بىراۋنىڭ نام-شەرىپىنى شۇ كىشى ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان ئۈنۋان، تەخەللۇس ۋە لەقەم بىلەن ئاتاش خۇداغا قىلىنغان ئەڭ ئالىي ئېھتىرامدۇر!
-خاتىرەمدىن
ئاپتور: كۈرەش ئاتاخان
ب
ئىنسانلارنىڭ يەپ-ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە قانۇن يول قويغان دايىرىدە ئەيىش-ئىشرەت قىلىش، ئاىلە قۇرۇش ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئەركىنلىكى بولىدۇ.بۇ ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دەۋلەتكە ئىھتىياج بار. دەۋلەت بۇ ۋەزىپىنى سوت، ئەدىلىيە ۋە تەپتىشنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگەقىلىدۇ!
ئىنسانلارنىڭ يەپ-ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە قانۇن يول قويغان دايىرىدە ئەيىش-ئىشرەت قىلىش، ئاىلە قۇرۇش ۋە پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىقلار ئىنساننىڭ تۇغما ھەق-ھوقۇقلىرى بولۇپ، دەۋلەت ئۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇ مۇقەددەس ھوقۇقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەۋىپسىزلىكى ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. مۇنىنغا خىلاپلىق قىلغانلار ئىنسانلار تەرىپىدىن ھەتتا ئىلاھ تەرىپىدىن كەچۈرۈلمەيدۇ!
ئىنسان ئەۋلادى مەيلى ياخشى ۋە يامان، بىگۇنا ۋە گۇناھكار بولسۇن قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇپ ئوقۇش، تەربىيەلىنىش ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشتا تەڭ ھوقۇقلۇقدۇر! قانۇندا ئىنساننىڭ تىل-يېزىق، ئۆرپى-ئادەت، دىنىي-ئېتىقات ۋە قايىدە-يوسۇنلىرىدىن ئىبارەت تۇغما ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەۋلاتلىرىغا پەن-ماارىپ ئارقىلىق مىراس قالدۇرۇش يوللۇق دەپ قارالغان.
تەلىم-تەربىيە ۋە ئۇزاق يىللىق جاپالىق ئىزلىنىش، كەشپىيات ھەمدە نام-ئابروي قاتارلىقلار ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە قوغدۇلىشى، ئىلمىي، پەننىي ۋە ماددىي جەھەتتىن نەتىجە قازانغان بىراۋلارنىڭ نام-ئەمەل ۋە ئۈنۋانلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرى ئەر بولسا ئەپەندى، خوتۇن بولسا خانىم دىيىلىشى مەدەنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ بەلگۈسى بولۇپ، بۇنداق ناملاندۇرۇش راببىمىزنىڭ ئىلاھىي قانۇنىغا بولغان ئىتاەت ۋە شۇ كىشىلەرنىڭ تۇغما، ئۆزگەرمەيدىغان ئىلاھىي شەرىپىنى ھۈرمەتلىگەنلىك بولىدۇ.
قانۇندا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ، تۈرمىدىكى تۇغما جىنايەتچىلەرنىڭ ۋەھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان قاتىللارنىڭمۇ جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ھايات-ماماتلىق كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن غەلبە مېۋىلىرى ئىنساننىڭ ئانادىن تۇغما شان-شەرىپى قاتارىدا قوغدىلىدۇ!
راببىم ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ياراتقاچقا، ئادەم نەسلىلا بولىدىكەن تەخىچە تۇغۇلمىغان بەبەك، يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقتىن تارتىپ، قېرىغان بوۋاي-مومايلاردىن ئۆلگەن ئۆلۈكلەرگىچەمۇ ھەققى-ھوقۇقى بار بولۇپ، ئىنساننىڭ شان-شەرىپى توقۇنۇلماستۇر!
ئىنسانلارنى ئۆزلىرى پەخىرلىنىدىغان ناملار بىلەن ئاتاش ۋە خىتاپ قىلىش راببىمىزنىڭ ئىلاھىي قانۇنلىرىغا كۆرسۈتۈلگەن ئىنسانغا قىلىنغان ھۈرمەت ۋە ئىززەت بولۇپ، بۇ ھالنى تېخىمۇ رىياللىققا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغىنى ئاساسىي قانۇنلار، قانۇنلار، خەلقارا قانۇنلار ۋە ئەھدىنامىلەردۇر. ھەرقانداق قانۇن ۋە ئەھدىنامەلەر بۇ مەسەلىگە كەلگەندە نوقۇل ئىنسانە ئەقلى، ھۆكۈمدارنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىلمىي ئىجادىيەتكە ئەمەس، ساماۋىي كىتاپلارنىڭ- قۇرانىي كەرىم ھەم بۇنىڭ ئىچىدە- روھىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلغان!
دىۋانەلەرنىڭ، ئۆلۈكلەرنىڭ ۋە ساراڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭلار! بارلىق چارەسىزلەرنىڭ تەك ساھىبى ئالەملەرنىڭ راببىدۇر! ساراڭنى تەپمە، ئۆلۈككە قاراپ تۈكۈرمە، دىۋانىلەرنى قوغلىما! سوتچى سەن ئەمەس بەلكى ئالەملەرنىڭ راببى پەرۋەردىگارىڭدۇر!
