7)قانداق ياكى قايسى خىل ئاقىۋەت(كە قالغان)نى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟تەييارلانغان ماقالىدا بۇ 7 ئامىلنىڭ قايسى بىرى كەم بولىدىكەن خەۋەر مۇكەممەل بولغان بولمايدۇ.
2) تەپسىلىي خەۋەر
تەپسىلىي خەۋەر ئاخباراتچىلىقتىكى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئېگە ئوتتۇرا تىپتىكى جانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاددىي خەۋەر ماقالىسىدىن چوڭ، ئەدەبىي ئاخباراتتىن كىچىكرەك بولۇشتەك ئالاھىيىدىلىككە ئەگە. ئۇ ئاددىي خەۋەر ماقالىسىدىكى : (1)كىم ياكى كىملەر( نىمە ياكى نىمىلەر)، (2)قاچان، (3)قەيەردە، (4)قانداق ياكى نېمە سەۋەپلەردىن، (5)نېمىنى ياكى كىمنى ۋاستە قىلىپ، (6)قانداق قىلىپ ياكى قايسى ئۇسۇلدا، (7)قانداق ياكى قايسى خىل ئاقىۋەت(كە قالغان)نى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟قاتارلىق 7 ئامىل پىرىنسىپىغا تەپسىلىي بايان قىلىش يولى ئارقىلىق بوي سۇنىدۇ. تەپسىلىي خەۋەر ئادەتتىكى خەۋەرگە قارىغاندا ۋاقىتنىڭ ئانچە چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەتمەيدۇ.ئەمما قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى.
بۇ جانىرنىڭ ئىسمىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ تۈرلۈك ماقالىلاردا بىر-قەدەر چوڭ ۋە تەپسىلاتلىرى كۆپ، ئۇزاققا داۋاملاشقان، ئىش ھەرىكەت ۋە ۋەقە-ھادېسىلەر قىسقا خەۋەر ماقالىسىغا قارىغاندا تەپسىلىي ۋە ئۇزۇنراق يېزىلىدۇ. بىر تەپسىلىي خەۋەر يازغىلى بولىدىغان ھادېسىنى ئاددىي خەۋەر قىلىپ يازغىلى بولىشى مۇمكىن، ئەمما ھەرقانداق بىر خەۋەر ماقالىسىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلىپ يازغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولىشىنى باشقا سەۋەپلەردىن بەكرەك ۋەقە ۋە ھادېسىلەرنىڭ ھېكايىچانلىققا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى، ئۇزاققا سوزۇلغان ياكى تىز يۈز بېرىپ تىز ئاخىرلاشقانلىقى، قايسى خىل شەكىلدە يېزىشقا باپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى قاتارلىقلار بەلگۈلىگەن.
تەپسىلىي خەۋەرلەر شۇ ۋەقە ۋە ھادېسىلەرگە ئايىت رەسىم ۋە ۋەدىيو فىلىملىرى ئارقىلىق گېزىت-جورنال ياكى رادىيو-تېلىۋېزورغا لايىقلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. قايسىغا تەييارلاشنى بار ئىمكانلارغا قاراپ بېكىتىش ئاقىلانىلىكتۇر.بۇنداق دېگەنلىك گېزىت-جورنال ۋە رادىيو ئۈچۈن ھازىرلىنىدىغان ماقالىلار ئۈچۈن ئارتۇقچە ھەشەمدىرەم كەتمەيدۇ.قەغەز-قەلەم ياكى ئىنتېرنېت بولسىلا كۇپايە.
3) ئەدەبىي ئاخبارات
ئەدەبىي ئاخبارات خۇددى تەپسىلىي خەۋەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان جانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجىمى تەپسىلى خەۋەر بىلەن تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن چوڭراق بولىدۇ. ئاددىي خەۋەر قىلىپ يېزىشقا ماس كېلىدىغان ۋەقە ۋە ھادېسىلەرنى تەپسىلىي خەۋەر قىلىپ يازغىلى بولمىغاندەكلا ئەدەبىي ئاخبارات قىلىپ يازغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما تەپسىلىي خەۋەر قىلىپ يېزىشقا بولىدىغان ۋەقە ۋە ھادېسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەدەبىي ئاخبارات قىلىپ يېزىشقا بولىدۇ.
بۇ خىل ماقالىلارنىمۇ يېزىشتا خۇددى خەۋەر ۋە تەپسىلىي خەۋەرلەرنى يازغان چاغدىكىدەك، ئاخبارات يېزىقچىلىقىدىكى . (1)كىم ياكى كىملەر ( نىمە ياكى نىمىلەر)، (2)قاچان، (3)قەيەردە، (4)قانداق ياكى نېمە سەۋەپلەردىن، (5)نېمىنى ياكى كىمنى، (6)قانداق قىلىپ ياكى قايسى ئۇسۇلدا، (7)قانداق ياكى قايسى خىل ئاقىۋەت(كە قالغان)نى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟قاتارلىق 7 ئامىلغا ھۆرمەت قىلغاندىن باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردە بار بولغان ھەر تۈرلۈك ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارنى مەسەلەن، ئوخشۇتۇش، مۇبالىغىلاشتۇرۇش، دارىتمىلاش ۋە ئۆز قارىشىغا ئاساسەن مۇۋاپىق دەرىجىدە باھا بېرىش قاتارلىقلارنى ئەركىن قوللۇنۇشقا بولىدۇ. ئەمما ھەرگىز توقۇلما قىلىشقا يوق نەرسىلەرنى قوشۇپ قويۇشقا مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يالغانچىلىق ۋە كاززاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ۋاقىت جەھەتتىن تەپسىلىي خەۋەرگە قارىغاندا ئەركىنرەك ئەمما ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغىنى ياخشى.
ئەدەبىي ئاخباراتمۇ خۇددى باشقا ئاخبارات تىپىدىكى ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشى ياكى يەتمەسلىكى، زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكى ۋە ئىھتىياجنىڭ تەخىرسىزلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بەزىدە گېزىت-جورنال ۋە رادىيوغا، بەزىدە تېلېۋىزور ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا ھازىرلىنىدۇ.
