بىر يولغا ئۈچ نۇقتىنەزەر
تۇنيۇقۇق بىلگە
11 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاقساراينىڭ سابىق ھەربىي ئىستىراتىگىيە مەسلىھەتچىسى، پىرىزدىنت مەسلىھەتچىسى باننون ياپونىيەدە بىر قېتىملىق لىكسىيە سۆزلىدى. تۆۋەندە باننوننىڭ لېكسىيەسىدىن ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان نۇقتىلارغا مۇناسىۋەتلىك تەھلىللەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتايدا 2035 – يىلى خىتتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت بولىدىغانلىقى، 2050 – يىلىغا بارغاندا خىتتاينىڭ دۇنياغا باشلامچى رەھبەر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بەش جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق كونكىرىت ئۇچۇرلارنى بەردى.
2025 پىلانى. بۇ پىلاندا خىتتاي دۇنيادىكى 10 خىل سانائەتنى قولىغا ئالماقچى. ئۇنىڭ ئىچىدە 3 خىل سانائەت كومپيوتىر ئۆزەك سانائىتى، ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەر بولۇپ، بۇلار جۇڭگونىڭ 21 – ئەسىردە پۈتۈن دۇنيانىڭ سانائەت ئىگىلىكىنى كونتىرول قىلىشىغا پايدىلىق.
2- بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىراتىگىيەسى.
بۇ ئىستىراتىگىيە جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىستىراتىگىيەسىنىڭ يادروسى. پەقەت مۇشۇ ئىستىراتىگىيەلا ھەقىقىي تۈردىكى جۇغراپىيەلىك كېڭەيمىچىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى بىيجىڭدا تۆت كۈنلۈك داۋاملاشقان دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر چوڭ قۇرۇلتىيى، ئوخشاش كۈندە بېيجىڭدا ئېچىلغان ” دۇنيا ئىنتىرنىت دۇنياسى يىغىنى” ۋە بۇندىن كېيىن ئېچىلىدىغان ئاللىقانداق دۇنياۋى يىغىن قاتارلىقلار يۇمشاق كۈچ كېڭەيمىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. قاتتىق كۈچ دېگىنى ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچنى كۆرسەتسە، يۇمشاق كۈچ دېگىنى مەدەنىيەت قارىشى، قىممەت قارىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىستىراتىگىيەنىڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك يېېرى بولسا 20 – ئەسىردىكى ئۈچ خىل جۇغراپىيەلىك سىياسەت نۇقتىنەزىرىنى بىر پۈتۈن مۇكەممەل گەۋدىگە ئايلاندۇرغانلىقىدا دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل جۇغراپىيەلىك سىياسەت نۇقتىنەزىرى بولسا:
بىرىنچى – دۇنيا ئارىلى نۇقتىنەزىرى.
بۇ جۇغراپىيەلىك سىياسەتشۇناس مەككىندىر 1902 – يىلى ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىنەزەر. دۇنيا ئارىلى دېگەندە ياۋرو – ئاسىيا، ئافرىقا قۇرۇقلۇقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. “كىم دۇنيا ئارىلىدىكى تۈگۈنلەرنى ئىگەللىسە، شۇ دۇنيا ئارىلىنى ئىگەللىگەن بولىدۇ. كىم دۇنيا ئارىلىنى ئىگەللىسە شۇ دۇنيانى ئىگەللىگەن بولىدۇ” دېگەن. دۇنيا ئارىلىنىڭ تۈگۈنى، مەركىزى بولسا شىمالىي كەڭلىك پاراللىل سىزىقى 60 گىرادۇستىن 30 گىرادۇسقىچە بولغان مۆتىدىل بەلۋاغدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەتراپىنى كۆرسىتىدۇ. يىپەك يولىمۇ شۇنىڭ ئۈستىدە. دۇنياۋىي ئىستىلاچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلەتتى. شۇڭا شەرقتىن قوزغالغان ھونلار، تۈركلەر، موڭغۇللار غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. غەربتىن ئالىكساندىر ماكىدونى، چار پادىشاھ پىتىر، ناپالىيون قاتارلىقلار غەربتىن شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلغان. مەككىندىر بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ نۇقتىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گېتلىرمۇ بۇ نۇقتىنەزەرنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. بۇ ئىستىراتىگىيەنىڭ زامانىمىزدا ئەمەلگە ئېشىش شەرتى تۆمۈر يول ئىدى، ھازىر خىتتاينىڭ تۆمۈر يولى كۈندە ئىككى يول ئۈرۈمچىدىن ياۋروپاغا قاتنايدۇ. بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىراتىگىيەسىدىكى يىپەك يولىدا دۇنيا ئارىلىنىڭ مەركىزى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن بىر رىلىس ئۈستىدە ئەنە شۇنداق باغلىنىدۇ.
