بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج
ئارتۇچ بۇغرا
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى.
مۇھاجىرەتتتكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز، « بىز نېمە ئىش قىلالايمىز؟ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئاللارنى قويىدىغان ۋە سوئالغا جاۋاپ ئىزدەيدىغان ئومۇمىي كەيپىيات مەيدانغا كەلدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەشكىلات ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئاكتىپ پىدائىيلارنىڭ باشلامچىلىقىدىكى ھەر كىم، ئۆزى قىلالايدىغان خىزمەتلەرنى ئىمكانىنىڭ يېتىشىچە قىلىشقا ئاتلاندى.
بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھامان چەكلىك بولىدۇ. پەقەت كوللىكتىپنىڭ ئارىسىدىلا شەخسنىڭ قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە نامايان بولىدۇ ھەم ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇتۇق قازانغان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ھەممىسى دېگۈدەك يۈكسەك ھەمكارلىق روھىغا ئىگە بولغاچقىلا، غەلىبە قازىنالىغان. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەيلى قايسى ساھەدە، قايسى كەسىپتە بولسۇن، ئۆز ئارا ھەمكارلىق، قېرىنداشلىق روھىنى يېتىلدۈرگەن ۋە ئۇنى جانلىق ئىشلىتەلىگەن كىشىلەرلا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. چۈنكى، ھەمكارلىق روھى بىزنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەرىكەت داۋامىدا، ئورتاق شەكىلدە ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، دۇنيانىڭ نەرىدە بولايلى، ھەمكارلىشالايدىغان نۇقتىلاردا ھەر قايسى تەشكىلات، بىرلىك، جامائەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ بەزى كۆز قاراش، پىكىر ئوخشىماسلىقى، شەخسى ئاداۋەتنى قايرىپ تۇرۇپ بىردەك قولنى قولغا تۇتۇپ خىتتايغا قارشى تۈگۈلگەن مۇش بولۇپ ئېتىلىش كېرەك.
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق يولىدا ئۆز ئارا چىققان پىكىر، ئىختىلاپ، كۆز قاراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى، ئۆز ئارا ئىچكى قىسىمدا ھەل قىلىش. بۇنداق مەسىلىلەرنى، ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئوتتۇرىغا سېلىپ خەلق ئۇرۇشى ياكى دۈشمەنلەرنىڭ پىتنە قىلىشىغا سەۋەبچى بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئاللاھ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىرلىك، باراۋەرلىك، توغرا ئىدىئولوگىيە ئاساسىدا بىرلىشەلەيدىغان، ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى، ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان، بارلىقىنى ئاتىيالايدىغان، پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان، مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالايدىغان، تۇتالايدىغانلاردىن قىلسۇن.