4) ئەدەبىي ئوچېرىك
ئەدەبىي ئوچېرىك بىر تەرەپتىن راست ۋەقە ۋە ھادېسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەدەبىي ئاخباراتقا تۇققان كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقە ۋە ھادېسىلەر پۈتۈنلەي توقۇپ چىقىرىلغان ھېكايىلەر بىلەنمۇ تۇققان كېلىدۇ. ئاخبارات جانىرىدىكى ئاز ساندىكى بەزى قىسقا خەۋەرلەردىن باشقا ھەرقانداق ئەسەرنى ئەدەبىي ئوچېرىك قىلىپ يازغىلى بولىدۇ، ئەمما ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئوچېرىكنى خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر، ئەدەبىي ئاخبارات قىلىپ يېزىپ چىققىلى بولمايدۇ.
خەۋەر بولۇش خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان بولسىمۇ تارىخىي ئىزنالىرى يېزىلىپ قالدۇرۇلغان ھەرقانداق بىر ۋەقە ۋە ھادېسىلەر ھەققىدە شۇنداقلا خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر ۋە ئەدەبىي ئاخبارات بولۇش ئىھتىمالى بولغان ھەرقانداق ۋەقە ۋە ھادېسىلەر ھەققىدە ئەدەبىي ئوچېرىك يازغىلى بولىدۇ.بۇ تۈردىكى ماقالىنىڭ بۇنداق بولىشىنى، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات بىلەن تۇققان بولغانلىقى بەلگۈلىگەن.
بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردە ئاخبارات خاراكتېرىنى كۈچەيتىدىغان ۋاقىت، زامان، ماكان، ئادەم، ۋەقە ۋە ھادېسىلەرنىڭ ھەقىقىي بولىشىغا ئانچە قاتتىق تەلەپ قويۇلمىغاچقا، بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئۈنۈمىنى يارىتىشتا بەدىھىيلىك تەرەپتىن ئالاھىيدە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.ئەمما بۇ تىپتىكى ئەسەرلەرنى يېزىشتا، ئاخبارات يېزىقچىلىقىدىكى (1)كىم ياكى كىملەر ( نىمە ياكى نىمىلەر)، (2)قاچان، (3)قەيەردە، (4)قانداق ياكى نېمە سەۋەپلەردىن، (5)نېمىنى ياكى كىمنى، (6)قانداق قىلىپ ياكى قايسى ئۇسۇلدا، (7)قانداق ياكى قايسى خىل ئاقىۋەت(كە قالغان)نى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟قاتارلىق 7 ئامىلغا سەل قارالسا ياكى ئۇلار پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىلسە، يېزىلغان نەرسە يا ئوچېرىك بولمايدۇ ياكى ھېكايە بولمايدۇ.
جەمىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا يېزىقچىلىق سېپىگە قوشۇلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس.بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى مەخسۇس ئاخبارات كەسپىدە تەربىيلەڭەن، بەزىللىرى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بەزىللىرى ئۆزلىكىدىن ئۈگەڭەن، بۇ كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئاخبارات يېزىقچىلىقىغا ئايىت بىلىملەرنى پەقەتلا بىلمىگەچكە ئاخباراتقا ئايىت ھەر تۈرلۈك ماقالىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىيالماي خەۋەرنى ئەدەبىي ئاخبارات، تەپسىلىي خەۋەرنى ھىكايە، ھېكايىنى ئىلمىي ماقالا، مۇھاكىمە خاراكتېرلىق ماقالىنى ئوچېرىك بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويۇپ، ياكى ئۇ ياكى بۇ قىلىپ چىقالمايدىغان مەسەلىلەرنى سادىر قىلماقتا.
جەمىيىتىمزگە كېرەك بولىۋاتقىنى، بەكراق ئەدەبىي ئەسەر ئەمەس ئاخبارات بولغاچقا ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا خەۋەر ياكى تەپسىلىي خەۋەر بولغاچقا ۋە ياكى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا خەۋەر ياكى تەپسىلىي خەۋەرلەرنى ھازىرلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھۆججەت خاراكتېرىدىكى خام ماتېرىياللار بولغاچقا بۇ ماتېرىيالىنى ھازىرلاۋاتىمىز.
ئىنسان بالىسى تەربىيىلىنىشكە مۇھتاج. تەربىيلەڭەنلەر كەسىپ ئەھلى بولالايدۇ ۋە باشقىلار قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ.مەلۇم كەسىپتە تەربىيىلىنىش ھەر ۋاقىت ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنىمۇ ئالدىنقى شەرت قىلمايدۇ. ئۆزىلىكىدىن ئۈگۈنىپ مەلۇم بىر پەننى مۇكەممەل ئىگىلەپ، ياكى شۇ ساھەدە سىستېمىلىق تەربىيلەنمەي تۇرۇپمۇ خۇدا بەرگەن ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ جەمىيەتنىڭ تەرەققىيتىغا زور تۆھپە قوشقانلارنى كۆپلەپ مىسال كەلتۈرۈش ئانچە قىيىن ئەمەس.ھەممىدىن مۇھىمى يۈكسەك غايە، توغرا بولغان دۇنيا قاراش ۋە كۈچلۈك ئىرادەدۇر.
يوقارقى ئۈچ نەرسىگە ئىگە بولغان ھەرقانداق بىر كىشىگە نىسبەتەن ئاخبارات قىممىتى بار بولغان ۋەقە ۋە ھادېسىلەرنى بايقاش، مۇھىم تەرىپىدىن تۇرۇپ كۈزىتىش، ئاخباراتچىلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يېزىقچىلىقىنىڭ ئۆز ئىقتىدارى يار بەرگەن دەرىجىدە ھۆددىسىدىن چىقىش، ياكى ئاخباراتقا ئالاقىدار ئەڭ قىممەتلىك خام ماتېرىياللارنى ئاددىي بىر تەرەپ قىلىپ، ئاخبارات ئورۇنلىرىغا يوللاش ئانچە قىيىن مەسىلە ئەمەس.