ئىككىنچى – دېڭىز ھوقۇقى نۇقتىنەزىرى.
يەنە بىر جۇغراپىيەلىك سىياسەتشۇناس، دېڭىز ئارمىيە گېنىرالى ماخان دېڭىز – ئوكياندىكى ئاساسلىق دېڭىز يوللىرى زور دەرىجىدە تىجارەت ئۈنۈمى يارىتالايدۇ. كۈچلۈك بولغان دېڭىز ئارمىيەسى تاجاۋۇزچىلارنىڭ چىگرا ئاتلاپ دۆلەت ئىچىگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان دېڭىز ئارمىيەسى ۋە يېتەرلىك سودا كېمىلىرى ئارقىلىق پورتلارنى ئىگەللەش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېڭىزدا ئىككى قات دېڭىز مۇداپىئە زەنجىرى بار بولۇپ، تاشقى زەنجىر ئۈزۈلسە چوڭ زىيان كەلتۈرۈشى ناتايىن. ئەمما كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، فىلىپپىندىن شەكىللەنگەن دېڭىز يولى زەنجىرى ئۈزۈلسە، ئامېرىكىنىڭ پاسىبانلىق ئورنى تەۋرەپ كېتىشى ئېنىق. ياۋرو – ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بوغۇزى جەنۇبى دېڭىز بىلەن سۇۋەيىش قانىلى. شۇڭا خىتتاينىڭ جەنۇبى دېڭىز، پارس قولتۇقى، جىبۇتى قاتارلىق جايلاردا دېڭىزدىن يول ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. خىتتاينىڭ جەنۇبى دېڭىز ئاراللىرىنى تالىشىشى، دېڭىزدىكى يىپەك يولى ئېچىشى، نىپال، بىنگال ئارقىلىق ھىندى دېڭىزىغا، قەشقەر – پاكىستان تۆمۈر يولى ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزىغا چىقماقچى بولۇشى دەل مۇشۇ جەنۇبى دېڭىزدىكى ئامېرىكا ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
ئۈچىنچى – چەت بەلۋاغلار نۇقتىنەزىرى.
بۇنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئامېرىكىلىق جۇغراپىيەلىك ئىستىراتىگىيە تەتقىقاتچىسى سىپايىكمەن. بۇ نۇقتىنەزەر ئاساسلىقى ياۋروپا دېڭىز بويى رايونلىرى، ئوتتۇرا شەرق قۇملۇق رايونلىرى، ئاسىيا دېڭىز بويى رايونلىرى قاتارلىقلارنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق سىرتتىن دېڭىز قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش، قۇرۇقلۇقتىن ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز يولىنى قامال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
خىتتاي ھازىر قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق قانات يايدۇرىۋاتقان يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسى دەل يۇقارقى ئۈچ خىل جۇغراپىيەلىك سىياسەتنى ئۈنۈملۈك ھالدا مۇكەممەل بىرلەشتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ.
ئىش بولسا G 5 تورنىڭ ئېلان قىلىنىشى.
خىتتايG 5 تور جەھەتتە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كۆپ ئالدىدا. ئەگەر خىتتايG 5 تورنى ئوموملاشتۇرۇشنى باشقا دۆلەتلەردىن بۇرۇن تاماملىسا، ئۇنداقتا ئۇلار تېخنىكا نوپوزى جەھەتتىن بىر بالداق ئۈستۈن ئورۇننى ئىگەللىگەن بولىدۇ.
3- پۇل – مۇئامىلە تېخنىكىسى.
