بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بىزنىڭ ئالىي نىشانىمىز بولسۇن!
ئارتۇچ بۇغرا
بىز ئۇيغۇرلارغا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا چاقىرىق قىلدۇق، دەۋەت قىلدۇق، يەنىلا ئىتتىپاقلاشقان ئومۇمىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆرەلمىدۇق، قاقشىدۇق، زارلاندۇق ئەمما سەۋەبىنى تېپىشقا ئىزدەنمىدۇق.
سەۋەبىنى ھەمىشە باشقىلاردىن كۆردۇق، ئۆزىمىزنى بىر تەكشۈرۈپ باقمىدۇق. ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا « بىز ئۇيغۇر دېگەن ئۇيۇشقاق مەنىسى بار ئۇيۇشالمىغان مىللەتمىز، شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھىيلە – مىكرى، سۈيقەستلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشالمىدۇق، ۋەتەن سىرتىغا چىقىپمۇ ھەر خىل ئىسىمدىكى جامائەت ۋە تەشكىلاتلارغا بۆلۈندۇق، بىز خەق شۇ ئۆزىمىزنى – ئۆزىمىز باشقۇرالمايدىغان، باشقا مىللەت باشقۇرۇسا ماقۇل دەيدىغان خەق» دەپ داتلاشتۇق.
بىز ياراتقۇچىمىز بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، قىبلىمىز بىر، كىتابىمىز بىر ، تىلىمىز بىر، مىللتىمىز بىر، دۈشمىنىمىز بىر دەپ نېمە ئۈچۈن بىرلىك سەپ ھاسىل قىلالمىدۇق.
بىزلەردە يۇقىرىدىكى بىرلىكلەردە ئىختىلاپ ۋە ئىتتپاقسىزلىق يوق ئىكەن، ئەمىسە بىز قايسى جەھەتتە ئىتتىپاقسىز ۋە بىردەك ئەمەس؟
ئاللاھ ئىسانلارنى ھەر خىل مىللەت، ھەر خىل تىل، ھەر خىل رەڭدە ياراتتى، ھەتتا بىر ئانىنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن ئۇرۇق – تۇققانلارنىڭ مىجەز – خۇلقلىرىنىمۇ ھەر خىل قىلدى.
بىر جۈپ قوشكېزەكلەرنىڭ چىرايى، بوي تۇرقى، بەزى بىر ئادەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ ئەمما، ئۇلارنىڭ مەلۈم بىر شەيئىگە قىزىقىشى، چۈشەنچىسى پەرقلىق بولدى.
خوش، دېمەك ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىشتا بۇ خىلدىكى ئالاھىدىلىكنى ئىنسانغا مۇجەسسەملەشتۈردى.
ئۇنداق بولسا «بىزدىكى ئاساسلىق مەسىلە نېمە ئىكەن» دېگەن ۋاقتىمىزدا، كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە چۈشەنچە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىكەن. كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە چۈشەنچىنىڭ ھەر خىل بولۇشى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن نىممەت ئىكەن، بۇ نىممەتنى توغرا ئىشلىتەلمەسلىك سەۋەبلىك ئىتتىپاقىمىزغا ۋە بىرلىكىمىزگە زىيان سالىدىكەنمىز.
رىئال مەسىلىلەرگە قارىتا، ساھابىلەرمۇ ھەر خىل چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشتا بولغان. ئەمما ئۇلار چۈشەنچىسىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر – بىرى بىلەن دەتالاش قىلماي، بەلكى بىر – بىرىنىڭ كۆز – قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقان.
ئەمما، بىز بولساق چۈشەنچە ۋە كۆز – قاراش سەۋەبلىك بىرلىك، ئىتتىپاقلىققا زىت بولغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتىمىز.
مەسىلەن: نامايىشقا چىقىش مەسلىسىدە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، مەقسەت زالىمغا قارشى، زۈلۈمغا قارشى نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەش بولسىمۇ، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈمى بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە پائالىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىمىز ئوخشىمىغانلىق سەۋەبلىك قارشى سۆز ئىش – ھەرىكەتلەردە بولدۇق.
مۇھاجىرەتتىكى ھەر خىل نام ۋە خىزمەت قىلىش دائىرىسى ئوخشىمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە بۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى ئىسلامچى، مىللەتچى، دىموكراتچى دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتىدۇق.
بىز بۇ تەشكىلاتلارغا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن «رەببىمىز بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، ، قىبلىمىز بىر، كىتابىمىز بىر، تىلىمىز بىر، مىللىتىمىز بىر، دۈشمىنىمىز بىر» دېگەن بىرلىكلەرگە خىلاپ بولمىغان شەكىلدە قۇرۇلغان تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرگە، تۇرۇشلۇق ئورنىمىز سەۋەبلىك، چۈشەنچىمىز سەۋەبلىك، ئىمكانىمىز سەۋەبلىك، بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇش سەۋەبلىك، شۇ تەشكىلاتنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، باشقا تەشكىلاتلارغا نارازى بولىدىغان، قارشى تۇرىدىغان، كەمسىتىدىغان، چەتكە قاقىدىغان ھەرىكەتلەردە بولساق، توغرا قىلمىغان بولىمىز.
بىزنىڭ ئالىي نىشانىمىز بىر _ بىرلىك، ئىتتىپاق ھالەتتە دۈشمىنىمىز بولغان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنىنى شۇ يەردە ھاكىم قىلىش.
ئۇنداق بولغان ئىكەن بىر – بىرىمىزنىڭ كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىسىگە ھۆرمەت قىلىشماي، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تەشۋىقات ئۇرۇشى قىلىش، تىل – ھاقارەت قىلىش، مۇسۇلمانغا خاس بولمىغان سۆز – ھەرىكەتلەردە بولۇش بىزنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىمىزنى بۇزىدۇ، بۇنىڭدىن دۈشمىنىمىز پايدىلىنىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىمۇ خارلىققا مۇپتىلا بولىمىز (ئاللاھ ساقلىسۇن).
ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنى پەرز قىلدى. دېمەك بىز بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى ساقلىيالمىساق بىر پەرزنى تەرك ئەتكەن ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان بولىمىز.
بۇ توغرىسىدا كەلتۈرىدىغان مىساللار بەك كۆپ، ئەمما ھەممىنى بۇ يەرگە يېزىشنىڭ ئورنى يوق، شۇڭا بارلىق قېرىنداشلار ئەگەر مۇسۇلمانلىق دەۋايىمىزدا راستچىل بولساق، ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئاشىق بولساق، كۆز قارىشىمىز سەۋەبلىك باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەت قىلايلى. كۆز – قاراش، چۈشەنچە، ئۇسۇل، ۋاسىتە سەۋەبلىك بىرلىك، ئىتتىپاقلىقىمىزنى بۇزىدىغان، تەرەپ ئايرىپ تىلىمىز ۋە قولىمىز بىلەن ئازار بېرىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنايلى.
ئاللا ھەممىمىزنى توغرا يول ئۈستىدە قىلسۇن، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلىگىلى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە مەخفىرىتىگە ئېرىشكىلى نىسىپ قىلسۇن……
2017 – يىلى 2 – ئاي ئىستانبۇل