بىر نەپەس ھۆرلۈك ئۈچۈن، مىڭبىر قۇياش…….
ئوتۈكەن
«1-مارت» (كۈنمىڭ ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەپ)
ھەر قېتىم 1 -مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن خاتىرە شۇ رەسىملەرنى كۆرگىنىمدە تۈركچە ” چاناققەلئە شېھىدلىرى ” ناملىق شئېىردىكى تۆۋەندىكى ئىككى مىسرا ئېسىمگە كېلىدۇ:
Yaralanmish temiz alnindan, uzanmish yatiyor;
Bir hilal ugruna ya rab, ne guneshler batiyor!
ئۇيغۇرچەلاشتۇرساق:
يارىلانغان، پاك ماڭلىيىدىن، يەردە ئۇزۇنۇپ ياتىدۇ؛
بىر ھىلال ئۈچۈن، يا رەببىم، ھەر قۇياشلار پاتىدۇ!
مەشھۇر شائىر مەھمەت ئاكىف ئەرسوي بىر ھىلال ئۈچۈن يەنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەر بىر ئەسكەرنى بىر قۇياشقا ئوخشىتىۋاتىدۇ بۇ شىئىرىدا.
ئويلايمەنكى، ئەگەر مەھمەت ئاكىف بۈگۈن ھايات بولۇپ كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپقان ۋە تۆۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرگەن بولسا، يۇقارقى مىسرالىرىنى مۇنداق يازاتتى:
يارىلانغان نازۇك تېنى، پەرىشتىدەك ياتىدۇ،
بىر نەپەس ھۆرلۈك ئۈچۈن، مىڭبىر قۇياش پاتىدۇ!
شۇنداق، ئەگەر چاناققەلئە ئۇرۇشىدا مىلتىق-زەمبىرەك بىلەن دۈشمىنىگە قارشى ئاتلانغان بىر جەڭچىنى بىر قۇياشقا ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە، دۈشمىنىگە پالتا پىچاق بىلەن ئاتلانغان پىدائىيلىرىمىزنى مىڭبىر قۇياشقا ئوخشۇتۇش ئارتۇقچە ئەمەس. چۈنكى تۈرك ئەسكەرلىرى جەڭگە ئاتلاتغاندا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان ئاقىۋەت ئىككى:يا شېھىد، يا غازى؛ پىدائىيلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكىسى بولسا يا شېھىد، يا مەھبۇس! يەنى بىرلا خىل ئاقىۋەت: يورۇق دۇنيا بىلەن، دۇنياۋىي ھوزۇر ھالاۋەت بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش.
شۇڭا ” 1 -مارت ” كۈنمىڭ ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە ۋەقەدە شېھىد بولغان ۋە ئەسىر چۈشكەن 8 قېرىندىشىمىزغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋباتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
شۇنداق، بۇلارنىڭ ئۆلتۈرگىنى ئەسكەر ئەمەس پۇقرا، شۇنداقتىمۇ ھۆرمەت بىلدۈرىمەن؛ شۇنداق ،ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ئۇيغۇرنى چالا بىلىدىغان ۋە ھەتتا شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنى ئاڭلاپ باقمىغانلار بولۇشى مۈمكىن،شۇنىڭدىمۇ پىدائىيلارنى ئەيىپكە بۇيرىمايمەن؛ شۇنداق پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغاننى دۇنيا جامائىتى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، يەنىلا ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇ ھۇجۇم پىلانىنى تۈزگەندىكى مۇددىئاسىنى، ھېسسىياتىنى، بولۇپمۇ شارائىتىنى بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تولۇق چۈشۈشىنىمەن.
ۋەقەدە ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ جاۋاپكارى سۈپتىدە- خۇددى بىر خىتاي تورداش يازغاندەك- مىللەتلەر ئارا نەپرەتنى مۇشۇ دەرىجىدە ئۇلغايتقان ۋە ئۇيغۇر پىدائىيلارنى ھۇجۇمدا نىشان ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغان خىتاي دۆلىتى دەپ تونۇيمەن.
كۈنمىڭ ھۇجۇمۇنىڭ موھىم بىر ئۆزگىچىلىكى شۇكى، نەق مەيداندىكى 5 ھۇجۇمچىنىڭ ئىككىسى ئايال، يەنى سەپنىڭ يېرىمى ئايال. تېخى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە شۇ كۈنى خەنجىرىنى ئەڭ رەھىمسىز، ئەڭ چەبدەست ئويناتقىنى 18 ياشقا يا كىرگەن ياكى كىرمىگەن پاتىگۈل توختى.
