بىر قۇياشقا ئەڭ يېقىن، يەر شارىغا ئوخشاش تاشقىي پلانېتا بايقالدى
ئوتكەن يىل 8-ئايدا ئەلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن تەپىلغان ھېلىقى تاشقىي پلانېتىڭ شارائىتى يەر شارىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن. ئۇ پلانېتا ئىنگلىزچە «Proxima b» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوربىتىسى ئانا يۇلتۇزىنىڭ «جانلىقلار ياشىيالايدىغان رايونى» دا ئىكەن، ھەمدە ئۇنىڭدا سۇيۇقلۇق شەكلىدىكى سۇ (يەنى مۇز ئەمەس) بار بولىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىرغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاشقىي پلانېتىلاردىن باشقىلىرىمۇ بايقالغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم بايقالغىنى بىزگە ئەڭ يېقىن ئىكەن.
بۇ يېڭى بايقالغان پلانېتا ئىنگلىزچە «Proxima Centauri» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك يۇلتۇزنى ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ يۇلتۇزنى يەر شارىدىكى ئىنسانلار كۆزى بىلەن بىۋاستە كۆرەلمەيدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 4.2 نۇر يىلى كېلىدىكەن.
بۇ بىر سىزىلغان رەسىم.
(داۋامى بار)