ئەجدەرھا چىشىنى كۆرسۈتىۋاتىدۇ، تېخى ئوتىنى پۈركىمىدى

ئەجدەرھا چىشىنى كۆرسۈتىۋاتىدۇ، تېخى ئوتىنى پۈركىمىدى

 

قوشۇمچە تېما: خىتاينىڭ بىر يول، بىر بەلۋاغ چۈشى، كونا تېكىستكە ئېيتىلغان يېڭى مۇقام

 

(خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە مۇلاھىزە)

 

سەھەر

يېقىندا (whatsup)ۋاتىسئاپ گۇرۇپپىسىدىن بىر قازاق زىيالىيسىنىڭ قازاق خەلقى ۋە زىيالىيلىرىغا خىتاينىڭ قازاقىستانغا سىڭىپ كىرىشىدىن سەگەك بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلىگەن بىر سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ قازاق زىيالىيسى، سۆزىدە قازاقىستاندىكى بارلىق قازاق زىيالىيلىرىنى، خىتاينىڭ ھىيلە-مىكىر ۋە سۇيىقەستلىرى ئالدىدا سەگەك بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.

بۇ قازاق زىيالىيسىنىڭ (whatsup) گۇرۇپپىلىرىدا تارقاتقان  سۆزىدە، خىتاينى ئوخشىتىپ، ئەجدەرھا  دۇنياغا چىشىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ تېخى ئوتىنى پۈركىمىدى دېگەن ناھايىتى يوشۇرۇن مەنە يوشۇرۇنغان بىر جۈملە سۆزنى ئىشلەتكەن. مەنمۇ بۇ قازاق قېرىندىشىم ئىشلەتكەن شۇ ئوخشىتىشنى ماقالەمنىڭ ماۋزۇسى قىلىپ ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇ قازاق زىيالىيسى يەنە دۇنيا خىتاي دېسە، داڭلىق خىتاي كىنو چولپىنى            (Jikijen)   نىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ يەنە بىر يۈزىنى تېخى كۆرمىدى دېگەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قازاق خەلقىگىمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسەتلەرنى قوللىنىشقا باشلاپ، پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغانلىقى، جۈمەرىڭىز خەيرلىك بولسۇن دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقىغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى، قازاق خەلقى ۋە قازاق زىيالىيلىرىدا زور ئويغىنىشلار پەيدا قىلغان.
يېقىندا خىتاي، دۇنيا ئومۇمى كۆلىمىنىڭ  26%تىنى، 65 تىن كۆپ دۆلەتنى ئورىغان، 3 دېڭىز 2 قۇرۇقلۇق يولى، 5 يۆنىلىش نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ تۈر بېسىپ ئۆتىدىغان 65 دۆلەتكە يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول، پورت، تۆمۈر يول، ۋە ئايرودروم ئارقىلىق بىۋاسىتە بېيجىڭغا باغلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا. ياپىلاق دېھقان تىلى بىلەن ئېيتقاندا خىتاي دۇنياغا “ئاكاڭ قارىغاي يولۇڭنى، كوۋرۈكۈڭنى، پورتۇڭنى، تۆمۈر يولۇڭنى ياساپ بېرىدۇ، دوللاردىن ئەنسىرىمە پەقەت گېپىمدىن چىقمىساڭ بولدى” دەۋاتىدۇ. دۇنيا مەتبۇئاتلىرى خىتاينىڭ دوللارنى  دۇنيا قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز ئوكيانلىرىغا ئايىماي چېچىۋاتقانلىقىدەك بۇ ھەرىكىتىنى، “يۇمشاق سىڭىپ كىرىش” دەپ تەسۋىرلەۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭ، خىتاينىڭ بۇ خىل دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى “قىزىل بولاق” (红 包)بىلەن چىكىجەندەك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇرۇشىنى “ ناز كەرەشمە دىپلوماتىيە “ دەپ تەسۋىرلىگۈم بار.

خىتاي بىر قارىغاندا، غەربكە ساياھەت فىلىمىدىكى قاراڭغۇ ئورمانلىقلاردا تاڭسىڭنىڭ ئالدىغا كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ كۈلۈمسىرەپ چىقىدىغان، ناز كەرەشمە جىن قىزلارغا ئوخشىسا، يەنە بىر قارىغاندا ھەممە نەرسىنى دوللار بىلەن كونترول قىلىمەن دەيدىغان قارا قول تەشكىلاتلىرىنىڭ مافىيەلىرىگە ئوخشايدۇ.

مەن، 7.6 مىلياردلىق دۇنيا نوپۇسىنىڭ 4.5 مىلياردلىق قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 305 مىليارد دوللار خەجلىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان، ھازىرغا قەدەر خىتاي تەرەپتىن 124 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىپ بولغان، خىتاي مەيدىسىگە ئۇرۇپ، “دۇنيانى ئاكاڭ قارىغاي باشقۇرىدۇ” دەۋاتقان خىتاي نىڭ بۇ كېڭەيمىچىلىك تۈرىنى بىر لۈكچەكنىڭ بىر مەھەللىدىكى بىر شەھەردىكى ۋە ياكى بىر يۇرتتىكى لۈكچەكلىكىنىڭ دۇنياغا ھېچ نومۇس قىلماي كېڭىيىشى دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە بۇ “لۈكچەك” نى دۇنيادا بىر كۈچ تۇر دېيىشى كېرەك. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوğاننىڭ بىر سۆزى بار “ پىرەۋىندەك زالىملارنىڭ ئالدىنى توسالايدىغان مۇسا ھامان بىر كۈنى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەيدىغان.