سىز ئاخباراتچىلىقتا ئىنتايىن تىزلىكتە كۆزگە كۆرۈڭەن بىر شەخىس بولۇپ كېتىشىڭىز ياكى ئەڭ دەسلەپتە ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل بىر پارچە ماقالىنى يېزىۋەتىشىڭىز ناتايىن. ئەمما يۈكسەك غايە، توغرا بولغان دۇنيا قاراش ۋە كۈچلۈك ئىرادىڭىز بىلەن ئاخباراتچىلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان 7 ئامىل يەنى 7 سۇۋالغا جاۋاپ بېرەلەيدىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە ۋەقە ھادېسىلەرگە ئايىت تېكىست، ۋەدىيو ۋە فوتو سۈرەتلەرنى رەتسىز ياكى تەرتىپسىز ھالەتتە بولسىمۇ ئاخبارات ئورۇنلىرىغا يوللاپ بېرەلىسىڭىز بۇ خىزمەتنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسقان بولىسىز.
ئاخباراتچىلارنىڭ مەقسىدى جەمىيەتتە قانۇنىي تەرتىپ، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئورنۇتۇش بولغاچقا، ئۇلار شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ كەسىپ كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ كەلمەكتە. ئاخباراتچىلاردا ھەر تۈرلۈك ناھەقچىلىك، تەڭسىزلىك، ئۇۋالچىلىق ھەم زوراۋانلىق، ئۆكتەملىك، مۇتىھەملىك قاتارلىقلارنى ئادىل مەيداندا تۇرۇپ كۈزۈتەلەيدىغان، باشقا كىشىلەردە ئاز تېپىلىدىغان ئارتۇقچىلىق بولغاچقا ھەققانىيەتنىڭ ھامان ناھەقچىلىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلىۋاتىدۇ.
ئاخباراتچىلار ھامان ئاۋام-پۇقرانىڭ مەنپەتى تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر قىلغاچقا ياخشى ئادەم ۋە ياخشى ھەرىكەتلەر ھەم يامان ئادەم ۋە يامان ھەرىكەتلەر ئۇلارنىڭ كۈزىدىن ئاسانلىقچە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ يازغانلىرى مىللەتنىڭ جانىجان مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىشى، زۇراۋان كۈچلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىشى كېرەك.نىمىنىڭ ياخشى ئادەم، ياخشى ھەرىكەت ھەم نىمىنىڭ يامان ئادەم، يامان ھەركەت ئىكەنلىكىنى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان جەمىيەتنىڭ ئوخشىمىغان تەبىقىسىگە تەۋە بولغان ھەر-تۈرلۈك ئادەملەرگە ھەر ۋاقىت راستچىللىق بىلەن ئاڭلىتىپ، جاماەت پىكىرنى يىتەكلەپ، جەمىيەتتە ئادىل تەرتىپ ۋە ھەققانىيەت ئورنىتىش ئاخبارات خادىملىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرۇچى ھېساپلىنىدۇ.ئىنسانلار باراۋەر يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئوخشاش ھۆرمەتلىنىشى كېرەك، ئاۋام-پۇقرالارنىڭ قانۇنىي مەنپەەتىنى قوغداش يولىدا ئاخباراتنى ۋاستە قىلىپ تاللىۋېلىش پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگىمۇ ئۇيغۇن.
بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىزدە زوراۋانلار ماددىي مەنپىەت قوغلۇشۇپ، ھۈكۈمەتتىن، ئەمىلىدىن، مىللىي سالايىتىدىن پايدىلىنىپ، دىننى ، سىياسەتنى، قانۇننى ۋە ئەدەپ-ئەخلاقنى ئاياق ئاستى قىلىدىغان، بىر خەلقنىڭ كوللېكتىپ ئىرادىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ۋەقە ۋە ھادېسىلەر باش كۆتۈرۈپ ماارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد تەرەپلەردە كۆپ ئارقىدا قالغان خەلقىمىزگە يېڭىپ كىتىش تەس بولغان قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرماقتا. يۈكسەك غايە، توغرا بولغان دۇنيا قاراش ۋە كۈچلۈك ئىرادىڭىز بىلەن خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان مىللىي خورلۇققا چەك قويۇشتا ئەڭ ئەۋزەل قۇراللارنىڭ بىرى بولغان ئاخبارات يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش دەۋرىمىزدىكى مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كىشىللىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرىچىدۇر. خەلقاراغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قانداق قوغداشنى بىلمەي، بىزدەك خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن، نامراتلىشىپ كەتكەن، تالان-تاراجغا ۋە بۇزەك قىلىنىشقا ئۇچرىغان، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالدۇرۇلغان، تېخنىكا ۋە زامانىۋىي بىلىملەردە ساۋاتسىز قالدۇرۇلغان، خوتۇن-قىزلىرىنىڭ نۇمۇسىنىمۇ قوغدىيالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلغان، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان يەنە بىر خەلق يوق. بىز يىللاردىن بېرى ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقۇتۇپ، چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىشكە يارىتىلغانلار چوقۇم باشقا خەلقلەر بولىشى كېرەكتەك، مەزلۇملۇق ۋە قۇللۇق بىزنىڭ پىشانىمىزگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تامغا بىلەن ئۇرىۋىتىلگەندەك ئويلاپ كەلمىگەن بولساق، ئۆز تەقدىرىمىزنى بەلگۈلەشنىڭ خۇجايىنلىرىغا ئايلىنىپ، خۇددى بىزدىن قانچە ھەسسە كىچىك، قالاق ۋە ئارقىدا قالغان، ئاجىز ۋە نامرات خەلقلەرچىلەك بولسىمۇ بېشىمىزغا سايىۋەن ياساپ، ئىسسىق-سوغاق ۋە يامغۇر-شىۋىرغاندىن دالدىلانغان بولاتتۇق. نەتىجىدە زۇلۇم سېلىۋاتقانلارنىڭ خەلقىمىزنى خەلقارا ۋەزىيەتتىن خەۋەرسىز، ئىمان ۋە ئىتىقاتتىن ئۇزاق، نادان ۋە بىلىمسىز قالدۇرۇپ، خۇراپىي، ھورۇن، دەلدۈش، خامۇش، دىۋەڭ، ئىشقا خوش ياقمايدىغان، جاپادىن قاچىدىغان، ئۆلۈمدىن قورقىدىغان، ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە جۈرەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانلىقى مەلۇم بولدى. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئىمان ۋە ئېتىقات، غايە ۋە ئۈمۈت، ئىشەنچ ۋە ئىرادە، باتۇرلۇق ۋە پىداكارلىق، ئەقىل ۋە پاراسەت، ھەم ئىسيانكارلىق روھى قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولدا باسقان ھەر-بىر قەدىمىنىڭ نەتىجىسىنى، پايدىسىنى بار ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ئەڭ يۈكسەك مىللىي غايىمىز ئۈچۈن، ئىجادىي خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ مەقسەتكە يېتىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ھۈكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتتىنمۇ ئۈستۈن بولغان ئورۇنلارنى خەۋەر تاپقۇزۇش خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ ۋە ئىرادە پەيدا قىلىش ۋە خەلقارا-كۈچلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن يۈكسەك غايىمىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت يار-يۈلەك بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.بىز بار ئىمكانىيەتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكىدەك مەسەلىلەرنى ئاخباراتچىلىق يولى بېلەن ۋاقتىدا خەلقارا جەمىيەت كۆڭۈل بۆلۈدىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرالىساق ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئۈمۈدىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاقلىغان، خەلق بەرگەن ناننى ھالاللاپ يىگەن بولىمىز.
1)تۈرمىلەرنىڭ توشۇپ كېتىشى، قانۇنسىز ئادەم تۇتۇش، سۈرۈشتىسىز مەمۇرىي ۋە سىياسىي جازا بېرىش، تۈرمىدىكىلەرنى بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەرنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەسلىك، فىزىكىلىق، بىولوگىيلىك ۋە خىمىيلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇپ، مىڭىسىگە ئوكۇل ئۇرۇپ ساراڭ قىلىۋېتىش، جىنسىي سەتچىلىككە زورلاش، ئىتىقادىي يول قويمايدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلاپ پىسسىخىك تەرەپتىن تۈگەشتۈرىۋېتىش، تۈرمىلەردە قىيىن قىستاق ۋە ھەر تۈرلۈك تەن جازاسىنىڭ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشى، جىنسىي يولىغا ئېلىكتېر ۋە زەھەر ئۆتكۈزۈش، مۇز ئىچىدە توڭلۇتۇپ، ئوتقا دەسسىتىپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ئىسسىقتا كۈڭە قارىتىپ ئېسىپ قويۇش، سوغاقتا كېيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرىۋېتىش، تۈرمىدىكى ناھەق ئۆلۈم ۋە مىللىي ئۆچ-ئاداۋەتنى ئۆلچەم قىلغان قىيىن قىستاقلار، تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلاتلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە ھايۋان ئورنىدا خورلاش؛ خەلق ئارىسىدا باش كۆتەرگەن نارازىلىق، نامايىش، ئەرز، ئىسيان ۋە قۇراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلىشى، جازالىنىۋاتقانلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى؛ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەكىللەردە باستۇرۇش، بىگۇنا ئاۋام-پۇقرالارغا قارىتىلغان قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش، مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش، يېرىنى تارتىۋېلىش، بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىقتىسادىي جەرىمانىيە قويۇش، بالىسى قىلغان ئىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى، بىر ئادەم قىلغان ئىش ئۈچۈن پۈتۈن بىر جاماەتنى جازالاشقا ئايىت ماتېرىياللار؛
2)خەلقىمىزنىڭ يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىكۇم، ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتىتلاردا تەربىيەلىنىشىگە ئايىت ھەققانىيەتسىزلىكلەر.ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى كىرزىسلار، ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ چۆلدەرەپ كېتىشى، ئانا تىلدا دەرىس بېرىلىشنىڭ چەكلىنىشى، دەرسلىكلەردىكى مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئايىت مەزمۇنلارنىڭ قىسقارىۋېتىلىشى، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەت ۋە تۈرمىلەردىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرمىدىكى تۇققىنى، مىللىي ھېسىياتى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچى ياكى ئاتا-ئانىسى سەۋەبىدىن كەمسىتىلىشى، چەتكە قېقىلىشى ۋە جازالىنىشى، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇيالماسلىقى، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمايى قىيىنچىلىقلىرى، ئوقۇغۇچىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ئاددىي كەسەللەرنىڭ داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى، بالىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئايىت ھەر تۈرلۈك مەلۇمات، مېيىپ ۋە ناكا بالىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرى، بالىلارنىڭ قۇل ئورنىدا سېتىلىپ، جىنسىي سەتچىلىك، ھەقسىز ئەمگەك ۋە ئورگانلىرىنى سېتىشقا زورلىنىشى، بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللىي كەمسىتىلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى، تەمىنات ۋە سوتسىيال پاراۋانلىقىغا ئايىت ناھەقچىلىكلەر، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ھەق-ھوقۇقلىرىغا قويۇلغان چەكلەر، ئۇلارنىڭ ئاىلىسىگە كەلتۈرۈلگەن ۋەيرانچىلىق، دەرسلىك كىتاپلارنىڭ كونا، مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خەتەرلىك، ھەر تۈرلۈك ماارىپ ئۈسكىنىللىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ۋە ماارىپىمىزغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ تىز سۈرەتتە ئازىيىشى، تەنتەربىيە ، ئاممىۋىي كۆڭۈل ئېچىش، ئەدەبىيات سەننەت ۋە خەلق فولكىلورىغا ئايىت قۇرۇلۇشلارغا مەكتەپ ئىچىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىك؛
