بىشكەكتە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
قىرغىزىستان سوتى تۈنۈگۈن، ئۆتكەن يىلى بىشكەكتە يۈز بەرگەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئاپتوموبىل بىلەن بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۈچ گۇماندار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
2016-يىلى -30ئاۋغۇست خىتاينىڭ قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ۋەقەدە، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئۆلگەن، ئەلچىخانىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى بىلەن بىر ئايال يارىلانغان ئىدى.
سوتتىكى ھۆكۈمدە گۇماندارلاردىن ھىسامىدىن(؟) ئىسمائىلوفقا 18 يىللىق، ھېكمەتۇللا ئابدۇلجانۇف بىلەن قۇنازىم مانسىروۋاغا 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. مەھكۇملارنىڭ ئۈچىلىسى ھۆكۈمدە ئۆزلىرىگە ئارتىلغان ھۇجۇمنى تەشكىللەش ۋە ئىقتىساد تەمىنلەش ئەيىبلىمىسىنى ئىنكار قىلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ ئەينى چاغدا ئۈچ كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى خىتايغا قارشى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە مەنسۇپ بىر كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ۋە ھەتتا ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەستىن ھۇجۇمنى سۈرىيەدىكى قوراللىق كۈچلەرگە باغلىغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچ مەھكۇمنىڭ ئادۋوكاتلىرى مەزكۇر ھۆكۈمگە قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.