دۇنيادا خىتاينىڭ خۇي پەيلىنى ئۇيغۇر مىللىتىدەك ياخشى بىلىدىغان يەنە بىر مىللەت بولمىسا كېرەك. خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقى تۈركىستانغا سىڭىپ كىرگەندىمۇ، خۇددى ھازىر دۇنياغا سىڭىپ كىرگەندەك، ناز كەرەشمە كۈلۈمسىرەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى قارلىرىنى تازىلاپ، بوۋاي مومايلارنىڭ چاچ–ساقاللىرىنى ياساپ، سۈيىنى توشۇپ ئوتۇنىنى يېرىپ كىرگەن ئىدى. ئارىدىن ئاز كەم 60 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار “ۋاي دات” دېگەنچە ئۆي ماكانىنى خىتايغا تاشلاپ جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى دۇنيامۇ ۋاي داد خىتايدىن جاق تويدۇم، بۇنى قانداق قىلىپ قوغلاپ چىقىرارمەن دېگەن بىر كۈننى بەشىدىن كەچۈرىدۇ. بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسىمۇ خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى قانداق كونترول قىلغانلىقىنىڭ دەل ئۆزى.

خىتاي –پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى —–تىمتاس ئەمەس بۇ ماكان.

شىجىنپىڭ  ئۆزى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىر يول، بىر بەلۋاغ شېرىن چۈشىگە پەقەت شەرقى تۈركىستاندىكى ئىككى لىنىيە بىخەتەر ۋە راۋان بولغاندىلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭ بىرى 60 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى. بۇ كارىدور شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرى ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىگە  ۋە ئاخىردا پاكىستاننىڭ گۇۋادا پورتى ئارقىلىق  ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدۇ.
يەنە بىرى قازاقىستان بىلەن شەرقى تۈركىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان، قورغاس قۇرۇقلۇق بازىسى.

خىتاي، قەشقەر -پاكىستان ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىش ئۈچۈن پۇلنى بولۇشىغا خەجلەۋاتىدۇ. دېمەك شەرقى تۈركىستان ئاساسلىق تۈگۈن ھېسابلانغان، خىتاي -پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى بولمىغان شارائىتتا خىتاينىڭ ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئۇ چاغدا شىجىنپىڭنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ شېرىن چۈشىگە يېتىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خىتاي قارا قۇرۇم تاغلىرىنى كەسىپ ئۆتۈپ ھىدى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان 3 مىڭ كم ئۇزۇنلۇقتا يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يول ياساۋاتىدۇ پاكىستاندا.

دېمەك، خىتاي –پاكىستان  ئىقتىسادى كارىدورى پۈتكەندە خىتاي بىۋاسىتە پاكىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقاغا تۇتۇشىدۇ.

ئەمما خىتاي پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى شىجىنپىڭنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ چۈشىدىكى ئەڭ نازۇك ھالقا بولۇپ، بۇ يولدىن خىتاي ماللىرى ھىندى ئوكيانغا ئاندىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقاغا تۇتاشقان بىلەن ئەگەر ۋەزىيەت ئىشنىڭ تەتۈرىگە ئۆرۈلگەندە يەنى شىجىنپىڭنىڭ شېرىن چۈشىگە قارا بېسىپ قالغاندا، بۇ يوللار خىتاي ماللىرى ماڭىدىغان يول ئەمەس، بەلكى خىتاي قىزىل ئارمىيەسى پاكىستاننى بېسىۋالىدىغان يوللارغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
خىتاي پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىگىدارچىلىقىدىكى رايونلاردىن ۋە ئەتراپلىرىدىن كەسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، خىتاي نەزىرىدە  شەرقى تۈركىستانمۇ بىر تېررورلۇق بازىسى ھېسابلىنىدۇ.( گەرچە شەرقى تۈركىستاننىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىسىمۇ)
شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلانغان شەرقى تۈركىستاندا  بىر مىليون قوراللىق ئەسكەر تۇرغۇزماقتا. بۇ خىتايدىكى 2 مىليون قوراللىق ئەسكەر ئومۇمى سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.(بۇ سۆزلەرنى ياۋروپا –خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سابىق باشلىقى چارلەس پارتون بىر لېكسىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان).

خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستاندىن قۇشلارنىڭمۇ ئۇچۇپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر كېرەك بولسا، بۇ زېمىننىڭ ھەقدار ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى تانكىلىرى بىلەن دەسسەپ چەيلىۋېتىشى كېرەك. شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان تارىختىكى ناتسىست گىرمانىيەسىنىڭ ئۆلۈم لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دنا نىڭ تەكشۈرۈلۈشى شۇ ۋەجىدىن.

خىتاي، خىتاي پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىغا شۇنداقلا پاكىستاننىڭ شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تۈرلىرىگە ناھايىتى يۇغۇرى مىقداردا مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، پاكىستان، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن قالسا 2- ئارقا ھويلىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
بۇ  كارىدور ئارقىلىق خىتاي تاۋارلىرى غەربكە،  غەربنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرى خىتايغا 12 كۈندە يېتىپ بارىدۇ. خىتاي- پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەسى ۋە كۆمۈر گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى، يۇغۇرى سۈرەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي پاكىستان بىلەن يەنە ناھايىتى كۈچلۈك ھەربىي ھەمكارلىقمۇ ئورناتماقتا.
ئۇنداقتا خىتاي پاكىستاننى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پاكىستانلىقلار بېيىپ ياخشى كۈن كەچۈرسۇن دېگەن مەقسەتتە پاكىستانغا مەبلەغ سېلىۋاتامدۇ؟ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مەبلەغلەرگە، خىتاينىڭ رايونغا ۋە دۇنياغا قەدەممۇ قەدەم سىڭىپ كىرىش ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ھېلى مىكرى يوشۇرۇنغان.

پاكىستاندىكى زىيالىيلار، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە پاكىستاندىكى ئويغاق كىشىلەر، خىتاينىڭ پاكىستانغا سىڭىپ كىرىپ، پاكىستاننى خىتاي تەسىرى ئاستىدىكى ئافرىقىدەك بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلماقتا.

خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش ئېغىزى ھېسابلانغان خىتاي پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى ( تۆۋەندە خەلقارا مەتبۇئاتلاردا ئىنگلىزچە قىسقارتىپ ئىشلىتىۋاتقان CPEC دېگەن سۆزنى ئىشلىتىمەن). جۇغراپىيەسى  خىتاي ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈش تەسكە توختايدىغان جۇغراپىيەدىن ئىبارەت. بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىنمۇ شۇنداق. بۇ ئىشنىڭ باشلانغۇچى. خىتاي CPECتە “چۈجىنى كۈزدە سانىشى” كېرەك. خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسى “تىمتاس بولمىغان ماكان” دىن كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئەجدىھا يالغۇز پاكىستانغىلا ئەمەس، بەلكى بانگىلادېش، سىرىلانكا  ۋە نېپالغىمۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق يۇغۇرى رەقەملەر بىلەن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئارقىسىغا ناھايىتى شۇم غەرەزلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر ھېس قىلىغلىق.
ئەجدىھا دۇنياغا تېخى چىشىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئويۇنلار، زەھەر پۈركۈش ۋە ئوت پۈركۈشلەر ئەمدى باشلىنىدۇ.

ئەمما  خىتاي مەردلىك بىلەن پۇل چېچىۋاتقان CPEC تىمتاس بولمىغان بىر ماكان. تىمتاس بولمىغان بۇ كەڭرى جۇغراپىيەدە كىملەر ئات چاپتۇرۇپ قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ كېلىپ كەتمىدى؟ قېنى ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ پاتماس قۇياشى دەپ تەسۋىرلىگەنلەر ۋە سەلتەنەت سۈرگەنلەر؟ تېخى تۈنۈگۈنلا دۇنيانىڭ پاتماس قۇياشىمەن دەۋاتقان سەۋىتلەر بىرلىكى مانا مۇشۇ تىمتاس بولمىغان جۇغراپىيەنىڭ ئەتراپىدا پېتىپ كەتمىدىمۇ؟ ئەگەر پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەشكە نېسىپ بولۇپ، دۇنيانىڭ بۈگۈنكى پاتماس قۇياشىمەن دەۋاتقان خىتاي پېتىپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي –پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ ئىسمى شەرقى تۈركىستان- پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىغا ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا 3 مىڭ كم لىق بۇ كارىدور شەرقى تۈركىستاننى تاكى ھىندى ئوكيانغا قەدەر تۇتاشتۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ  دۇنياغا ئۇلىشىشىغا زېمىن ھازىرلايدۇ. شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاننىڭ دېڭىز ئوكيانلاردىن يىراق، ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇشتەك رېئاللىقىغا خاتىمە بېرىدۇ. بىز چوقۇم ھەر شەررىنىڭ ئارقىسىدا بىر خەيرنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.

خىتاي-قازاقىستان قورغاس قۇرۇقلۇق بازىسى.

خىتاي دوللارنى ئايىماي چىچىۋاتقان ۋە ئىنتايىن ئالدىراشچىلىق بىلەن تۆمۈر يول ياساۋاتقان يەنە بىر دۆلەت قازاقىستان. خىتاي قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە رۇسىيەدىن قالسا 2-چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيەسىگە كۆز تىكىگلىك شۇنداقلا قازاقىستان ئارقىلىق دۇنياغا ئۆتمەكچى. خىتاي جۇغراپىيەلىك كېڭەيمىچىلىكىنىڭ 2-ئۆتۈشمە تۈگۈنى قازاقىستان.  قازاقىستان مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۇستى ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن خىتاينىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن ئېنېرگىيەگە بولغان        ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ياخشى جاي. شۇنداقلا، خىتاينى بىر يول بىر بەلۋاغ شېرىن چۈشىگە ئۇلاشتۇرىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈك. شۇڭا خىتاي قازاقىستاننىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا زور مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەگەر قازاقىستان بولمىغان شارائىتتا خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ شېرىن چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىم بولغىنى قازاقىستانغا ئەڭ يېقىندىن چېگرىلىنىدىغان غۇلجا قورغاس قۇرۇقلۇق پورتى ئارقىلىق خىتاي ياۋروپاغا ئۆتەلەيدۇ. دېمەك شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ قازاقىستان يۆنىلىشى ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىشىدىمۇ مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرماقتا. خىتاي بۇ يۆنىلىشتە، قورغاس، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، گۈرجىستان قاتارلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ تۈركىيەگە تۇتۇشىدۇ
قازاقىستان خىتاينىڭ پاكىستاندىن قالسا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي قازاقىستاننىڭ كانچىلىق، نېفىت ۋە يېزا ئىگىلىكىگە 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغانلىقى مەلۇم.
خىتاي يەنە قازاقىستان -خىتاي تۆمۈر يولى ئارقىلىق يىلىغا 50 مىليون توننا مەھسۇلاتىنى دۇنياغا توشۇيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي قازاقىستاندىن، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە جايلاشقان قورغاس قۇرۇقلۇق بازىسى قۇرۇلۇشىغا 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان. ئەمما غۇلجا خەلقى بۇنداق خەلقارالىق ئىستراتىگىيەلەردىن قىلچە مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئالتۇن يولنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى، يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا يىغىۋالماقتا دنا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغماقتا ۋە خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي قوشماق تۇغقان بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا. بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشمىغانلارنى ئىككى يۈزلىمىچى كادىر دەپ تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا.

