بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم
ئىقبال
( 12- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەيمەن)
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
جىمى ئۇيغۇر ئىچ باغرىدىن كۈلگەن كۈن.
ئاسمان بىلەن رەڭ تالىشپ كۆك بايراق،
يۈرەكلەردە ھۆرلۈك پەيزى سۈرگەن كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
ئالتۇن كۈزدە باھار ھىدى چاچقان كۈن.
ۋەتەن مېنىڭ، بايراق مېنىڭ، دىن مېنىڭ،
دېگەن ئۇيغۇر يۈرۈگىدىن تاشقان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
تارىخ ساڭا ھۆرلۈك مۆھرى باسقان كۈن.
شېھىدلەرنىڭ ئىسسىق قېنى بەدلىگە،
مۇستەقىللىق بايرىقىنى ئاسقان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
شېھىدلەرنىڭ روھى خۇش ھىد چاچقان كۈن.
زىللەت بىلەن ئىشغالنى تىز چۆكتۈرۈپ،
ئەھلى ئىسلام ئىززىتىنى تاپقان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
ئۇيغۇر ئۈچۈن ھۆرلۈك تېڭى ئاتقان كۈن.
تەكلىماكان باغرى تولۇپ تەكبىرگە،
ھۆر ۋەتەندە شادلىق يېشى ئاققان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
جۇمھۇرىيەت سەھىپىسى ئاچقان كۈن.
ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەن ھەق داۋا،
ئىستىقلالغا يېڭى قەدەم ئاتقان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
تاجاۋۇزغا ئىماندىن ئوق ئاتقان كۈن.
ئەجدات روھى ئۇرغۇپ ئەۋلاد قېنىدا،
مىللى روھنى قايتا خاتىرلاتقان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
ئەسكەرلىرىڭ پاراتتا سەپ تارتقان كۈن.
دىلدا ئىمان، قولدا قورال ۋە بايراق،
پۈتۈن مەيدان ھۆرمەت بىلەن باققان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
دۈشمىنىمىز خىتتاي ۋە روس قاچقان كۈن.
مۇسۇلمانلار خۇشاللىققا جۆر بولۇپ،
زالىم دۈشمەن ھەسەت ئوتى ئاچقان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
ئەجداد روھى قايتا ئىزىغا قايتقان كۈن.
ئىسسىق قانلار، ئەزىز جانلار بەدلىگە،
ئامانەتنى قايتا قولغا ئالغان كۈن.
بۈگۈن سېنىڭ ھۆرلۈك كۈنۈڭ ۋەتىنىم،
ئۇيغۇرنىڭ بىر دۆلىتى بولۇپ باققان كۈن.
مۇستەقىللىق تۇغى مىراس ئەۋلادقا،
ئۇ كۈن، بۈگۈن بىزگە نامى قالغان كۈن.