ئابلەھەت كامالوۋ
(تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور)
2018 – يىلنىڭ ئاخىرىدا موسكىۋانىڭ “تارىخىي پىكىرلەر يادىكارلىقلىرى” نەشرىياتى “شەرقىي تۈركىستان ۋە موڭغۇلىستان” ناملىق ئۈچتوملۇق كىتابنى نەشىر قىلدى. ئۇنىڭدا XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى XX ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا رۇس ئالىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركستان ۋە موڭغۇلستاننى ئوقۇپ – ئۈگىنىش تارىخىغا بېغىشلانغان ماتىرىياللار ئېلان قىلىنغان.
يېڭى نەشىر روسىيەنىڭ ئۈچ ئىلمىي مەھكىمىسىنىڭ – ئومۇمىي تارىخ ئىنستىتۇتى (موسكىۋا)، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىۋىنىڭ سانكت – پېتېربورگتىكى شۆبىسى ۋە روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرق قوليازمىلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ (سانكت – پېتېربۇرگ) ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ئىشلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كىتابنىڭ بىرىنچى تومىغا (روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە تۇرپان توپلىمى ئارخىۋىنىڭ ئېپىستوليارلىق ھۆججەتلىرى) مەزكۈر رېگىونلارنى ئىلمىي جەھەتتىن ئوقۇپ ئۈگىنىشكە باغلىق يېزىلغان رۇس ۋە ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ خەتلىرى كىرگەن. ئۇنىڭدا قەشقەردىكى رۇس كونسۇلى ن.ف. پېتروۋسكىينىڭ، ئىنگىلىز كونسۇلى دژ.ماكارتنىنىڭ، يەنە شۇنداقلا رۇس ئالىملىرى س.ف. ئولدېنبۇرگنىڭ، د.ئا. كلېمېنسنىڭ، ۋ.ۋ. رادلوۋنىڭ، م.م. بېرېزوۋسكىينىڭ، پ.ك. كوزلوۋنىڭ، س.م. دۇدىننىڭ، س.ئې. مالوۋنىڭ، چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى ئا. فون لېكوكنىڭ، م.ئا. ستېيننىڭ، ئا.گريۇنۋېلدنىڭ خەتلىرى بار.
كىتابنىڭ ئىككىنچى تومى (تېوگرافىيالىك، ئارخېولوگىيالىك ۋە تارىخىي تەتقىقاتلار)، روسىيە پەنلەر ىۋە قىرغىز جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخىپلىرى) لايىھىدە مەركىزى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭدا كىتابخانلار دىققىتىگە رۇس تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركستان ھەققىدىكى ماتىرىياللىرى، شۇنداقلا ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىلەر تەركىۋىدە شەرقىي تۈركستاندا بولغان ئالىملارنىڭ كۈندىلىكلىرى ۋە خەتلىرى، بىرىنچى نوۋەتتە، 1909 – 1910-يىللىرى تۈركستانغا بارغان دەسلەپكى رۇس ئېكسپېدىتسىيىسىنىڭ ماتىرىياللىرى بېرىلگەن. بۇ ماتېرىياللار م.د. بۇخارىننىڭ، ئى.ف. پوپوۋانىڭ، ئى.ۋ. تۇنكىنانىڭ “1909 – 1910 ۋە 1914 – 1915-يىللاردىكى رۇس تۈركىستان ئېكسپېدىتسىيىسى” نامى بىلەن كىرىشمە ماقالە سۈپىتىدە بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن رۇس ساياھەتچىلىرى د.ئا. كلېمېنس، م.م. بېرېزوۋسكىي ۋە س.م. دۇدىن ۋە باشقىلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۈپ شەرقىي تۈركستان ھەققىدىكى ماتىرىياللار ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ 1902 – 1906- يىللارنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە شەرقىي تۈركستاننىڭ جەنۇبىي ئوازىسلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ھېساۋات ئالاھىدە قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى روسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ كاتىۋى مىخاىل ئىۋانوۋىچ لاۋروۋ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. شۇنداقلا 1909 – 1910-يىللاردىكى دەسلەپكى رۇس تۈركىستان ئېكسپېدىتسىيىسىنىڭ يېتەكچىسى، ئاكادېمىك سېرگېي فېدوروۋىچ ئولدېنبۇرگنىڭ دالا كۈندىلىگىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۈر كۈندىلىك م.د. بۇخارىن ۋە موشۇ ماقالە مۇئەللىپىنىڭ ھەمكارلىقىدا نەشىر قىلىندى.
س.ف. ئولدېنبۇرگنىڭ ماتىرىياللىرى شەرقىي تۈركستاننىڭ قەدىمىي ئارخېلوگىيەلىك يادىكارلىقلىرىغا باي بولۇپ قالماي، بەلكى XX ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە كۆپلىگەن مۇھىم مەلۇماتلارغا ئىگە. ئەمدى م.ئى. لاۋروۋنىڭ ھېسابىغا كېلىدىغان بولساق، ئۇنى XX ئەسىرنىڭ بېشىدىكى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىماىي ھاياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قامۇسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.