ئۇنداقتا قازاقىستان خىتاي ئۈچۈن تىمتاس ماكانمۇ؟ ياق، گەرچە ھازىر تىمتاس بىر ماكاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قازاقىستان قايناۋاتقان بىر قازان، كېلەچەكتە تاشقىنلىشى مۇمكىن.
قازاقىستان خەلقى ۋە قازاقىستانلىق ئىلغار زىيالىيلار، خىتاينىڭ قازاقىستانغا ناز-كەرەشمە سىياسىي دىپلوماتىيە بىلەن سىڭىپ كىرىشىنىڭ قازاقىستانغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما، خىتاي  تېخى ئۇيغۇر خەلقىگە سالغان زۇلۇملىرىنىڭ 100 دە بىرىنى قازاق خەلقىگە كۆرسەتمىدى.
ئۇزۇندىن بۇيان قازاق خەلقىگە چىشىنى كۆرسىتىپ كەلگەن ئەجدىھا يېقىندىن بۇيان، قازاق خەلقىگە ئوت پۈركۈشكە باشلىدى.
مەسىلەن. 1-قازاقىستانلىق قازاقلارنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى قازاق تۇغقانلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ھەرقانداق ئۇچۇر ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلاندى.
2- جۈمەرىڭىز مۇبارەك بولسۇن، ئاللاغا ئامانەت، ئاللا خالىسا، ئەسسالامۇئەلەيكۇم دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن قازاقلار ئاز دېگەندە 3 يىللىق تۈرمىگە تاشلاندى.
3-شەرقى تۈركىستاندا يەر مۈلكى بولغان قازاقلارنىڭ، يەر مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. ئەتە ياكى ئۆگۈن خىتاي ئۇيغۇرلارغا قوللانغان ھەممە سىياسەتلىرىنى قازاقلارغا قوللىنىپ، قازاقلارنىمۇ خىتايلار بىلەن تۇغقانلىشىشقا قىستىشى، ئۆيىدىكى جاينامازلىرىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشكە قىستىشى، ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى ۋە ياكى دىنى گەپ سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىشى، قازاقلارنىڭمۇ دنا ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى ئىككى يۈزلىمىچى قازاق دەپ تۈرمىلەرگە تاشلىشى مۇمكىن. دۇنياغا كۆز ئالايتىۋاتقان خىتايدىن ھەر شەررىنى كۈتۈش تامامەن مۇمكىن.
يەنە بىر جەھەتتىن، قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇرۇق تۇغقان، ئۇلار بېشىغا كەلگەن ئوخشاش قىسمەتلەردە تېزلا ئىتتىپاقلىشالىشى شۇنداقلا خىتايغا قارشى بىر كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالىشى مۇمكىن.
ئۇندىن باشقا خىتاي بىر يىل ئىلگىرى، ئەگەر خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت، چەتەللەردە يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ ئۇ دۆلەتلەرگە ئەسكەر ئەۋەتىپ تىنچىتىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە بىر قانۇن ماقۇللىدى. ئەگەر كېلەچەكتە قازاقىستاندىكى قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ، خۇددى ھازىرقى سىرىلانكا ۋە فىلىپپىنلاردا كۆرۈلۈۋاتقاندەك خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى ئىسيانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تەقدىردە، قازاقىستاندىكى ئىسيان ۋە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن قازاقىستانغىمۇ ئەسكەر ئەۋەتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا قازاقىستان ھازىر نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇۋاتقان، ھازىرچە خىتاي ماللىرىنى دۇنياغا توشۇيدىغان، قازاقىستان قورغاس تۆمۈر يولىدا خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللىرى توشۇلۇشى مۇمكىن.
ئۇندىن باشقا رۇسىيە تۈركىيەگە ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە دوستلىشىش تەكلىپىنى قويۇۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ تەكلىپ ئەمەلگە ئېشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىپ، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسى سۇسلىشىدۇ دېگەن گەپ. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خىتاي تەسىرى ۋە سىڭىپ كىرىشى ئاستىدا قالغاندىن ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق تۇغقىنى ھېسابلانغان تۈركىيە بىلەن رۇسنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغاننى بەكرەك خالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئىشلار باشقىچە بولۇپ، خىتاينىڭ شېرىن چۈشى، قارا بېسىشقا ئۆزگەرگەن ئەھۋال ئاستىدا
خىتاي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان قازاقىستان- قورغاس تۆمۈر يولى دات باسقان تۆمۈر-تەرسەكلەر قاتارىدا تاشلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. دۇنيا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىم- كىمنى سېنىڭ مۇستەقىللىقىڭدىن ئۈمىد يوق دەپ ئېيتالايدۇ. بىر كۈن كېلىدۇ سۇلار ئۇلغىيىپ بېلىقلار چۈمۈلىلەرنى يەيدۇ، بىر كۈن كېلىدۇ، سۇلار تاراپ چۈمۈلىلەر بېلىقلارنى يەيدۇ. ئەگەر خىتاي ۋاقتى سائىتى كېلىپ خۇددى سەۋىتلەر بىرلىكىدەك غۇلاپ چۈشىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىش مىنۇتلىرى يېتىپ كەلگەندە، قازاقىستان قورغاس تۆمۈر يولى يەنە جانلىنىپ، شەرقى تۈركىستان- قازاقىستان دوستلۇق تۆمۈر يولىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا يەنە شەرقى تۈركىستان، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، گۇرجىستان، ۋە تۈركىيە قاتارلىق قېرىنداش دۆلەتلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە ئاق دېڭىزغا تۇتىشىدۇ دېگەن گەپ. ئۇ چاغدا بۇ يۆنىلىشتىمۇ شەرقى تۈركىستان دېڭىز ئوكيانلاردىن يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى دېگەن تارىخقا خاتىمە بېرىدۇ.