3)مەسچىتلەرنىڭ ساقچى پۇنكىتىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇلۇشى، جامەگە قىزىل بايراق ۋە كوممەنىستلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېسىپ، رەسىملىرىنى تاقاش، نورمال دىنىي پاالىيەتلەرگە قويىلىۋاتقان ئەغىر چەكلىمىلەر، جامەگە كىرىدىغانلارنى خاتىرجەم ئىبادەت قىلدۇرماسلىق، ئىتىقاتچىلار جاماېتىنى گاس-گاچىلارغا، ساراڭ-چېلىش ئادەملەرگە، چۇلاق ۋە توكۇرلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە، سۆز-چۆچەك تارقىتىپ ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇش، بىر-بىرىگە ئىشەنمەس قىلىۋېتىش، قىپ-قىزىل دىننى ئىنكار قىلىدىغان، خۇداغا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئادەملەرنى ئىمام قىلىپ، خەلقنى ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز قىلىشقا مەجبۇرلاش، دىننىڭ شەرىەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى مەسچىتنىڭ قولى ئارقىلىق خەلىققە تېڭىش، قۇرانىي كەرىمگە خالىغانچە پەتۋا بېرىپ، „پادىشا“نىڭ ئەمرىنىڭ ۋاجىپلىقىنى تەكىتلەپ، ئىتىقاتچىلارنى گۇناھقا، جىنايەتكە شىرىك قىلىش، ئىتىقاتچىلارنىڭ ئارىسىغا كۆز-قۇلاق ۋە جاسۇسلارنى ياغدۇرىۋېتىش، ھەج قىلىش پاالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا قانۇنسىزلارچە ئارلىشىۋېلىش، كېلىپ-كەتكەنلەرنى قوپاللارچە سۇراققا تارتىش، تەھدىت سېلىش ۋە تۈرمىگە سولاش، پاسپورتىنى تارتىۋېلىش، دىنىي تەلىم-تەربىيە، ھەج پاالىيىتى سەۋەبىدىن خىزمەت، ئوقۇش ۋە ئەسكەرلىكتىن ھەيدەش، ئۆرپى-ئادەت، يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىنىشتە ھۆرمەت قىلماسلىق شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە جەرىمانە قويۇش، دىنغا ئايىت كىتاپلارنى كۆيدۈرۈش، ئىسلامىي مۇەسسەسلەردىن پۇل ۋە مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىۋېلىش، مەتبۇاتلارنى تاقاش، ئۆلىما ۋە تالىپلارنى ئۆلتۈرۈش، سولاش، ساراڭ قىلىۋېتىش، زوراۋانلارنىڭ دىنىي ئىتىقات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلىشىغا ئايىت قانۇن، سىياسەت، بەلگۈلىمەلەرنىڭ ئورگىناللىرى، دىنسىزلىق ۋە باشقا دىنلارغا كىرىشكە مەجبۇرلاش ھەققىدىكى پاكىتلار؛
4) شەھەرلەردە بىردىن، يېزىلاردا ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگىلى قويماسلىق، ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەرنىڭ باللىرىنى قۇرساقتا 4-9 ئايلىقتىن ئاشقاندىمۇ، تۇغۇلۇپ 1-2 ياشقا كىرگەندىمۇ زەھەرلىك ئوكۇل ۋە ئوپىراتسىيە يوللىرى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ ئۆلتۈرىۋېتىش، ياش ئەركەكلەر ۋە ياش ئانىلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش، تۇغۇلۇش بىلەنلا قىسىرلاشتۇرۇش، ئۇرۇقنى پۈچەكلەشتۈرىۋېتىش، ۋاقتىدا ئۆيلىك-ئوچاقلىق بولۇشقا يول قويماسلىق، بۇۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى دەۋلەتنىڭ مەخپىي سىياسىتى سۈپىتىدە تۆۋەنلەشتۈرىدىغان ئوكۇللارنى ئۇرۇپ مەخسۇس „قانۇنلۇق“تۇغۇلغان بالىلارنىمۇ قىرغىن قىلىش ئارقىلىق يېڭىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقانلار ۋە كېلىدىغان ئاققۇنلارغا زېمىن ھازىرلاش ، كىسەل بولۇپ دوختۇرغا كىرگەن ياكى پۇلى يوق داۋالىتالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئانا بالىلار، كېسەل كارۋىتىدا ئىڭىراپ ياتقان ھەر تۈرلۈك ساقايمايدىغان، يامان سۈپەتلىك بالاياتقۇ،ماتاكا راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ۋە ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار، بالا چۈشۈرۈش سەۋەبىدىن مەيىپ ۋە باشقا زىيان زەخمەتكە ئۇچرىغانلار ھەققىدە ئىستاتىسكىلىق مەلۇلاتلار، بالىلارنىڭ ئەي بولىشى ۋە ئانىلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولغان ھەر تۈرلۈك پاكىتلار، زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلار ۋە قىممەتلىك ئورگانلىرى سېتىۋېتىلىپ ناكا قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن بۇۋاقلار، ئادەمنىڭ گۆشى بىلەن بېقىلىۋاتقان ئىت ۋە چوشقىلار، بۇۋاق ئورغانلىرى تىجارىتىگە ئايىت خىتاي سودىللىرى، بۇۋاق گۆشى يەۋاتقان خىتايلارنىڭ بەت-بەشىرە قىياپەتلىرى، كېسەللەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرى، نوپۇسىمىزنىڭ تىز سۈرەتتە ئازىيىپ بېرىشىغا ئايىت باشقا سەۋەپلەر، تۇغۇت يېشىدىكى قىزلىرىمىزنىڭ قۇللار ئەمگىكىگە تۇتۇلىشى ۋە باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈلۈشى؛