جۇڭگۇنىڭ ھازىر غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە ئالدىدىكى بىر ئاجىزلىقى ئۇلار خالىسا جۇڭگونى دۇنيا ئىقتىسادى بازىرىدىن تېپىپ چىقىرىۋىتەلەيدۇ. ئۇلار خالىسا خىتتاينىڭ شىركەتلىرىنى چەكلەيدۇ ياكى ئۇنىڭ بانكىلىرىنى دۇنيا ئوبورۇت بازىرىدىن ھەيدىۋېتىدۇ ياكى ئۇنىڭ چوڭ بانكىلىرىنى دۇنيا ئىقتىسادى بانكىلىرىدىن ئايرىۋىتەلەيدۇ. ئەمما ھازىرقىدەك تۇرىۋەرسە 5 – 10 يىلدىن كېيىن پۇل – مۇئامىلە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ خىل ئېھتىماللىق پۈتۈنلەي يوقاپ، ھېچكىم خىتتاينى دۇنيا بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىۋىتەلمەيدىغان بولىدۇ.
4- خىتتاي پۇلى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ دۇنياۋى ئوبوروت پۇلى قىلىش. بۇنداق بولغاندا دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ، ئەڭ، ئەڭ مۇھىمى بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىراتىگىيەسى. ئىقتىساد، يۇمشاق كۈچ، تېخنىكا قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى دۇنيا خاراكتىرلىك چوڭ ھوقۇقنى ئىگەللەشكە يەتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ. جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي تۈردە خوجا بولغىلى بولىدۇ.
باننون ۋە ئۇنىڭ لىكسىيەسىنىڭ يەشمىسى تۈگىدى. بۇلاردىن سىز يىپەك يولىنىڭ جاھانگىر دۆلەتلەرگە نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى، يىپەك يولى ئۈستىدە ياتقان ۋەتىنىمىزنىڭمۇ خىتتايغا نىسبەتەن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇ يولنىڭ مۇقىملىقى، خىتتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ يەنە قانداق تالاپەتلەرنى تارتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ بۇ قەدەر زورىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئىككى قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا جاھانگىرلىرىنى دۇنياغا خوجىلىق قىلىش ئورنىدىن چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىغا بېقىندى ھالەتتە كەلتۈردى. سوتلىيالىزىم لاگىرى بولغان سوۋىت ئىتتىپاقىغا يەمچۈك بولماسلىق ئۈچۈن، ياۋروپا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن بىرلەشتى. ئامېرىكا ۋە ياۋورپا سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يىمىرىپ پارچىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بولۇپ قالدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا ئەندىزىسىدىن يەككە قۇتۇپلۇق، بىرلا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئەندىزىسىدە ياۋروپا ئامېرىكىغا بېقىندى بولۇپ قالدى. ياۋروپا بۇ خىل پاسسىپ ھالەتنى ياقتۇرمايدۇ – ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۇنيا سودا – ئىقتىساد ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتتايغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى كۈچلەندۈرۈپ، كۆپ قۇتۇپلاشقان بىر خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى ۋە قوغداپ قالماقچى ئىدى. 70 – يىللاردا ئامېرىكا جۇڭگو بازىرىنى غەربكە، ئامېرىكىغا ئاچساق، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشى، ئەركىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى بىلەن جۇڭگونىڭ دىموكراتىيەلىشىشىمۇ ئالغا سىلجىپ ماڭىدۇ دەپ ئويلىغان. ھازىرقى خىتتاينىڭ مۇستەبىت، ھاكىممۇتلەق سىياسىي ئەمەلىيىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئەجەللىك خاتالىق ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلارنى ناھايىتى قىيىن بىر شارائىتقا مەھكۇم قىلدى.
بۇنداق بولغاندا كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولغان دۆلەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، شۇ دۆلەتلەردە زاۋۇت قۇرىدۇ. سودىگەرلەر بۇ ئارقىلىق كۆپلەپ پۇل تاپىدۇ. ئەمما خەلقئارا ئەركىن سودا يەنە شۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشسىز قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بايلار بەك باي، كەمبەغەللەر تېخىمۇ كەمبەغەللىشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا ۋە تىرامپ بولسا بۇ خىل خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە باشقا دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى ۋە سودا مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك خالىغانچە زومىگەرلىك قىلالمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ھازىر خەلقئارالىشىشقا قارشى. ياۋروپا بىلەن جۇڭگو بىرلەشسە، ئامېرىكا ھىندىستاننى يۆلەۋاتىدۇ. ھىندىستاننى ب د ت تېنچلىق يىغىنىدىكى ئامېرىكا جۇڭگوغا سېتىپ بەرمىگەن تېخنىكىلىرىنى ھىندىستانغا يېرىم باھادا سېتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئىلغار قۇراللارنى سېتىپ بېرىۋاتىدۇ. 19 – قۇرۇلتاي ئاياغلىشىپ، جۇڭگو 2050 – يىلىغا بارغاندا ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ئەتىسىلا ئامېرىكا ھىندىستانغا F16,F18قاتارلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چىگرا تالىشىپ مۇناسىۋەت قاتمال ھالەتتە تۇرغان بۇ بىر يىلدا ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننى ھە دەپ قوللاپ بېرىشى جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىش، ئۇنىڭ بىلەن كۈچىيىشىپ كېتىشىنى چەكلەش، شۇنداقلا 11- ئايدىكى تىرامپنىڭ خىتتاي زىيارىتىدە سودىلىشىدىغان پىچكىلارنى كۆپەيتىش رولىنى ئوينىدى.