يۇقىرىدىكى بۇ خەرىتە بىزگە ۋە دۇنياغا نىمىنى چۈشەندۈرۈپ  بېرىدۇ؟ بۇ خەرىتە بىزگە ۋە دۇنياغا، بىر قارىغاندا شېكەر يالىتىلغان يېڭى بىر تەرەققىيات ئىقتىسادى جۇغراپىيەسىنى كۆرسەتسە يەنە بىر قارىغاندا ناز كەرەشمە بىلەن تولغان، خىتاينىڭ دۇنياغا سىڭىپ كىرىشتىن ئىبارەت سەتەڭلىك ھىيلىسىنى ئاڭلىتىدۇ. بىر قارىماققا ياۋرو- ئاسىيا جۇغراپىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر ئىقتىسادى بەلۋاغنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ يول ۋە بۇ بەلۋاغنىڭ تىزگىنى ھازىرچە خىتاينىڭ قولىدا. بۇ خەرىتە بىزگە ۋە دۇنياغا،
يول ۋە بەلۋاغ بېسىپ ئۆتىدىغان نۇرغۇنلىغان سوئال ئاستىدىكى يوللارنى ئاڭلىتىدۇ. خىتاي تېخى بۇ ئەگرى-بۈگرى يوللارنىڭ باشلانغۇچىدا.
بۇ خەرىتە بىزگە، خىتاينىڭ شېرىن چۈشى بولغان بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىدىغان تۈركى دۆلەتلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. بۇ خەرىتە بىزگە يەنە شەرقى تۈركىستاننىڭ، خىتاينىڭ شېرىن چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئاشۇرالماسلىقىدا كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ خەرىتە بىزگە يەنە، ئەگەر خىتاي يېقىن كېلەچەكتە غۇلاپ چۈشكەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ تاتلىق شېرىن چۈشلىرى سوزۇلۇپ ياتقان بۇ يول ۋە بەلۋاغقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقى ھېچ بولمىغاندا بۇ، دۇنياغا تۇتاشقان ئۇزۇن يولدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ساھىبى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. بۇ خەرىتە بىزگە يەنە، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى بۇ ئالتۇن جۇغراپىيەدىن يوق قىلىۋېتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنىڭ جاۋابىنى بەرمەكتە. چۈنكى خىتاي ئۆزىنى دۇنيا بازارلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر جۇغراپىيەدە، ھەم مۇسۇلمان ھەم تۈرك، ھەم مۇستەقىللىق ئىسيانلىرى تارىختىن بۇيان بېسىقماي كەلگەن ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، ئۆزىنىڭ شېرىن چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا سايە تاشلاپ تۇرۇشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. شۇڭا خىتاي يېقىنقى 2-3 يىل ئىچىدە ناتسىست گېرمانىيەسى تارىختا يەھۇدىيلارغا قوللانغان ۋەھشىي ئۇسۇللارنى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا قوللىنىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن.

“بىر يول بىر بەلۋاغ” دۇچ كېلىدىغان توسالغۇلار ۋە خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە غۇلاش ئېھتىماللىقى.

“بىر يول بىر بەلۋاغ” دىن ئىبارەت خىتاي شېرىن چۈشى دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان توسالغۇلار تۆۋەندىكىچە.
1-        “بىر يول بىر بەلۋاغ” دۇنيا نوپۇسىنىڭ 26% تىنى تەشكىل قىلىدىغان، 65 دۆلەتنى ۋە 65 خىل مەدەنىيەتنى كېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ. بۇ يولدا مۇسۇلمانمۇ تۈركمۇ، تېررورمۇ، ئەرمەنىستان ئەزەربەيجان قاتارلىق ئۆز ئارا سۈركىلىشلىرى بولغان دۆلەتلەرمۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش باھانىسىدە سىڭىپ كىرىشىنى خالىمايدىغان ئۆكتىچى كۈچلەرمۇ بار 65 دۆلەتنىڭ  تاموژنىسى  بار. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يولنىڭ خىتاي ئۈچۈن بەك راۋان بولۇپ كېتىشى ئىنتايىن قىيىن.
2-        “بىر يول بىر بەلۋاغ” ئۆزى بىلەن بىرلىكتە يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئىنسانلارنى چۈشىنىش دەيدىغان بىر تۈرنىمۇ ئېلىپ بارماقچى. خىتاي ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىپ باققان بىر مىللەت ئەمەس. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكەببۇر خىتاي مەدەنىيىتى ئۆزى بېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەتلەر  مەدەنىيەتلىرى بىلەن، مەدەنىيەتلەر  توقۇنۇشى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
3-        خىتاي تۆمۈر يول بىلەن ياۋروپاغا توشىغان ماللىرىنىڭ تەننەرخى دېڭىز بىلەن توشۇلغانغا قارىغاندا قىممەتكە توختايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ مەقسىتى تىجارەت ئەمەس بەلكى سىڭىپ كىرىش. شۇڭا خىتاي ياۋروپادىكى ماركىلارغا ھەمدە ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىغا ئوخشاش تۈرلەرگە مەبلەغ سالماقتا. بۇ يەردىكى مەسىلە، كىمنىڭ سۆز ساھىبى بولۇش مەسىلىسى. بۇنداق بازار تالىشىش جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەردە، خىتاي ياۋروپاغا 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغانلىقى ئۈچۈن قارار ئىگىسى بولۇشى كېرەكمۇ؟ يەنى خىتاي لىدىرلىق قىلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر لىدىرلىق قىلىشى كېرەكمۇ. ياۋروپالىقلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە لىدىرلىق قىلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ.
4-        خىتاينىڭ خۇي پەيلى بويىچە بولغاندا، خىتاي بىر دۆلەت ياكى رايونغا سىڭىپ كىرگەندە، مۇستەملىكىچىلىك تامغىسىنى شۇ رايون شۇ دۆلەتلەرگە ئۇرۇپ ماڭىدۇ. ياكى ئۆزىنىڭكىگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. مەسىلەن(چىنا توۋن) دېگەندەك. يەنى شۇ رايون شۇ دۆلەتلەردىكى كوچا رەستىلەرنىڭ، ئايرودروم ۋە باغچىلارنىڭ ئىسمىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. مەسىلەن قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى دىڭشاۋپىڭ يولى دېگەندەك. ئەگەر خىتاي ياۋروپاغا سىڭىپ كىرىش جەريانىدا، ياۋروپادىكى تارىخى يوللارنىڭ ۋە جايلارنىڭ نامىنى دىڭشاۋپىڭ يولى، شىجىنپىڭ يولى، ياكى خىتاي چۈشى يولى، ياكى بىر يول بىر بەلۋاغ يولى قاتارلىق يوللارغا ئۆزگەرتكۈسى كېلىپ قالغان شارائىت ئاستىدا، ياۋروپالىقلار بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟
5-        شىجىنپىڭنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ چۈشى، ئانچە مۇستەھكەم بولمىغان بىر يول، بۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ مالىمانچىلىقلار، يېنىۋېلىشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەسىلەن سىرىلانكىدا خىتاينىڭ سىرىلانكىغا سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ئۈزلۈكسىز نامايىشلار بولۇپ تۇرماقتا. مەسىلەن يېقىندا پاكىستان، خىتاينىڭ پاكىستانغا شۇنچە نۇرغۇن ياردەم قىلىۋاتقىنىغا قارىماي، خىتايدىن كېلىدىغان، 140 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى پاكىستان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى  قۇرۇلۇشى ئىقتىسادى ياردىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ رەت قىلىش خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر كاچات ئىدى. خىتاينى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كاچاتلايدىغان مەسىلىلەر تېخى جىق چىقىدۇ. نېپالمۇ بەزى توختاملاردىن يېنىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر تارقالماقتا. ئۇندىن باشقا ئافرىقىدىكى زىمبابۋېدا بىر كېچىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خىتاينىڭ زىمبابۋېدىكى قورچاق ئەمەلدارى بولۇپ قالغان، زىمبابۋېنىڭ دۆلەت رەئىسى مۇگابەنى قولغا ئالدى. بۇ ئافرىقاغا ئۆزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، زىمبابۋېنى ئۆزىنىڭ بىر مۇستەملىكە ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماقچى بولغان خىتايغا ئۇرۇلغان يەنە بىر كاچات.
6-        بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى، پەقەت خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئېچىرقاپ كەتكەن ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش  ۋە تاشقى پېرېۋوتتىكى بېسىلىپ قالغان ماللىرىغا دۇنيادىن بازار ئىزدەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خىتاينىڭ قوش مەنپەئەتلىك سودا سىياسىتى دېگەنلەر قۇرۇق گەپ، قارشى تەرەپ مەنپەئەتلەندى دېگەن تەقدىردىمۇ خىتاي ئېرىشكەن مەنپەئەتكە سېلىشتۇرغاندا، ناھايىتى ئاز مەنپەئەتلىنىشى مۇمكىن. خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە قاتناشقان دۆلەتلەرگە، شۇ دۆلەتلەردە تاش يوللار، تۆمۈر يوللار، پورتلار، كۆۋرۈكلەر، ئايرودروملار، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى، سودا مەركەزلىرى، ئېنېرگىيە بازىلىرى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرمەكتە. ئەگەر خىتاي بۇ ئىشلاردا نەتىجە قازىنالماي قالسا، خىتاي ئىچكى قىسمىدا ئۆزىگە بولغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى كۆپەيتىۋېلىشى مۇمكىن.
7-        خىتاي يۇقىرىدىكى ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باھانىسىدە، نۇرغۇنلىغان ئەرزان باھالىق ئاققۇن قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى ياۋروپاغا جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياغا تۆكۈۋېتىشى مۇمكىن خۇددى شەرقى تۈركىستانغا تۆكۈۋەتكەندەك. بۇنى ياۋروپا كۆتۈرەلەمدۇ؟

