بىر ئادەمنى بەش تۈرلۈك نەرسە مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە قىلىپ تۇرىدۇ.
1.ئانا تىل (ئۆزى تۇغۇلغان ئائىلىدە ئاساسلىق سۆزلىشىلىدىغان تىل)؛
2.قان (ئەجدادلىرىدىن مىراس قالىدىغان، ئەقىل – پاراسىتى، ئىنسانىي خاراكتىرى، ئادىمىلىك مىجەزى ۋە كىشىلىك خۇي – پەيلىنى بەلگۈلەيدىغان مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان ئېرقى ۋە ئىرسىيلىكى كۈچلۈك ئالاھىدىلىكلەر)؛
3.كۈلتۈر(تىرادىتسىيون/ئۆرپ – ئادەت)، فولكلور ۋە رېتۇاللاشقان تۇغۇم – ئايكۈن، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىملەرگە ئائىت قائىدە – يوسۇنلار؛
4.ۋەتەن، (ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنغا ماددىي ۋە مەنىۋىي باغلىنىش)؛
5.ئىدىئولوگىيە( تارىخ، ئەدەبىيات، پەلەسەپە، دىن، ئىستىتىكا ۋە ئاممىۋىي قانۇن قاتارلىق تەرەپلەردىن بىر سېستىمىغا تەۋە بولۇش…ۋاھاكازالار…)
بىر كىشىدە يۇقارقى بەش تۈرلۈك نەرسىدىن بىرى كەم بولسا ئالدىراپ مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە قىلىشقا بولمايدۇ.
بىر كىشىدە يۇقارقى بەش تۈرلۈك نەرسىدىن ئىككىسى كەم بولسا، ئۇ كىشىنى مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە دېيىش ناھايىتى قىيىن.
ئەگەر ئاشۇ بەش تۈرلۈك نەرسىدىن مەلۇم بىر شەخستە ئۈچى كەم بولسا ئۇنداق ئادەملەرنى، مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە دېيىش خاتا…
بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداقلارنى ئۇيغۇر دەمدۇق ياكى يېڭى بىر ئاتالغۇ كەشىپ قىلىپ شۇ نام بىلەن ئاتامدۇق ۋە ياكى مىللەتسىزلەر دەمدۇق ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.
ۋەتەندە خىتتايلىشىپ كەتكەن، ئورتا ئاسىيادا رۇسلىشىپ كەتكەن، ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەپلىشىپ كەتكەن… ئۇيغۇرلار ناھايىتى كۆپ!
يۇقارقى خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىدىن ياتلىشىپ باشقا مىللەتكە بېقىنىپ كەتكەنلەرنى ئۇيغۇر دەيلى دېسەك ئۇيغۇرلۇققا، خىتتاي دەيلى دېسەك خىتتايلىققا، ئەرەپ دەيلى دېسەك ئەرەپلىككە شەرتى توشمايدۇ.
ھازىر خەلقىمىزدە ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن بارغانچە ياتلىشىپ، ئەجدادلىرىنىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۆرپ – ئادەت، ئولتۇرۇپ – قوپۇش ۋە كىيىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تەرەپلەردىن ئەرەپلەرنى ئۆرنەك قىلىدىغان ئېقىم باش كۆتۈردى. بۇلار ۋەتەن – مىللەتنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇلارنى ئۇيغۇر دېيىشكە سەۋەب ناھايىتى ئاز قالدى. بۇلارنى مۇسۇلمان دەيلى دېسەك – ئۇيغۇر مىللىتى ئەسلىدىن بىر مۇسۇلمان مىللەت – ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بىر مىللىي كىملىكى بار، شۇنداقلا دۇنيادا مۇسۇلمان دەيدىغان ئايرىم بىر مىللەت يوق!
ھازىر مىللىتىمىز پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، مىللىي كىملىك كىرزىسىدىن ئىبارەت يېڭى بىر خەتەرگە دۇچ كەلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچىگىنى قوغداپ قېلىش مۇھىم بىر قۇتسال ۋەزىپە سۈپىتىدە، بۇ دەۋردە ياشاۋاتقان بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ زېممىسىگە چۈشتى… بۇ كىرزىسنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خۇددى ئۇرۇش قىلىپ ۋەتەننى ئازات قىلغاندىنمۇ شەرەپلىك خىزمەت بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ۋە ساغلام بولغان دىنىي ئېتىقادىمىزنى پەقەت مىللىي كىملىكىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئېسىل ئاھىلىلەرلا قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ! ‘
08.12.2017