كۇنمىڭ ۋەقەسىدىكى ئىككى قىزنىڭ ئايدەك يۈزىگە، قۇسۇرسىز بوي-پوستىغا ۋە يىگىتلەرنىڭ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىغىنىمدا ئۇلاردىكى يەنە بىر قەھرىمانلىققىمۇ قايىل بولىمەن: ئېنىقكى بۇلار تونۇشۇپ بىر ئىدىيەگە كەلگىچە، ھۇجۇم پىلانىنى تۈزگىچە ۋە پلاننى ئىجرا قىلغۇچە ئارىلىقتا كۆپ قېتىملاپ ھەمسۆھبەت ۋە ھەمسەپەر بولغان؛ مانا مۇشۇ جەرياندا ھىسسىيات جەھەتتىكى ئىنسانىي ئاجىزلىقلاردىن ئۆزىنى خالىي تۇتالىغان، شەيتانىي ۋەس-ۋەسىلەرنىڭ بېلىگە تېپەلىگەن ، شۇڭا بۇ قەھرىمانلىق داستانىنى يارىتالىغان. ئۇلارنىڭ شۇ ياش، شۇ تۇرق، شۇ جامال، شۇ روھ ھالىتى بىلەن دۇنياۋىي ھاياتنىڭ شىرىن لەززەتلىرىدىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتالىشى، مەنچە ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن ۋە غالىپ كەلگەن يەنە بىر جەڭ مەيدانى.
شۇنداق ئىككى قىز، 3 ئوغۇل قەرىمانىمىز، 29 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 140 كىشىنى يارىلاندۇرۇشتەك ئاقىۋەت پىچاقلىق ھۇجۇم تارىخىدا، مىللىي قارشلىق ھەركىتىمىزدە، ھەتتا ئۇنىڭمۇ سىرتىدا بىر رېكورد ياراتتى؛ تۇنجى قېتىم، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرى ئەھلى جاھان ئالدىدا، ئۇيغۇر پىدائىيلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ئاقىۋەت سەۋەپلىك كۆز يېشى قىلدى، قۇربانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈپ، سۈكۈتتە تۇردى، بېشىنى ئەگدى، بۇ يەردە ئېگىلگەن باش،دۇنياغا خوجا بولىمەن دەپ بوينى غادىيىۋاتقان بىر باشلار ئىدى.
شۇنداق ئىككى قىز-ئۈچ ئوغلىمىز، خىتاي تەرەپكە يىغلاتقانغىمۇ يىغلاش نۆۋىتى كېلىدىغانلىقىدەك ھاياتنىڭ بىر قانۇنىيەتنىڭ تەمىنى تېتىتقۇزدى. شۇنداق بۇ قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا گاس دۇنيا، گاچا جاھاننى بىر مەھەل بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە زۇۋانغا كەلتۈرگۈزدى.
بۇلار كىم؟ بۇلار : ئابدۇرېھىم قۇربان، ئىسكەندەر ئەخەت، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت ۋە پاتىگۈل توختى؛ نەق مەيداندا شېھىد بولغان بىر قىز، ئىككى يىگىتنىڭ ئىسىملىرى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. 8 نەپەر پىدائىيدىن 3 نەپىرى، يۇننەن چىگرىسىدا 27 -ئۆكتەبىر كۈنى تۇتىلىدۇ، قالغانلىرى، تۇتۇلۇش ۋە ئېتىلىشنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، پويىز ئىستانسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ؛ 4 ئى شېھىد، بىرى مەھبۇس.
كۇنمىڭ ھۇجۇمىنى جويۇنكاڭ پەيدا قىلدى دەپ گەپ توقۇپ، ئۆزى توقۇغان يالغانغا ئۆزى ئىشىنىپ، ھېلىغىچە غۇدۇڭشۇپ يۈرگەنلەر بۇ يازمامنى ئوقۇپ قالسا تۈكى تەتۈر يانىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ يازمامنى مەھمەت ئاكىفنىڭ يەنە شۇ شىئىرىدىن تۆۋەندىكى ئىككى مىسراسىغا نازىرە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
Ey bu toprak ichin topraga dushmush asker!
Gokden ejdat inerek opse o pak alni deger.
ئەي، ئەزىز تۇپراق ئۈچۈن، تۇپراققا يىقىلغان ئەسكەر،
پۈتۈن ئۇيغۇر جەم بولۇپ پىشانەڭگە سۆيسە ئەرزىگەي!