8-        خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىغا دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەردىن ئامېرىكا قېتىلغىنى يوق. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قار مۇزلار بىردە ئېرىپ، بىر توڭلاپ تۇرماقتا. يېقىندا ئامېرىكا پەنتاگوننىڭ خىزمەتچىسى مايكىل پىللىسبۇرى (مىچائەل پىللسبۇري) يۈز يىللىق مارافون، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن پىلانلاۋاتقان مەخپىي ئىستراتېگىيەسى ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. كىتابتا خىتاينىڭ، دۇنيا لىدىرى بولۇش ئۈچۈن مەخپىي ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىر يول بىر بەلۋاغ ۋە ياكى خىتاي چۈشى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەخپىي ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى. ئۇندىن باشقا ئاقساراينىڭ سابىق ئىستراتېگىيەچىسى سىتېۋ باننون (ستەۋە باننون) خىتاي 2025-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىغا تەھدىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېدى. ئۇنداق بولغانكەن ئەلۋەتتە ئامېرىكىمۇ خىتاينىڭ دۇنيا كېڭەيمىچىلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ تۈرگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا ئۆتۈشى مۇمكىن

يۈز يىللىق مارافون، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن پىلانلاۋاتقان مەخپىي ئىستراتېگىيەسى ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. كىتابتا خىتاينىڭ، دۇنيا لىدىرى بولۇش ئۈچۈن مەخپىي ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىر يول بىر بەلۋاغ ۋە ياكى خىتاي چۈشى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەخپىي ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى. ئۇندىن باشقا ئاقساراينىڭ سابىق ئىستراتېگىيەچىسى سىتېۋ باننون (ستەۋە باننون) خىتاي 2025-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىغا تەھدىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېدى. ئۇنداق بولغانكەن ئەلۋەتتە ئامېرىكىمۇ خىتاينىڭ دۇنيا كېڭەيمىچىلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ تۈرگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا ئۆتۈشى مۇمكىن.

ئۇندىن باشقا بۇ يىل 17-18- دېكابىر كۈنلىرى ئەتراپىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ 2018-يىللىق ھەربىي چىقىمنى يەنى قورال ياراق چىقىمىنى 700 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرىدىغانلىق ئەمرىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم رەقىبىنىڭ، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكىنىڭ، خىتاينىڭ تىزگىنىنى تارتىپ قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر كۆپلەپ يەر ئېلىشقا باشلىدى. بۇ خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور توسۇقلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

9-خىتاي پۈۋلەپ كۆپتۈرۈلگەن بىر شارغا ئوخشايدۇ. بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرى خىتايدىن ئىبارەت بۇ كۆپتۈرۈلگەن شارنىڭ يەنىمۇ پۈۋلەنمىسى. دېمەك بۇ شارنىڭ ئېتىلىپ كېتىدىغان ۋاقتى سائىتى كېلىپ قالدى. بەلكى خىتاي كەلگۈسى 5 يىل ياكى 10 يىل ئىچىدە غۇلاپ كېتىشى مۇمكىن. ياكى يەنە بىر نۇقتىدىن خىتاينى تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولساق، بۇ پۈۋلەنگەن شارنى سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق بىر كىچىك كۈچمۇ پارتلىتىۋېتىشى مۇمكىن مەسىلەن بىر تال يىڭنە.