5) ئوتلاق ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، ئورمان ۋە يېپىنچى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىي قانۇنىيەتكە قارشى ھالدا قىرغىن قىلىنىشى، كۆللەر ۋە دەريالارنىڭ سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ۋە قۇرۇپ كېتىشىگە ئايىت تەپسىلاتلار، تەبىي قوغدۇلۇشقا تېگىشلىك رايونلاردىكى ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان خەتەرلەر، ئاققۇنلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرىلغۇ يەر، يايلاق، سۇ مەنبەلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا ئايىت ھادېسىلەر، تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى قۇم بېسىپ ئوتلاقلىرىمىزنىڭ تارتىۋېلىنىشى ھەققىدىكى پاكىتلار، خەلقىمىزنىڭ ئەكىلوگىيەگە ئايىت ھەر تۈرلۈك زامانىۋىي پەن-تېخنىكىدىن خەۋەرسىز قېلىشى، يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ بىنورمال ئېچىلىپ باشقا يەرلەرگە توشۇپ كېتىلىشى، ئىنسان ئورگانلىرى ۋە قوغدىلىدىغان ھايۋانلار گۆشىنىڭ قىممەتلىك تاماقلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىشى، تېرىلغۇ يەرنىڭ كەمچىللىكى ۋە تېرىقچىلىقتىكى ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇللار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىشسىزلىق، ئىقتىسادىي زىيان ۋە بۇلغۇنۇش، ۋەتىنىمىزدە ئوچۇق ئاشكارە سىناق قىلىنغان 50 كە يېقىن ئاتوم سىنىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خىمىيلىك ۋە بىولوگىيلىك سىناقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تەبېىي ئاپەتلەر ۋە ئېكىلوگىيلىك بۇزۇلۇشلار؛
6)نەشرىيات-ئاخبارات، رادىيو-تېلۋېزىيە، گېزىت-جورنال باشقۇرۇشتىكى ناھەقچىلىكلەر، قىسقارتىۋېتىلگەن، تاقىۋېتىلگەن، چەكلىۋېتىلگەن نەشرىيات، ئاخبارات ئورۇنلىرى.تۈرمىگە تاشلانغان، خىزمەتتىن ھەيدەلگەن، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان زىيالىلار ھەققىدە مەلۇماتلار، يازغۇچى، شايىر، تارىخچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلەش، ئىجات قىلىش، نەشىر قىلىش، بالىلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرىدا يولۇقىۋاتقان ھەر تۈرلۈك سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمايى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جازالىنىشىغا ئايىت مەلۇماتلار، چەكلەڭەن، كۆيدۈرىۋېتىلگەن، نەشىر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان كىتاپ ماېتىياللار، يوقارقىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتقان سىياسەت، قانۇن ۋە خىزمەتلەرگە ئايىت ماتېرىياللار. زوراۋانلارنىڭ ۋە قول چوماقلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەر-تۈرلۈك يولسىزلىقلىرىغا ئايىت ۋەقە-ھادېسىلەر.مەدەنىي مىراسلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئارخىولوگىيلىك ئورۇنلارنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، قەدىمىي كىتاپلارنى نەشىر قىلىشقا پۇل ئاجراتماسلىق، خەلق ئارىسىدىكى مۇزىكا، تىبابەت، يېزا-ئىگىلىك، پەن-تەخنىكىغا ئايىت بىلىملەرنىڭ زامانىسىغا خاس شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىغا شاراېت يارىتىپ بەرمەسلىك، يۇقارقىدەك كەسىپتە ئوقۇغانلارنىڭمۇ ئىش تاپالماسلىقىدىن ئىبارەت كىرزىس ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن شاراېت يارىتىپ يوقارقىدەك ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمەي، خىتاي بولمىغانلىق سەۋەبىدىنلا چەتكە قېقىلىش ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ھەم تەرەققىياتنى بوغۇش، ھۈكۈمەتنىڭ ئارقا تىرەك بولۇپ، ئاققۇنلارنىڭ يەرلىكلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئېتىقات، ئۆرپى-ئادەتلىرىنى كەمسىتىشىگە يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشى، خەلقىمىزنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە ئۈگىتىش يوللىرىنى چەكلەش ياكى تارايتىۋېتىش؛
7) دەرىجىدىن تاشقىرى تىز سۈرەتتە يامراپ كېتىۋاتقان ئەخلاقسىزلىق، ھۈكۈمەت خادىملىرىنىڭ نومىسسىز جىنسىي سەتچىلىكلىرى، نىكاھ ۋە مۇھابەتلىشىش ئىشلىرىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقات ۋە مىللىي ئۆرپىي-ئادەتلىرىمىزگە خىلاپ بولغان ئاقىۋەتلەر، كىشىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق جىنسىي كېسەللىكلەر، ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، بۇ ھادېسىلەرنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەر، بۇزۇقچىلىق، پااھاشە، زەھەرلىك چىكىملىكلەرگە بېرىلىش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمايى كىرزىسلارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقان دۆلەت سىياسەتلىرى ۋە ئەمەلدارلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەن قاراڭغۇ بۇلۇڭلار، بۇ تۈردىكى كىرزىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلمەسلىككە ئايىت ئىقتىسادقا، داۋالىنىشقا، ماارىپقا ۋە ئاممىۋىي پاراۋانلىققا ئالاقىدار جىنايى پاكىتلار، ئۇ تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ يامراپ كېتىشىگە قەستەن يول قويۇلىۋاتقانلىق ھەققىدىكى خاتا سىياسەت ۋە شەخىسلەرگە ئايىت تەپسىلاتلار، ماتەرىياللار؛
8) ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولىشىغا ئايىت ھەر تۈرلۈك ماتەرىياللار. ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىللىرىدە دۇچ كەلگەن ئادەم چىداپ تۇرغۇسىز ئاچچىق ئاقىۋەتلەر، ئۇلارنىڭ ئەمگەك، ئىش-ھەققى، دەم ئېلىش، ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئىشلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش، داۋالىنىش، ئىستراخۇۋانىيەلىنىش، تۇققان يوقلاش، سەيلە-ساياھەت قىلىش، ئاممىۋىي پاالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ئەدەبىيات-سەنەت ۋە دىنىي ئىتىقات پاالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئەلىش-ئالالماسلىق قاتارلىقلارغا ئايىت ماتېرىياللارنى ئۆزلىرىنىڭ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ گۇۋالىق سۆزلىرى، مەجبۇرى ئەمگەككە تۇتۇلغان ۋە جىنسىي سەتچىلىككە زورلانغان، ئوزۇقلىنىش، دەم ئېلىش، ئەركىن پاالىيەت قىلىش جەھەتلەردە يولۇقىۋاتقان كىشىنى خورلايدىغان قىلمىشلار ۋە ئەچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر.مۇشۇ سەۋەپتىن ۋەيران بولغان، تۈرمىگە تاشلانغان ئاىلىلەر، ئۆلىۋالغان قىز-يىگىتلەر، قۇدىلاشماقچى بولغانلار ئارىسىدىكى ماجرالار، بىكار قىلىۋېتىلگەن تويلار، يىتىم قالدۇرۇلغان پەرزەنتلەر، ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار. ئىش ھەققىنى كەمبېرىش ۋە ھېچ ئىش ھەققى بەرمەسلىك مەسەلىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر؛
9)دېھقانلارنىڭ ھەقسىز ئەمگەككە سېلىنىشى، خىتايلار بەھرىمەن بولىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئەۋزەل سىياسەتلەر، قۇراللىق قىسىملار، ساقچىلار، خىتاي ئەسكەرلىرى، ئېغىر جازالانغان ۋەتىمىزگە سۈرگۈن قىلىنغان خىتاي جىنايەتچىللىرىنىڭ تۈرمە ئىچى ۋە سىرىتىدىكى ۋەھشىيلىكلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىقلارغا پۈتۈنلەي پايدىسىز يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىغا ئايىت ھەر تۈرلۈك جىنايى پاكىتلار، ھەددىدىن زىيادە ئەۋىج ئېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىجتىمايى، سىياسىي، ئىقتىسدىي مەسەلىلەر، خىتايلارنىڭ بايلىشىپ، ئۇيغۇر ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ نامراتلىشىپ بېرىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقان ھادېسىلەر ھەققىدە ماتېرىياللار قاتارلىقلارغا ئايىت خىتايلار ۋە خەلقىمىز ھازىرلىغان، مەخپىي ۋە ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ۋە ئېلان قىلىنمىغان تېكىست، ۋىدىيو، رەسىملەر؛
10) جەمىيەتنىنى قاپلاپ كەتكەن، ھەممىلا ئادەمنى راھەتسىز قىلىۋاتقان ئىشلار، تېرىلغۇ يەر، ئولتۇراق ئۆي، قاتناش، ئاممىۋىي پاراۋانلىق، دىنىي ئىشلار، ماارىپ، ئىشسىزلىق، مۇاش ۋە ئىش ھەققى، سودا-سېتىق، بالىلارنى ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق قىلىش جەھەتلەردىكى تەڭسىزلىكلەر، خىتايلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۆكتەملىكلىرى، ئۇيغۇر ۋە قېرىنداشلىرىغا زوراۋان ئەمەلدارلار ۋە قونچاق ئەمەلدارلار تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان ناھەق سىياسەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ شەۋھانىي قىلمىشلىرى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چىرىكلىشىشى، ساتقۇنلار، پۇرسەتپەرەسلەر، دىننى قالقان قىلىپ خەلقنىڭ يىلىكىدىن سۇ ئىچىۋاتقان غالچىلار، ئەمەلدارلارنىڭ پاراخورلۇق ۋە نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلىشى، بۇزۇپ-چېچىش ۋە كەيپى-ساپاغا بېرىلىپ خەلقنى تالان-تاراج قىلىشىغا ئايىت ئۆكتەملىكلىرى، ئۇلارنىڭ چىرىكلىككە بېرىلىشىگە دۆلەت تەرىپىدىن يېشىل چىراق يېقىپ بېىلگەنلىكىگە ئايىت جىنايى قىلمىشلار، ناھەق ئەنزىلەر، بىھۇدە ئېتىلىپ كەتكەن، مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز تۈرمىگە تاشلانغانلارغا ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ ئاىلىسىگە ئايىت ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر، نامراتلىق، تىجارەتتە يول تاپالماسلىق، ئوغۇرلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق، زەھەر ۋە قۇرال-ياراق ئەتكەسچىلىكى، خوتۇن-بالىلارنى ئېلىپ-سېتىش، ئاياللار ۋە بالىلارنى خورلاش، ئايدىس، سىبلىس، ۋابا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، دىۋەڭلىك، ھورۇنلۇق، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئەشۇ ئاقىۋەتكە قېلىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقان ئىشلار ھەققىدىكى مەلۇلاتلار، ئايدىس ئاىللىرى، ئايدىس ئانىلار، ئايدىس دادىلار ۋە ئايدىس بالىلارنىڭ كەمسىتىلىشى، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنماسلىق، خەلقارادىن بۇ مەسەلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن پۇل،دورا-دەرمەك ۋە باشقا ماددىي ياردەملەرنى خىيانەت قىلىش يولى بىلەن ئۆز-جايىغا ئىشلەتمەسلىك؛ قاتارلىقلارنى ئاخباراتچىلىق قايىدىسى ۋە پىرىنسىپلىرىغا لايىقلاشتۇرۇپ، تەخىست، ۋىدىيو، رەسىم ۋە باشقا مادىي پاكىتلار ئارقىلىق ئەڭ بىخەتەر يوللارنى تاللاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاشتا پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاخبارات ۋە ئاخبارات يېزىقچىلىقى ھەققىدە ئاز-تولا ساۋاتقا ئېرىشىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز، ۋەتەن ئىچىدە ۋە سىرىتى توختاۋسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەركىتىمىزگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ماتېرىيالنى تۈزۈپ چىقتۇق.بۇ پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى بەزى مەسەلىلەرنى نەزەردە تۇتقان ۋە مۇشۇ خىلدىكى ماتېرىياللارغا جىددىي ئېھتىياجى بولغان، بۇ كەسىپتە شۇ خىل سەۋىيەگە ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن تۈزۈلدى.ئەلبەتتە بۇ ھەقتە توختىماي ئىزلىنىدىغان ۋە ئۈگۈنۈشنى خالايدىغانلارغا ھەر-تەرەپلىمە ئىزلىنىش تەكلىۋىنى بېرىمىز.
