ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلار ،تور دۇنياسىنى قاپلىغان بىزگە دائىي كىرەك ،يول باشچى كىرەك دىگەن سۆزلەرنى كۆرۈپ خەلقىمىزگە زادى قانداق دائىي كىرەك دىگەنلەرنى ئويلاپ ھەرقايسى پارتىيە تەشكىلاتلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ،تەشكىلسىز زاتلارنىڭ تۆكىۋاتقان تەرلىرىنى ،مۇجاھىدلارنى خەقنىڭ زىمىنىدا قان تۆكۈپ جان بەردىڭ ،بۇقان ۋەتەندە تۆكىلىشى كىرەك ،بۇ جان ۋەتەن زىمىنىدا چىقىشى كىرەك دىيىلگەن سۆزلەرنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۈم ،قىنى قىرىندىشىم ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى توغرا دەيمىز ،زادى قانداق بولىشى كىرەك ،سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندەك بىر كىچىدىلا بىزگە بىر پاي ئوق ئاتماي ۋەتەن قولىمىزغا پوككىدە كەپ قىلىش ئىھتىماللىقى قانچىلىك ،بۇنداق ئىھتىماللىق يوق ئەمەس ،خىتاي ماكچىيىپ بولامماي ساكراتقا چۈشكەندە چىشلىرى چۈشۈپ بولاممىغاندا بۇمۇ بولاپ قالا ،بىراق ھازىر تازا قىران ۋاختى ،دۇنياغا خوجا بولىمەن دەپ ھەممىگە شىر كۆسىتىپ ئەتراپىدىكى بارلىق دۆلەتلەرگە خىرىس قىلىۋاتقان ۋاختى ،شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ھازىر بىزدەك تىللا تۆكىلىدىغان دەرەخنى تاتقۇزۇپ قويمايدۇ ،تىخىمۇ كۈچىيىشى ئۈچۈن ۋەتىنىمىزدىن چىققان بايلىققا ئۇ ئىھتىياجلىق ،خام خىيال قىلماڭ سىزگە بۆلۈپ بىرىش ئەمەس ،سىزنى باشلىق قىلىپ قويۇشقىمۇ ئۇنىمايدۇ ھازىر ،مۇجاھىدلار قان تۆكمەي جەڭ قىلماي بۇ ۋەتەن قولغا كەلمەيدۇ شۇ ۋەتەن تۇپرىقىغا كىرىدىغانغا بىزگە ھازىرلىق كىرەك ھەربىي ھازىرلىق بولمىسا بولمايدۇ ،ئۆيدىن ئۇخلاپ قوپاپ چىقىپ تاپانچا مىلتىق ئاتقىلى بولمايدۇ مەشق قىلىش كىرەك دەيدۇ ،بۇنى خاتا دىيەلمەيمىز ،بۇ ھەقىقەت ،ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن جەڭ ماھارىتى بولىشى ،تەدبىر تۈزەلەيدىغان قوماندان بولىشى ،پىشقان گىنراللار بولىشى كىرەك ،بۇلارنى خىتاي بىز ئۈچۈن يىتىشتۈرۈپ بىرەمۇ ،ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلسا ئاز پۇل بىلەن قوبۇل قىلمايدۇ ،يىتىشتۈردىغىنى قىپ قىزىل قىزىلپاچاق ،خىتاي سىي دىسە چوڭ تەرىتىم قىستىدى دىيەممەيدىغان مەلئۇنلار ،بىزگە راس جەڭچىلەر كىرەك ،ئۇلار نەدىن كىلىدۇ ،ئامرىكىدەك پۇلغا جەڭ قىلدىغانلارنى سىتىۋالايلى دىسەك پۇلىمىز خىتاينىڭ قولىدا قالدى ،مەن سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ داۋا قىلۋاتقانلىقىنى بىلىمەن ،بىراق ئۇلار بىز مۇستەقىل بولىمىز ،ۋەتىنىمىز مىڭ يىللار ئىلگىرىلا مۇستەقىل دۆلەت ئىدى ئاسىيادىكى مەشھۇر كۈچلۈك ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ،شۇ ۋەتەننىڭ ئىز باسارى بىز ،بىزگە ئۆز ۋەتىنىمىز كىرەك دىگىنىنى ھىچ تاپالمىدىم ،خىتاي زۇلمىنى ئاڭلاتقىنىمىزدا قىرىنداشلار بىزگە تەسەللى بىرىپ ئۆز ۋەتىنىڭلارنى قۇرۇپ چىقىشىڭلارغا نىسىپ قىلسۇن ئىنشائاللاھ ،ئاللاھ سىلەرگە ياردەم قىلسۇن ،بىز سىلەرنى قوللايمىز دىگەندە يۈز قىزاردى ،بىز نىمىنى دەپ داۋا قىلۋاتىمىز ،خىتايدىن ناشتىلىق تىلەپ ،بىزگە رەھىم قىل دەپمۇ ،بىز ئانىمىزنىڭ قوسقىدىن قۇل پىتى چۈشكەنمۇ ،بىز ئۆزىمىزنى ھۆر ھىساپلايمىزمۇ قۇلمۇ ؟
بىزدىكى چىچىلاڭغۇلۇق زادى نەدە ؟
گەپنىڭ پوسكاللىسى خەلقىمىز ئاچچىق تولغاق ئازاۋىدا تولغانغان خوتۇندەك شۇ قەدەر ئىغىر ئاغرىقنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ ،بىزنىڭ داۋايىمىز خىتايدىن شەپقەت تىلەيدىغان داۋا ئەمەس ،مىنىڭ دەۋاتقانلىرىم مىنىڭ شەخسى پىكىرىم ئەمەس ،ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈرەك سۆزى ،سىياسىي تەشكىلات ،جەمىيەتلەر داۋايىمىزنىڭ مەخسىدى ئار نۇمۇسنى ئاقلاپ ئۈچ يۈز يىللىق قۇللۇق تارىخىغا خاتىمە بىرىپ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ سەلتەنەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇنى ئىنىق تونۇڭ ،باش بولمىش ئىنسانلار بۇنى ئىنىق بىلىشى كىرەك ،ئوغلانلىرىمىزنىڭ قىنىنى يات ئەلدا تۆكۈپ ،جىنىنى يات ئەلدە بەرمەسلىكى ئۈچۈن ۋەتەن دەپ چىققان ۋىژدان ئىگىلىرىنى كۆزلىگەن ھازىرلىقلىرى ئۈچۈن شارائىت يارتىدىغانغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ ،بىزدىن يىتىشكەن گىنرال ،ياراملىق ئەسكەر چىقىشى كىرەك ،خىتاي بىزگە تىنىچ ياشاش شارائىتى بەرسىلا كۇپايە دەيدىغان دەۋا خادىملىرى قۇلقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ ،دەۋاغا توسقۇنلۇق قىلماي بىر تەرەپكە ئۆتۈڭ ،خەلق خىتاي بىلەن بىرلىكتە ياشاپ بىرلىكتە ئىلگىرلەيمىز دەيدىغان سەپسەتىدىن ئاللا بۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى ،خەلقىمىزگە مۇستەقىل ۋەتەن كىرەك ،بىز ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق ،ئۆز ۋەتىنىمىز بىزگە ساھىپ چىقمىسا ھىچكىم بىزگە ساھىپ چىقالمايدۇ ،كىشىنىڭ ئىشى ئۈچۈن سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ ئىغىز كۆيىدۇ ،ھەممە ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى ئويلايدۇ ،ئۆزىدىن ئىشىنغاندا قوشنىسىغا نۆۋەت كىلىدۇ ،باشقىلاردىن ئاغرىنىشقا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق ،ئۇيغۇرۇمنى ھىمايە قىلىپ باش تىققۇدەك ماكانغا ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تەشكىلاتلارغا بارىكاللاھ ،ئەمما بۇمۇ بۇنداق داۋاملىشىۋىرەممەيدۇ ،خىتاي ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن بىچارە قۇچقاچنى يەپ تۈگەتتى ،بىز مەڭگۈ جان ساقلاپ ئۆتۈپ كىتىپ بولالمايمىز ،مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يا كىتەلمەي يا چەتئەلدە قالالماي ماكانسىزغا ئايلاندۇق ،ئەۋلادلىرىمىزغا مۇساپىرلار ناخشىسىنى مىراس قويۇپ كىتەمدۇق ،مەن كىم دىسە دەپ بىرەلمەي كىتەمدۇق ،ئىغزىمىزدىن كۆپۈك چىقىرىپ سۆزلەپ قويۇپ قولىدىن تۇتۇپ ئاپىرىپ ۋەتەن تۇپرىقىغا دەسسىتەلمەي ئۆتۈپ كىتەمدۇق .
خوش ،ئەمىسە بىزگە قانداق باش كىرەك ،بىزگە كىرەك يول باشچى بارلىق تەشكىلات جەمىيەتلەرنى مۇجاھىد جەڭچىلىرىمىزنى بىر يەرگە يىغالايدىغان ،ھەر بىرىگە تىگىشلىك ئىشىنى قىلدۇرالايدىغان بىلىملىك ئەقىل ئىگىسى كىرەك ،بۇ مۈشكۈل بىر ۋەزىپە ،خالىغان كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالاممايدۇ ،شۇنداق بىر رەھبەر ئارىمىزدىن چىققان كۈنى ھەممىمىز ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىمىز ،ھازىرقىدەك چىچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرمايمىز ،بارلىق ئۇيغۇر ئۆز ۋەتىنىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ،داۋا سىپىدە باش بولغانلار بۇنى چۈشەنمىسە ئەتراپىدىكى ياشلار ھامان تىزىپ كىتىدۇ ،بۇنى ياخشى بىلىش كىرەك ،باشقىلارنىڭ يۈركىدىكىنى بىلىپ يىنىڭىزدا تۇتۇپ تۇرمىسىڭىز ئۆز خىيالىڭىز بويىنچە ياشىسىڭىز بولمايدۇ ،ھەممە ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان دىمكىراتىك ئەللەردە ياشاۋاتىمىز بۇنى ياخشى چۈشىنىڭ ،خەلىقنىڭ ئارزۇسى تەقەززاسى ئۆز ۋەتىنىگە ئۆزىمىز خوجا بولۇش ،بىز بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ تەرەققى قىلغۇسى بولسا خىتاي ئۆز ماكانى سەددىچىننىڭ ئىچىدا تەڭ ماڭسۇن ،بۇ قىتىم بىزنى خىتاي ياكى باشقا بىر مىللەتكە سىتىشنى ئويلاۋاتقانلار ئۆزىڭىزگە ئاگاھ بولۇڭ ،يىللار بويى ئۇخلاپ ياتقان ئۇيغۇرۇم ئويغاندى ،خەلىقنىڭ تەققاززاسى تۈركنىڭ مۇستاپا كامالى ،ياپۇننىڭ سامورايى ،نىمىسلارنىڭ گىتلىرى كەبى ھەممىنى باشلاپ ماڭالايدىغان يول باشچىدا ،شۇنداق بىر ئىنسان تۇغۇلغان كۈنى ئۇيغۇرۇم بىرسەپتە ئايال بالا دىمەي جەڭگە تەييار ،بۇنى چۈشەنمەيۋاتقانلار داۋا سىپىنى ئاۋارە قىلمىسا دىگەن ئۈمىتتە بىز .
ئۇيغۇرلار شاھمات تاختىسىدا جىق يۆتكىلىپ زىرىكتى ،يىگىرمە يىلنىڭزى ئەتە ۋەتەنگە كىرىمىز ھېيت نامىزىنى ھېيتگاھتا ئوقۇيمىز دىگەن يول باشچىلار ئىمىزگىنى تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،بىزگە ئەمەلىي ھەرىكەت كىرەك ،ۋەتەننىڭ ئىچى سىرتىدىن ھەرىكەت قىلىش پۇرسەتلىرى قولدىن كەتتى ،ۋەتەن ئىچى ئىغىر ھالسىردى ،چىقاي دىسە چىققىدەك ئەركەك قالمىدى ،ئاياللار تۇغۇپ ئۈلگۈرتەلمەيدۇ بۇ يىگىتلەرنى ،ئەتراپىڭلارغا ماگىنىتتەك تاتىپ يىغىپ بولۇپ كۈتۈپ يىتىۋەسەڭلا قوساقتىكى ئەكەكمۇ تۈگەيدۇ ،شۇ ئوغلانلار ۋەتەن زىمىنىغا ئاياق باسىمىز شۇ تۇپراقنى يۈزىمىزگە سۈرۈپ ئار نۇمۇسنى يۇيىمىز دەپ ئەگەشكەن شۇ قوشۇنغا ،شۇنداقلا ھەممىمىز شۇنى ئارزۇ قىلاتتۇق ،شۇ ئارزۇ بىلەن شۇ ئوغلانلار نەچچەمىڭ چاقىرىم يولنى پىيادە مىڭىپ مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرلىپ شۇ قوشۇنغا قوشۇلدى ،بۇنىڭدىن ھەممىمىز خەۋەردارمىز ،ۋەتەندە ھامان بىرئۆلۈم دەپ ئۆز جانلىرى بىلەن ئارنۇمىسىنى قوغدىغانلارغا يۈز كىلەلىشىمىز كىرەك ،ئەمدى بولسىمۇ ھەركەتكە ئۆتۈش كىرەكتۇ ،ھەممىمىز نىيەتنى مەخسەتنى بىر قىلىپ ۋەتەن تۇپرىقىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ،پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خەلقارادىكى ھەربىر ئۇيغۇرنى قوغداپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلىسەك بىزنى باشلاپ ماڭالايدىغان يول باشچىنى ئاللاھ بىزگە ھامان بىرىدۇ ،شۇ ئىنساننىڭ بالدۇرراق تۇغۇلۇپ شۇ زاماننىڭ بالدۇرراق كىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى قىرىنداشلار ،سىرتتىكى دۈشمەندىن ئارىدىكى مۇناپىق يامان ،ئەڭ خەتەرلىكى ئارىمىزدىكى مۇناپىق ،شۇڭا مۇناپىققا رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ ،مۇناپىقلارنىڭ ياشلىرىمىزنى قانداق ئۆزىنىڭ مەيدانىغا ئەكىلىۋاتقىنىغا ھەم شاھىت بولىۋاتمىز ،بىلەرمەن ،يىرىم چىلەك سۇ ھالىتىدە توختاپ قالغان ياشلىرىمىز بىز ئۈچۈن چوڭ خەۋپ ،بىز ۋاختى كەلگەندە شۇلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولىمىز ،قىرىندىشىم مۇناپىققا ،مۇناپىقنىڭ شاگىرتىغا رەھىم قىلماڭ ،ئۇلار كامار تاپالمىغان چاشقاندەك ياشاشقىمۇ پۇرسەت تاپالماي قالسۇن ،يەر قوينىغا ئالماس مەلئۇنلار يەر يۈزىنى بۇلغاپ ئاۋارە قىلمىسۇن دەپ تىلەيمەن .
«ھەممىڭلار بىر پادىچى، ھەممىڭلار ئۈز پادىسىدىن مەسئۇلدۇر »دىگەن ئايەتنى تەپەككۇر قىلىلى ،سىزنىڭ پادىڭىز خوتۇنىڭىز بىلەن بالىڭىزلا ئەمەس ،قەۋمىڭىزمۇ سىز ھىساپ بىرىدىغان پادا،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەربىر ئۇيغۇر ئەركەكنىڭ ئۈستىدىكى پەرز ،چەتئەلدە خاتىرجەم جان بىقىۋاتقان ،كىم ۋەتىنىمنى ئازاد قىپ بىرە دەپ مارلاپ تۇرغانلار ئۇيقۇڭىزنى ئىچىڭ ،دەيۈز بولۇپ ئۆلۈشتىن پاناھ تىلەڭ ،بىر قانچە كىشىگە يۈكلەنگەن دەۋا ئەمەس بۇ ،بۇ دەۋا ھەر بىرىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن پەرز،نۇمۇس قىلىشنى بولسىمۇ ئۈگىنىلى قىرىنداشلار ،ئون بەشىنجى تىمۇز تۈرۈك ئەركەكلىرىنى ئاياللىرىنى قىرى ياش ئوغلانلىرىنى كۆرۈپمۇ يۈزىمىز قىزارماي بىر بۇلۇڭدا جان ساقلاشنى تاللىساق ،دەۋادىن ئۆزىمىزنى ئىلىپ قاچساق ،ۋەتەندىكى شىھىتلەر ،ئار نۇمۇسى يەرگە ئۇرۇلغان مەزلۇملارنىڭ ئاھى بىزنى ھامان بىر كۈنى تۇتىدۇ ،ئۆلۈم ھەممىمىزگە يىقىن ،ھىساپ بىردىغان كۈندىن قورقىلى ،قولامدىن ھىچئىش كەلمەيدۇ دەپ بانا كۆرسەتمەڭ ،ئىلىپنىڭ سۇنىقىنى بىلمەيدىغان ،ئىماندىن ئەسەر تىپىلمايدىغان كاپىرلار كەمەر يەپ قىلالىغان ئىشنى سىز قىلالمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ قىرىندىشىم ،ئاللاھ ئاھلىرىمىزنى ئاڭلىغۇچى ،قەلبتىكىنى بىلگۈچى زات ،بىزنى بالدۇرراق بىرلەشتۈرۈپ بالدۇرراق نۇسرەت ئاتا قىلسۇن ،ئامىن .
نۇرانىيە
2017-يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