10-خىتاي دۇنيادىن بازار ئىزدەش باھانىسىدە، ھەرقايسى دۈۋەتلەرگە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. ئەمما ئىشلار تەتۈرىگە ئۆرۈلۈپ كەتسە، يەنى ئىشلار خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە تەتۈر تاناسىپ بولۇپ، توقۇنۇش ھالىتىگە كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولۇپ قالغاندا، خىتاي ئۆزى ياسىغان، كۆۋرۈك ۋە يوللار ۋە دېڭىزلار بىلەن شۇ دۈۋەتلەرگە خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنى ئەۋەتىشى مۇمكىن. چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمىزدەك، خىتاي بۇنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان. ئۇنداق بولغاندا، شىجىنپىڭنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ شېرىن چۈشى “ قارا بېسىش” قا ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

11-خىتاينىڭ چەتەللەردىكى سەرگەردان مىليونېرى گۇئو ۋېن گۇينىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە باشقا خىتاي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي يۇغۇرى قاتلىمى ئىچىدىكى چىگىشلىشىپ كەتكەن ھوقۇق تالىشىش ماجىرالىرى ۋە چىرىكلىك، شۇنداقلا شىجىنپىڭ، ۋاڭچىشەن، مىڭجەنگۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھايات ماماتلىق كۈرەشلەر خىتاينى ھالاكەت پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇندىن باشقا مۇلاھىزىچىلەر، خىتايدا يېقىن كەلگۈسىدە ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادى كرىزىس ۋە ئىشسىزلىق كرىزىسى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ خىل ئامىللار خىتاينىڭ يېقىن كېلەچەكتە غۇلايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

بىر يول بىر بەلۋاغدىن ئىبارەت خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇمكىنچىلىكلەر.

مەن بۇ يەردە قەدىمكى يىپەك يولى ۋە بۇ يولدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە  توختالمايمەن. گەپنىڭ نەق پوسكاللىسىغا كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەتراپىدىكى ئېگىز تاغلارنىڭ تېشىلىپ، تۆمۈر يوللار ۋە يۇغۇرى سۈرەتلىك تاشيوللارنىڭ ياسىلىپ،  يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بىر ئىش ئىدى. ئەمما بۇ رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ 1- نومۇرلۇق دۈشمىنى خىتاينىڭ قولى بىلەن.
خىتاي ئۇيغۇرلارنى قۇدۇق ئاستىغا تاشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى قېرىنداشلىرى قۇدۇق ئاستىغا تاشلىۋەتكەندەك. قېرىنداشلىرى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام نېمىشقا قۇدۇق ئاستىغا  تاشلىۋەتتى؟ ھەممىسىدىن گۈزەل ۋە ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قۇدۇق ئاستىغا تاشلاپ، قۇدۇق ئاستىدىكى پاقىغا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ باي ۋە مۇنبەت زېمىننىڭ ھەقدار ئىگىلىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسىدىكى بولمىسا بولمايدىغان ئالتۇن يولنىڭ يەنە ھەقدار ئىگىلىرى. شۇنىڭغا چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل ئىشىنىشىمىز كېرەككى ئاللا قۇدۇق ئاستىغا تاشلىۋېتىلگەن يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قانداق قىلىپ قۇدۇق ئاستىدىن چىقىرىپ مىسىرغا ۋالىي قىلغان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئاللا بىر يول بىر بەلۋاغ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي تاشلىۋەتكەن ئۇ قۇدۇقتىن ئېلىپ چىقىپ دۇنياغا ۋالىي قىلىدىغان. ئەمەلىيەتتىمۇ تارىخچى مورگان دېمىگەنمىدى، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈلگەن قاچانىكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى ئېچىلىدۇ دەپ.

دۇنيادا بولۇۋاتقان تېز ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، خىتاينىڭ ھەر زامان ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتلەر قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي ھەم تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەم دېلىغۇل ۋە سىلكىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئىچكى ۋە تاشقى نۇرغۇنلىغان ئامىللار سەۋەبچى. خىتاي بىر يول بىر بەلۋاغ ئارقىلىق، خىتاي دەرۋازىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا كەڭرى ئاچتىم دەپ ئويلاۋاتىدۇ ماھىيەتتە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا يوقىتىپ قويغان يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ “ئالتۇن يول” ئىنى قايتىدىن ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ مىسال خۇددى تارىختىكى ئاللانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرەۋىننىڭ ئوردىسىدا، پىرەۋىننىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشى بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئاخىردا پىرەۋىنگە قارشى بىر پەيغەمبەر قىلىپ قويغانلىقىدىن ئىبارەت ھېكايىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەجەبا ئاللانىڭ، زالىمنىڭ پۇلى، زالىمنىڭ كۈچى بىلەن ئېچىلىۋاتقان ئۇنتۇلغان يىپەك يولىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ بۇنى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى يولىدا قوللىنىشىغا كۈچى يەتمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە يېتىدۇ.