مىللىتىمىز قەدىمىي مەدەنىيەتلىك، شانلىق تارىخقا ئىگە، ئىتىقادى كۈچلۈك، ئەقىللىق، ئەخلاقلىق، ئەمگەكچان، باتۇر ۋە جاسارەتلىك خەلق. تارىخىي، ئىجتىمايى ۋە سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا كۆپ ئارقىدا قالدۇق.بۇ ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ئاۋال ئاخباراتچىلىققا تايىنىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.يوقاردا تىلغا ئالغاندەك مەسەلىلەرنى خەۋەر، تەپسىلىي خەۋەر، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئوچېرىك شەكلىدە ھەر-تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىللىرىغا ئاخباراتنىڭ 7 ئامىلىنى پىرىنسىپ قىلغان ئاساستا لايىقلاشتۇرۇپ تەييارلاش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنەرسە ئېنىق بولسۇنكى خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ مىللىي زۇلۇم خەلقارا جاماەتچىلىك تەرىپىدىن بولۇپمۇ ئامېرىكا باشلىق غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ، ياۋروپا بىرلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق غەزىۋىنى كەلتۈرىدۇ.خەلقىمىزنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇم مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ، ئۇ زوراۋانلارنىمۇ جازالاش ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان خەلقارا قانۇنلار بار.زوراۋانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغان كۈنلىرىگىمۇ بارغانچە ئاز قېلىۋاتىدۇ.بىزنىڭ بۇنداق يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىمىزغا بىرىنچىدىن ئۆزىمىزنىڭ بىخۇتلىقى، ئىككىنچىدىن زوراۋانلارنىڭ ھېلە-مىكىرەلىرى سەۋەپ بولدى.ھەققانىيەت ھامان بىز تەرەپتە، ئازراق غەيرەت قىلساقلا، ئازراق كاللىمىزنى ئىشلەتسەكلا، ئازراق بەدەل بېرىشتىن قورقمىساقلا، زۇلۇم ۋە زورلۇقنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، مەزلۇم خەلقىمىزنى قەد كۈتەرتەلەيمىز.
نۆۋەتتە كوللېكتىپ ھالدا قىلىنىۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن غايەت زور نەتىجەلەر قولغا كەلمەكتە.بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۇنداق ئاسان بولمىغاچقا تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىۋاتىدۇ.بىز ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان خەلقارا ۋەزىيەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەقلىي كۈچىمىزنى سىياسىي ۋە ماددىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشتا، نانغا قارىغاندا ئاخباراتقا بولغان ئەھتىياج تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا. بىز بۇ زۇلۇم ئىچىدە ياشىغىلى 60-70 يىل بولۇپ كەتتى. دۇنيا خەلقىگە زوراۋانلار بىزنى بۇزەك قىلىۋاتىدۇ دەيلى دېسەك قولىمىزدا مىليونلىغان جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىرەرمۇ تۈزۈكرەك يېڭى ماددىي پاكىت يوق. مەسەلەن بارىن، غۇلجا، خۇتەن، قۇمۇل-تۇرپان، ئاقسۇ، باي، توقسۇ، شاھيار قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم ئادەملەر زۇلۇمغا قارشى پارتىلاپ چىقىپ، ئېغىر باستۇرۇلدى. 10 مىڭلىغان ئادەم جازالاندى، تۈرمىگە كىردى. تۇرمىدىكىلەرنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى، باستۇرۇلغان چاغدىكى قەبىھ ھادېسىلەرنى مەھەلە-مەھەلىدە كۆرگەزمە قىلغان ئىدى، ئۇ ھەقتە ماقلا، رەسىم ۋە ماددىي پاكىتلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە ئۇ ھەقتە قولىمىزغا تەككەن ماددىي پاكىتلار، شۇ چاغدىكى ئىشلارنىڭ مىڭدەن بىرى بولۇپ، تېخى ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز خەلقىمىز ئەمەس باشقىلار ئەركىن دۇنياغا ئېلان قىلغان. ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرى مىللىي مەنپەتىمىز ئۈچۈن خۇددى چەت-ئەلدىكى بىر تەشكىلاتتەك پايدا كۆرسەتمەكتە. بىز شۇنچىلىك يارىماس، شۇنچىلىك بىخۇت، شۇنچىلىك ھورۇن، شۇنچىلىك دىۋەڭ، شۇنچىلىك بىلىمسىز بولۇپ كەتتۇقمۇ ئەمدى؟ئەلبەتتە قىلايلى دېسەك بىزمۇ قىلىمىز، قىلالايمىز. بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھەققىدە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلارغا ئاز-تۇلا ساۋات بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھەققانىي ئىستەكلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە شۇ ئاساستا ھەر تۈرلۈك قانۇنىي ھەق ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداپ قېلىش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈش ھەركىتىگە بىرلىكتە ئاكتىپ قاتنىشىش مەقسىدىدە بۇ ماتېرىيال تۈزۈپ چىقىلدى. پايدىلىنىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.جانابىي ئاللا ھەرزامان ياردەمچىڭىزلار بولسۇن!
گەرمانىيە فرانكفۇرت ئام/ماىن
06-يانىۋار 2008