ئاينىسا ئابلىكىم: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مېنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلارنى ساقلاپ قالغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدىدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» دە شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئىككى پەرزەنتلىك، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش بەلگىلەنگەن بولىسمۇ، ئەمما خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كېلىپ، ۋاقىتلىق نوپۇس بىلەن ياشاۋاتقان يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىككى پەرزەنت بولۇش كېرەك دەپ ئۆز قانۇنىغا خىلاپ ھالدا كۆچمە نوپۇستىكى ئۈچىنچى پەرزەنتىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈلگەنلىكىگە شاھىت بولغان، ئاينىسا ئابلىكىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق ئاھالىلەر كوممىتىدا پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسدا خىزمەت قىلغان جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ، پىلاندىن ئارتۇق دەپ مەجبۇرىي چۈشۈرمەكچى بولغان پەرزەتلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئاڭلاتتى.
يېقىندا شىۋىتسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئاينىسا ئابلىكىم 1999-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئونۋېرسىسىتى»نىڭ قانۇن فاكولتېتىنى پۇتتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونلۇق ئاھالىلەر كوممىتىدا پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسدا خىزمەتكە 2000-يىلى تەقسىم قىلىنغان.
ئاينىسا ئابلىكىم خىزمەت قىلغان سايباغ رايونلۇق ئاھالىلەر كوممىتىت تەۋەلىكىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايىسى شەھەر، ناھىيىللىردىن كېلىپ تىرىكچىلىك مەقسىتىدە ۋاقىتلىق نوپۇس ئېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەسلى يېزا نوپۇس بولغاچقا ئۈچ پەرزەنت ئېلىش ھوقوقى بولسىمۇ بۇلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نوپۇس ۋە سىياسىي جەھەتتە ئاسمۇللاتتاسيە قىلىش ئۈچۈن، ئىككى پەرزەتتىن ئارتۇق پەرزەنتىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇپ كەلگەن.
ئاينىسا ئابلىكىم 2005-يىلى تەۋەلىكىدىكى ئايشەمگۈلنىڭ 8ئايلىق بالىسىنى چۈشۈرېۋېتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەندە ، كېچىدە ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنى تېزدىن باشقا يۇرتقا قېچىشقا يول كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ 8ئايلىق بولغان پەرزەنتىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرلىشىدىن ساقلاپ قالغان.
ئۇ يەنە 2008-يىلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن بالىىسى چۈشۈرتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن دوستىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇت ئانىسى ئەكلىپ تۇغدۇرغانلىق ئەھۋالى بايقىلىپ قېلىپ، ئىدارىسىدىكى خىتاي باشقىلىرىنىڭ تىل ھاقارەت ۋە يىللىق مۇكاپات پۇللىرى مۇسادىرە قىلغان.
2009-يىلى «5-ئىيۇل»ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۆز مەيدانىنى بىلدۇرۇپ ماقالە يېزىشتا،خىتاي باشلىقى تەرپىدىن «مەيداننى ئېنىق بىلدۇرمىگەن، مىللىي ھىسياتى كۈچلۈك، خىزمەتتە مەسسئولىيەتسىزلىك قىلىپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ماسلاشمىغان »دىگەندەك بوھتانلار بىلەن خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلغان، ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولغان ئۇيغۇر كادىرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار»دىگەن بوھتانلار بىلەن مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭرى ئورۇن ئالماقتا.