2016 – يىلىدىكى سايلامدا تىرامپنىڭ پىرزدىنت بولىشى، ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى مەلۇم مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ ئىككىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل بولسا جۇڭگو. جۇڭگونىڭ ئەرزان ئېكىسپورت تاۋارلىرى ئەنگىلىيەنىڭ مانخاتون مەركىزى سانائەت بەلۋىغىنى زىيانغا ئۇچراتتى. ئامېرىكىنىڭ كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىشچىلار ئىشسىز قالدى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربى زىيانغا ئۇچرىدى. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قانداق قىلىدۇ؟
1 – ئۇ كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىنى توسىدۇ، قانۇنلۇق كۆچمەنلەرگىمۇ چەكلىمە كۆپەيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مۇسۇلمان يەتتە دۆلەتكە ۋىزا چەكلەپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قايتىدىن خىزمەتكە ئېرىشەلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
2 – ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ.
3- ئامېرىكا چەت ئەللەردە 16 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشلارغا قايتىدىن قارار بېرىدۇ.
12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئامېرىكا 49غا قارشى 51 بېلەت بىلەن تىرامپنىڭ باجنى ئىسلاھات قىلىش لاھىيەسىنى ماقۇللىدى. شۇنداقلا يەنە دۇنيا كۆچمەنلەر كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قارار بولۇپ، ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدىكى باجنىڭ يۇقىرىلىقىدىن قاقشاپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى خىتتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە قۇرغان ئامېرىكا كارخانىلىرى ئەمدى قايتىدىن ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ. خىتتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېكىسپورت دۆلىتى ئامېرىكا، خىتتايغا ئەڭ جىق مەبلەغ سالغان دۆلەتمۇ ئامېرىكا، ئاندىن قالسا ياۋروپا. ئەگەر خىتتاي تاۋارلىرىنىڭ باھاسى ئامېرىكا يەرلىك تاۋارلىرىنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە، خىتتاينىڭ ئامېرىكىدىكى بازىرى ئۆلىدۇ.
شۇڭا ئامېرىكا مۇشۇ 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتتاينىڭ ئىقتىسادى نوپوزىنى ئېتىراپ قىلماسلىق تەكلىپىنى سۇندى. ئۇندىن باشقا خىتتايدىن ئامېرىكىغا كىرىدىغان مەھسۇلاتلارغا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى. ئەگەر باجنى ئازايتىش بىلەن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا خىتتايدىكى مىڭلىغان ئامېرىكا كارخانىلىرى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىدۇ، يەنە مىڭلىغان خىتتاي كارخانىلىرى تاقىلىپ قالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ بىر مەيدان باج ئۇرۇشى يەنە ئاز كۈندە كېپىنەك ئىففەكتى ھاسىل قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دورىشىنى پەيدا قىلىدۇ. كورىيە، ياپونىيە بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قاتتى ۋە 2018 – يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدە باجنى كەڭ كۆلەملىك چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭغا ئەتە ئۆگۈن ياۋروپامۇ ئەگىشىدۇ. چۈنكى شۇنداق قىلمىسا بارلىق سانائەت دۆلەتلىرى بازار رىقابىتىدە پاسسىپ ھالەتتە قالىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا غەلىبىلىك ھالدا بۇ پىلانىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىيالىسا خىتتايغا ناھايىتى زور زەربە بولىدۇ، دۇنيا سانائىتىگىمۇ يېڭىچە بېسىم ۋە رىقابەت ئېلىپ كېلىدۇ.