بۇ قېتىملىق نامايىش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇردى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىستانبۇل ۋە ئەنقەردە ئېلىپ بېرىلغان «5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نامايىشى، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلدى.
تەشكىللەش پائالىيەتلىرىگە مۇھاجىرەتتكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. بولۇپمۇ، ئەنقەرەدە ئېلىپ بارىدىغان نامايىشقا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ قاتنىشىشقا ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى خادىملار، ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن، قاتناش شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇۋاپىق باھادا ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان كىرا ئاپتوبۇسلىرىنى ئۇقۇشتى. ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونى ۋە سافاكوي رايونلىرىدىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەس – بەستە ئاپتوبۇسقا كېتىدىغان كىرا ھەققىنى ئۈستىلىرىگە ئېلىشى بىلەن 12دانە ئاپتوبۇس ۋە 30دىن ئارتۇق كىچىك ماشىنىلار كىرالىنىپ، جەمئى 30مىڭدىن ئارتۇق تۈرك لىراسى چىقىم قىلىنىپ، 750دىن كىشى ئارتۇق نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە يېتىپ بارغان.
بىز پائالىيەتنى تەشكىللىگەن قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەھۋال ئىگەللىگىنىمىزدە، ئۇلار ئىستانبۇل ۋە ئەنقەردىكى نامايىشلارنىڭ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختۇلۇپ، گەرچە بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە خىتتاي ئەلچىخانىسىدىكىلەرنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىگە سۇنغان جىددى شىكايەتلىرى بىلەن، ئەلچىخانا ئالدىغا بارالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ پىداكارلىقى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ، ساراسىمىگە سالغانلىقى، ئىستانبۇلدىكى خىتتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ، نامايىشتىن بىر سائەت بۇرۇن. مۇھىم ماتىرىياللار قاچىلانغان سومكىلىرىنى ئېلىشىپ، تاكسىغا چىقىپ، ئەلچىخانىدىن ئايرىلغانقىنى ئېيتتى.
ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، نامايىشقا قاتىنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرى ئۈچۈن، يېمەكلىك تەييارلاپ، يەتكۈزگەنلىكىدىن خەۋەر بولدۇق.
بۇ قېتىملىق نامايىش، دۇنيا خاراكتىرلىك كەڭ كۆلەملىك نامايىش بولدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىمكانى، شارائىتى يار بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نامايىشقا چىقتى.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگەن بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئىدارە ھەيئەتلەر، پىدائىيلار، ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ساخاۋەتچىلىرىمىز ھەمدە نامايىشلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا سالىھ دۇئالاردا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.