ئادەتتىكى ئەھۋالدا: كۈندىلىك تۇرمۇش، غەيرى-رەسمى يازمىلار- ئاستىدا دۈشمەننى بولۇپمۇ ۋەتەن ساتقۇچلارنى، مۇناپىقلارنى، بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ۋە زىناخورلارنى ھۈرمەت سۈپەتلىرى ۋە ئۈنۋانلىرى بىلەن ئاتىمىساقمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى ئەيىپلەيدىغان ۋە ئاقلايدىغان مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئوفىتسىيەل/رەسمىي قارىلىغان، ئاقلىغان يازمىلاردا-ئەيىپنامە، ھۆكۈمنامە، كەچۈرۈمنامە، ئەرىزشىكايەت ۋە ئۆلۈم خەتى-شۇ كىشى ئەر بولسا ئەپەندىم ھوتۇن بولسا خانىم دەپ، خۇددى مەرتىۋىسى يوقۇرى كىشىلەرنى ئاتىغاندەك خىتاپ قىلىمىز، بۇ بىر ئىنسانىي ئەخلاقتۇر!
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىنسانلىققا ئۇيغۇن شەكىلدە ھۈرمەت ۋە ئىززەت كۆرۈش ھوقۇقى بار يەردە ئەلبەتتە تارىخىمىزدا ئۆتكەن بۇرھان شەيىدى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئىسا يۈسۈپ ئالىپ تەكىن، مەسۇد سابىرى قاتارلىقلارنى ئەپەندىم دىيىش خاتا ئەمەس بەلىكى تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىشتۇر! ھىلىغۇ مىللىتىمىز يېتىشتۈرگەن ھەر خىل ئەدىولوگىيەنى ئۆزىنىڭ دۇنياقارىشى ۋە ئىددىيسى سۈپىتىدە توغرا دەپ قارىغان تارىخىي شەخىسلىرىمىزنى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان قاتىل، ھەتتا ھەرقانداق جىنايەتچىنىمۇ ھۈرمەتلەش ئۈچۈن قوللۇنىلغان ئەپەندىم ياكى خانىم دىگەن نام بىلەن قوشۇپ ئاتاش ھەرگىز خاتا ئەمەس!
ھەرقانداق ئادەم قانۇن ئالدىدا باپ-باراۋەر بولۇپ، ھەممىسىنىڭ مەرتىۋىسى، ئىناۋىتىۋە شان-شەرىپى قانۇنىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا ھۈرمەت قىلىنىشى لازىم! بولۇپمۇ تارىخىي شەخىسلەرگە سالماقلىق بىلەن باھا بەرگىنىمىز ياخشى! بۇ يەردە مەن ئەپەندىم ياكى خانىم دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغانلار تارىخىمىزدىكى سەلبىي كىشىلەر بولغىنى بىلەن، ئۇلار يەنىلا مەنىڭ قان-قېرىنداشلىرىم، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىددىيسى، دەۋىرنىڭ چەكلىمىلىكى ۋە مىللىتىمىزنىڭ قالاقلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن خاتا ئىشلارنى قىلدى. بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ دۈشمەن قاتارىغا چىقىرىپ قويساق، ھەتتا ئۇلارغا دۈشمەندىنمۇ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرسەك توغرا بولمايدۇ!
ھەرقانداق ئادەمنى رەسمىي سورۇنلاردا ۋە رەسمىي يازمىلاردا مەيلى ئۇ كىم بولسا بولسۇن -ھەتتا قاتىل شىڭ شىسەي خىتاي، قاتىل ۋاڭ لەچۈەن خىتاي ۋە قاتىل چىڭ چۇەڭو خىتايمۇ شۇنىڭ ئىچىدە-ئەپەندىم دەپ تۇرۇپ مەسەلىنى ھەل قىلىشنى ئۈگۈنىشىمىز لازىم. ئادەمگە ھۈرمەت ۋە ئىززەتنىڭ، چەتكە قېقىش ۋە نەپرەتنىڭ ئوخشىمىغان مەيدان ۋە سورۇنلاردا ئەمەل قىلىنىشقا تىگىشلىك قىزىل ۋە يېشىل سىزىقلىرى بار بولۇپ، ئۇ شەخىستىن ئۈستۈن بولغان توپلۇقلار، توپلۇقتىن ئۈستۈن بولغان مىللەتلەر ۋە مىللەتتىنمۇ ئۈستۈن بولغان ساماۋىي كىتاپلارنىڭ ئىرادىسى بويىنچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ!
بىز بىر ئىش قىلغاندا ئادەم پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئىلغار جەمىيەتلەردىن بىخەۋەر ياۋايى ياشىغان ۋە بىزگە زۇلۇم سېلىۋاتقان مەدەنىيەتسىز خىتايلارنى ئەمەس، ئىنسانغا ئاللاھنىڭ ئىلاھىي قانۇنلىرى ئاساسىدا ھەق-ھوقۇق تونۇيدىغان، قەدىمكى يۇنان، قەدىمكى بابىلون، قەدىمكى رۇم ۋە قەدىمقى ساك ۋە توخار مەدەىيەتلەرىنى ئۆزىدە سىنتىزلەپ، خاس رايون خاراكتىرلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، بۈيۈك دەۋلەتلەرنى قۇرغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ يولىدا مېڭىشىمىز لازىم!
دۇنيادا خىتايلارلا ئىنساننىڭ شەرەپىنى ھۈرمەت قىلمايدۇ.بىراۋنى ئەپەندىم ياكى خانىم دىگەنلىك ئىنسان نەسلىنى ھۆرمەتلىگەنلىك بولۇپ بۇ بىر مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىگە باغلىق چوڭ ئىشتۇر! ئەمما قاتىل ۋە جىنايەتچىلەرنى ئەپەندىم دىگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئاقلىغانلىق ياكى شىرىكلىك ھىسىياتىدا بولغانلىقنى بىلدۈرمەيدۇ! ئىنسان ئەسلى ماھايىتىدىن ئۇلۇغ يارىتىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى مۇقەددەستۇر!
ئۇيغۇرىستان كۇلتۇر مەركىزى
22.07.2018