كىتابنىڭ ئىككىنچى تومىدىكى ماتىرىياللارنى تارىخىي مەزمۇندىكى ئىككى ماقالە يەكۈنلەيدۇ. ئېنىقراق ئېيتساق، بۇ س.ف. ئولدېنبۇرگنىڭ “ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىسى” ۋە ۋ.ۋ. بارتولدنىڭ “قەدىمىي تۈرك قوليازمىلىرىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى” ناملىق ماقالىلىرىدۇر.
كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومى ئەمەلىيەتتا فوتو ئالبومدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا شەرقىي تۈركستانغا قىلىنغان (1909 – 1910-ي) دەسلەپكى رۇس تۈركىستان ئېكسپېدىتسىيىسىنىڭ ئەزالىرى چۈشەرگەن ۋە ھازىرقى كۈندە روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلىرى ئىنستىتۇتىدا (ئىلگىرىكى كېڭەش ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېنىنگىرادتىكى بۆلۈمى) ساقلىنىۋاتقان سۈرەتلەر بېرىلگەن.
“شەرقىي تۈركىستان ۋە موڭغۇلىستان” كىتابى پەقەت قەدىمىي سىۋىلىزاسىيالەرنى ئوقۇپ ئۈگىنىشكىلا ئەمەس، بەلكى رۇس ۋە ياۋروپا ئالىملىرى بۇ تارىخىي يادىكارلىقلارغا باي ئۆلكىدە بولغان XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى XX ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ ئۈگىنىش ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلان قىلىنغان ماتىرىياللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ھەم ئەنئەنىلىرى، شۇنداقلا ئۆلكىنىڭ ئىجتىماىي ھەم ئىقتىسادىي ھاياتى ھەققىدە باھالىق مەلۇماتلار بار. كىتابتىكى رۇس ئالىملىرىنىڭ ماتىرىياللىرى شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يەنە چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىدىغانلىقى ۋە كېلەچەكتە نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ئەمگەكلەرگە ئاساس بولىدىغانلىقى سۆزسىز.
روسىيەدە نەشىردىن چىققان يېڭى ئەسەرلەر ئالىملارنىڭ رۇس تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركستانغا قىلغان سەپەرلىرى داۋامىدا قالدۇرغان ئىلمىي مىراسلارغا چوڭ قىزىقىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يەردە مەن قەشقەردىكى كونسۇل ن.ف. پېتروۋسكىيغا (ن.ف. پېتروۋسكىي. قەشقەردىكى كونسۇل. موسكىۋا. 2010-يىل) بېغىشلانغان، ئى.ف. پوپوۋنىڭ رەھبەرلىگىدىكى “XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مەركىزىي ئاسىياغا قىلىنغان روسىيە ئېكسپىدىتسىيىلىرى” (سانكت-پېتېربۇرگ، 2008- يىل)، رۇس ئالىمى ئا.كولېسنىكوۋنىڭ “رۇسلار قەشقەردە” (XIX ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى. – XX ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى) ناملىق كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. شۇنداقلا 2006-يىلى بېشكەكتە نەشىر قىلىنغان “مىسسىيالار، ئېكسپىدىتسىيىلەر، ساياھەتلەر”، ئاتاقلىق رۇس ئېتنوگرافى ليۇدمىدا چۋىرنىڭ “XIX ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنغا ئىتائەت قىلىشى” ناملىق ئەمگىگى (2006-يىل)، ئۇنىڭ شاگىرتى د.دورژىېۋانىڭ “مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى كونتېكستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كالىندارلىق مەيرەملىرى ۋە ئەنئەنىلىرى” ناملىق تەتقىقاتلىرى (ئۇلان-ئۇدې، 2016-يىل)، ۋ.ئا. بارمىننىڭ 1930 – 1940-يىللاردىكى كېڭەش-شىڭجاڭ مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىق تەتقىقاتلىرى، ئا.ۋاسىلئېۋانىڭ تۈرك ئارخىپ ماتىرىىاللىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە تۈزۈلگەن ياقۇپبەگنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىق ئەمگەكلىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغان پىكىرلىرىمىزنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
زامانىۋىي روسىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ھەم مەدەنىيىتىگە، ئومۇمەن شەرقىي تۈركستانغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئۆسكەنلىگىنى 2016-يىلنىڭ 23 –، 26-ئۆكتەبىردە روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى موسكىۋا شەھىرى يېنىدىكى زۋېنىگورود شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق كونفېرېنسىياسىنى مىسالغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. كونفېرېنسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي بىلىمنىڭ ھەقىقىي مەيرىمىگە ئايلاندى، ئەندى ئۇنىڭ ماتىرىياللىرى 2017-يىلى ئالمۇتىدا “مىر” نەشرىيات ئۆيى (مۇدىرى ئەلىشېر خەلىلوۋ) تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
روسىيە ئالىملىرىنىڭ “شەرقىي تۈركىستان ۋە موڭغۇلىستان” ناملىق يېڭى ئۈچتوملۇق كىتابى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە خەۋىرىمنى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ھەم مەدەنىيىتى بويىچە ئىلگىرى مەلۇم بولمىغان مەنبەلەرنىڭ بار ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدا ئىلمىي بىلىمنى تېخىمۇ تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە مۇناسىپ تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماقچىمەن.
مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى