بىز دەۋانى قانداق قىلىمىز؟
خەنجەر
بىزنىڭ دەۋايىمىز، گەپ تېپىشمۇ ياكى بىرلىشىشمۇ؟ ۋە ياكى شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىئولوگىيە شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان خەلقىمىزنى ھېمايىسىز، ساھىپسىز تاشلاپ قويۇشمۇ؟!… ياكى بولـمىسا، بارلىق كۈچىمىز بىلەن، ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرماي، بىچارە ئاجىز خەلقىمىزنى ئەيىپلەپ، دارىتمىلاپ ئويناپ، ئۆز- ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىشمۇ ؟!..
ھازىر قۇلاقلىرىمىزغا ئاڭلىنىۋاتقان، كىتابلىرىمىزغا يېزىلغان ۋە يېزىلىۋاتقان «دىنىمىز ئىسلام ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، مىللىتىمىز ئۇيغۇر، دۈشمىنىمىز زالىم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى» دېگەن بۇ ئىدىئولوگىيە، 10 يىل بۇرۇن، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا تارقالغان بولسا ئىدى، مۇشۇ ئىدىئولوگىيەنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، بەلكىم ئەقىللىق خەلقىمىز جىھادىنى پەلەستىن خەلقىدەك، ئۆز ۋەتىنىدە باشلاپ داۋام قىلغان بولاتتى… سۈرىيە، ئىراقتىكى جىھاد تەشۋىقاتى كەڭ – كۆلەمدە باشلانغان ۋاقىتتا، بىزمۇ ۋەتىنىمىزدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى تەشۋىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بولساق، ۋەتەن ئىشقىدا، دىن ئىشقىدا، مىللەت ئىشقىدا كۆيگەن ئاق كۆڭۈل، ساددا خەلقىمىز، شۇ تاپتا، بىز ئەيىپلەۋاتقان خاتا يولنى تاللىغان بولارمىدى؟!…
ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبەرلىرىمىز ۋە ياكى دىنىي ئۈستازلىرىمىز، بۇ ئىدىئولوگىيەنى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزگە سڭدۈرەلىگەن بولسا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىمىز بۈگۈنگىچە، بۇ دۆلەتنىڭ بىزگە بەرگەن ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەنگە قارشى ئاللىقاچان بىرلىشىپ بولغان بولـماسمىدى؟!…
توغرا، بۇ ئىدىئولوگىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان رەھبەرلىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز چىقتى. لېكىن ئۇلار، ئۆز خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلـمەي يالغۇز، ھېمايىسىز، يېتىم قالدى. ئۇلاردىن بىرى، دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ، ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن! بىرى بولسا، ھازىرغىچە نەزەربەنتتە. ئاللاھ چەكسىز ئەجىر ئاتا قىلسۇن! يەنە بىر ئوت يۈرەك، خاتىرجەم ھاياتىنى تەرك ئېتىپ، ئۈممەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا كېلىۋىدى، قاتمۇ ـ قات توساقلار تۈپەيلى، كۆڭلى پەرىشان، كۆزى ياش، قەۋمى قېرىنداش، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى!!…
مېھرىبان ئاللاھ بىزلەرگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن!
بىز ھازىر رەھبەرسىز، باشسىز، يېتەكچىسىز سەرسانلىقتا يۈرمەكتىمىز… بارلىرىمىز بىر ـ بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىشمايمىز. بىر- بىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشمايمىز! شەخسى نەپسىمىز، ئابرويىمىز ۋە ھوقۇق ـ مەنپەئەت ئارىسىدا قاتىرايمىز !!…ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن قەلبلەر بىرلەشسۇن.
ئورتاق بىر نىشان، ئورتاق بىر غايە بىلەن ئورتاق دۈشمىنىمىزگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغانلارنى، قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنىڭ ئورنىغا ھەرخىل پىكىر، تەنقىدلەرنى ياغدۇرۇپ سەلبى جاۋاب قايتۇرىمىز. بۇمۇ بىزدىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق؟!
بۇ مەسىلىنى، دىنىنىڭ ئىسلام، ۋەتىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر، دۈشمىنىنىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىكەنلىگىدە، قەلبىدە شەك بولـمىغان ھەر بىر ئۇيغۇر، قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك!…
2107 – يىلى 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى
ئىستانبۇل.