يەنە بىر ھېكمەت: يېقىندىن بۇيان دۇنيا ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ھالدا خىتاينى رەقىب دەپ ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدا يۈرگۈزۈۋاتقان زومىگەرلىكى، شۇنداقلا خىتاي داۋراڭ سېلىۋاتقان بىر يول بىر بەلۋاغدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تۈردە ئامېرىكىنىڭ يوق بولۇشى، ئامېرىكا كورېيە ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ غالجىرلىشىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئامىللارنى تەھلىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، بۇ ئامىللارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ، كېلەچەكتە دۇنيا كۈنتەرتىپى كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، خىتايغا رەقىب ئامېرىكا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتايغا قارشى كوزىر ئورنىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى  كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئۇندىن باشقا ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدىمۇ بىر خەلقارالىق يىغىندا ئابدۇرېيىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز ناملىق شېئىرىنى ئىنگلىزچە ئوقۇپ، خىتايغا قارشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىدىن ئىبارەت سىگنالنى بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار خىتاي چىقىرىۋاتقان  بۇ قارا بوراندا ئېغىر زىيان كۆرۈشى مۇمكىن ئەمما ساق سالامەت ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

كونا تېكىستكە ئېيتىلغان يېڭى مۇقام.

بىز خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭ 2013-يىلى قازاقىستاندا ئوتتۇرىغا قويغان، خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى مۇھاكىمە قىلىدىغان بولساق، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يېڭى بىر ئىش ئەمەسلىكىنى. بەلكى 21- ئەسىردە ئۆتكەن داڭلىق مۇستەملىكىچى ۋە كېڭەيمىچىلەرنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ ھاكىمىيىتىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە تۈزگەن كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تارىختىكى بۇ كېڭەيمىچىلەر، كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەلىرىنى، قورال كۈچى ۋە زومىگەرلىك بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان، ئەمما شىجىنپىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىلىق سىپايە، ناز كەرەشمە شەكىلدە، دوللارنى بولۇشىغا چېچىپ، يولۇڭ، كۆۋرۈكۈڭ بۇزۇلغان بولسا ئاكاڭ قارىغايدا پۇل بار، ئاكاڭ قارغاي نوچى دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ خۇددى چار يىلاندەك تولغىنىپ ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر مۇستەملىكىچىلەر كىملەر ۋە ئۇلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەلىرى قايسىلار؟

1-)  (Alfred Thayer MAHAN 1840-1914)

. دېڭىز ھاكىمىيىتىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش نەزەرىيەسى.
2- (Sir Halford John Mackinder 1861–1947)
قۇرۇقلۇقنىڭ ھاكىمىيىتىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش نەزەرىيەسى.
(Karl Ernst Haushofer 1869-1946)3-ھاياتلىق نەزىريەسى رايۇنى

(Nicholas Spykman 1893-1943)4-)
ئېتەك بەلۋاغ نەزەرىيەسى ( بۇ نەزەرىيە تۈركچە كەنار كۇşاق تەئورىسى، ئېڭىلىزچە رىملاند تەئوري، خىتايچە边缘理论 دەپ ئاتىلىدۇ).

قانداق قىلغاندا دۇنيا قۇرۇقلۇقىغا ھاكىم بولغىلى بولىدۇ ناملىق كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسچىسى ماككىندەر، كىم شەرقى ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلالىسا، شۇ دۇنيانىڭ يۈرىكىنى قولغا ئالغان ھېسابلىنىدۇ. دېگەن.
ماككىندەر، ئاقدېڭىز ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن قۇرۇقلۇقتا مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى، ئاندىن دېڭىزلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنياغا كېڭەيگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن دېڭىزچىلىق ئىشلىرى قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن قەتىي نەزەر، ئاخىرى يەنە كېمە ۋە پاراخوتلارنىڭ  پورتلاردا توختاپ قۇرۇقلۇققا چىقىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماككىندەر “دۇنيانىڭ قەلبى”(ھەئارت لاند) نى، دۇنيانىڭ ئەڭ تەبىئىي قەلەسى دەپ تەسۋىرلىگەن. دۇنيانىڭ قەلبى، سىبىريەدىن باشلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ۋولگا دەرياسى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ رايونلار سوغۇق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە، دېڭىزلاردىن ئۇزاق بولغانلىقى ئۈچۈن، دېڭىز كۈچى تەسىرىنىڭ سىرتىدا قالغان.

ئامېرىكىنىڭ بىر دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى بولغان (ماخان) دۇنيادىكى ئەڭ تۇنجى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى نەزەرىيەسىنىڭ ساھىبى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلمەكتە.  ماخاننىڭ  كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىدىن دېڭىز كۈچىنىڭ تارىخقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ( تھە ئىنفلۇئەنcە ئوف سەئا پوۋەر)، بار بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابىنىڭ دېڭىز كۈچىنىڭ تۈرلىرى ناملىق بۆلۈمىدە دېڭىز كۈچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماھان ئوتتۇرىغا قويغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەسى شۇ دەۋردىكى ئەڭ چوڭ تاجاۋۇزچى ۋە كېڭەيمىچى ئەنگلىيەگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئەنگلىيە جەبىلتارىقتا، مالتادا، قىبرىستا، مۇھىم دېڭىز ئۈستى بازىلىرىغا ئىگە بولغان. ماھان ئوتتۇرىغا قويغان كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيەسى 20-ئەسىردىكى كېڭەيمىچىلەرنىڭ گىردە نېنىغا قايماق سۈركەپ بەرگەن. ماھاننىڭ نەزەرىيەسىچە بولغاندا كېڭەيمىچى دۆلەت ئۆزىگە ناتونۇش بىر زېمىننىڭ خوجايىنى بولغاندىن باشقا، ئۆزى ساتماقچى بولغان ماللىرى  ۋە ئېرىشمەكچى بولغان بايلىقلىرى ئۈچۈن بىر خاتىرجەم مۇھىت ياراتقان بولاتتى.
خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭ، “خىتاينىڭ شېرىن چۈشى” ياكى “خىتاي ئارزۇسى” دەپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان “ بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيەسى “  يۇقىرىدىكى 20- ئەسىردە ئۆتكەن كونا كېڭەيمىچىلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئەندىزىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شىجىنپىڭ كونا تېكىستكە، يېڭى مۇقامنى ئېيتىۋاتىدۇ خالاس.

تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى ھويلام تورىغا مەنسۇپ. ھويلام تورى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ماكان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشقۇسى.