چەتكە چىقىشتىن بۇرۇن توساق ئاتلاپ يۈرۈپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەرلىرىنى-پائالىيەتلىرىنى كۆرۈپ تىزراق چىگرىدىن چىقىپ ئەركىن ھاۋادىن نەپەسلىنىش، چەتئەلدىكىلەرگە كۈچ ئۈستىگە كۈچ قىتىش ئارزۇسىدا يۈردۈم. ئۇ زامانلاردا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دىسە كۆز ئالدىمغا مەنىۋىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە كۈچلۈك، مىللەت، دىن، مائارىپ،ئىقتىساد، تەشكىلچانلىق….ئىشقىلىپ ھەممە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇكەممەل دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەلپۈنەتتىم. تىخى بەزىلەرنىڭ ئېغىزىدىن: <<خەلىپە چاقىرىق قىلغاندا ھەتتا ھەج پەرزىنى ئادا قىلغىلى ماڭغان ئادەممۇ ھەجدىن ۋاز كىچىپ بېرىشى كىرەك، بولمىسا مۇرتەد بولىدۇ…>>دىگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىسلامدىكى ئۇلۇغ نېئمەت-جەننەتكە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ قىسقا يولىنى تاپقاندەك بولۇپ ھاياجانلىناتتىم.
ئاللاھقا شۈكرىلەركى چىگرىدىن سىرتقا چىقىشمۇ نېسىپ بولدى. سىرتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنىڭ خالىسانە پىداكارلىق روھى ۋە غەيرىتى، مىللەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېرىشىش روھى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مېللىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان ۋە كۈنسىرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن بۇ خالىسانە تەشكىلاتلارنىڭ ئىلىپ بىرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە بەزى كۆزقاراش-تەكلىپلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم.
- مىللىي روھنى كۈچەيتىش تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسىدە مىللەتنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. گەرچە مىللىتىمىز ئۆتمۈشتە نۇرغۇن مىللەتلەردىن بۇرۇن شەھەرلىشىپ، دۆلەتلىشىپ ئىز قالدۇرغان بولسىمۇ ۋە بۇلار بىزنىڭ مىللىي روھىمىزغا تۈۋرۈك بولۇپ ئىپتىخارلاندۇرسىمۇ ئەمما مىللىي روھمۇ بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ ئېنىرگىيە بىلەن تولۇقلىنىشقا مۇھتاجدۇر.
- ئىقتىسادىي مەنبە. ھېس قىلىشىمچە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مۇقىم كىرىم مەنبەسى يوق، ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمۇ جامائەتنى خەير-ساخاۋەتكە رىغبەتلەندۈرۈپ ئىلىپ بىرىلىدۇ. مۇمكىن بولسا شۇ تەشكىلاتلىرىمىز بازار تەكشۈرۈپ شۇ رايۇندىكى بازار ئېھتىياجىنى بايقاپ، شۇ كەسپكە ئالاقىدار بېلىملەر بىلەن كىشىلەرنى تەربىيلەشكە يىتەكلىسە، تەشكىللىك ھالدا شۇ كەسپكە يۈرۈش قىلىپ، كەلگەن ئېقتىسادىي ساپ پايدىدىن تەشكىلاتلارنىڭ مالىيەسىنى ھەل قىلساق. بولۇپمۇ يىمەك-ئىچمەك، قاتناش، كىيىم كىچەك، مېھمانخانا قاتارلىق ئېھتىياج يۇقىرى، مەبلەغ سېلىنمىسى تۆۋەن كەسپلەردە نەمۇنىلىق ئورۇنلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرسەك.
- بۇنىڭدىن باشقا ۋەتەن سىرتىدىكى ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە كىشىلەر(ئىشچى خىزمەتچى، تىجارەتچى ….) ھەممىسى ئۆز كىرىمىنىڭ مەلۇم قىسمىنى (مەسىلەن%3)نى كەلگۈسىدىكى دۆلىتى ئۈچۈن باج شەكلىدە تەشكىلاتلارغا ئۆتكۈزسە، تەشكىلاتلار بۇ كىرىملەر بىلەن تەشكىلاتتىكى غوللۇق خادىملارنىڭ قانۇن، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، تىببىي، مۇناسىۋەت… كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسە ۋە خەلقىمىزگە ئۈزلۈكسىز تۈردە شۇ دۆلەتتىكى چەتئەللىكلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن-ھۆججەت، ئېتىبار سىياسەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىسە. ئېقامەت، ھەج، داۋالىنىش ئىشلىرىدا مەسلىھەت بىرىلسە.شۇ دۆلەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا شارائىت ھازىرلاپ بىرىلسە.
- مائارىپ. تەشكىلاتلار يىتەكچىلىك قىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ ئېلغار ئېلىم-پەن بېلىملىرىنى تۈرلۈك تارقىتىش ۋاستىلىرى بىلەن تارقىتپ خەلقىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ دۇنياۋىي ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلىسا.(ھىچبولمىسا شۇنچە كۆپ ئالىملىرىمىز يازغان ئېلمىي ماقالىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسىخىسى توردىن تېپىلسا) دىن، تىل،ھۈنەر-كەسپ، تېخنىكا ئۆگىنىش سورۇنلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ يىتىشىچە بەرپا قىلىپ پىلانلىق يىتەكلەش ئېلىپ بىرىلسا.