ئاپتور: كۈرەش ئاتاخان
ئالىي نەسەپ يەنى مەرتىۋە ۋە تېگىپەسلىك يەنى مەرتىۋىسىزلىكنىڭ چىگىرىسىنى ھايات-ماماتلىق كۈرەش بەلگۈلەيدۇ! ھەدىسلەردە نامراتلىق كۇفۇرلىققا يېقىن، ئاجىزلارنى يۆلەڭلار، قېرىنداشلارغا ساھىپ چىقىڭلار، خەلقىڭلارغا مېھرىبان بولۇڭلار، ئەمما رىسقىڭلارغا چاڭ سالغان رەقىبىڭلارغا رەھىمسىز بولۇڭلار، قېنىنى چېچىڭلار، دەگەن مىسرالار بار!
قېرىنداشلىرىڭىز ئاچكەن، مۇھتاجكەن ۋە ئاجىزكەن ھەرقانداق ئىمتىيازلارىڭىز ھارامدۇر!
بىزنىڭ قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىمىز ئالىي نەسەپلىك قېرىنداشلار بىلەن مەرتىۋىلىك مىللىتىمىزنىڭ ئۈستۈن ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەۋلىتىمىزنى قايتا قۇرۇش يولى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرشتۇر!
ئىنسانلار بىلىمى، ھوقۇقى ۋە مال-مۈلىكىگە قاراپ مەرتىۋىلىك ۋە ئاۋام دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ! ئالىي مەرتىۋەلىكلرنىڭ بۇ دۇنيادىكى كۈچى، ئەركىنلىكى ۋە ئىستىمالى ئاددىي ئاۋاملارغا قارىغاندا پەرىقلەڭىنى بىلەن، ئۆلگەندىن كەيىنكى مەرتىۋىسى ھەرگىز ئاللاھتىن بىسوراق بىلىم، ھوقۇق ۋە مۈلۈك سەۋەبىدىن بۇ ئالەمدىكىدەك بولمايدۇ.
دۇنيادا مەرتىۋىلىك ئادەملەرگە ئوخشاشلا مەرتىۋىلىك مىللەتلەر بار!دۇنيادا يەنە تېگى پەس مەرتىۋىسىز كىشىلەرگە ئوخشاشلا، مەرتىۋىسىز تېگى پەس مىللەتلەرمۇ بار!مەرتىۋىلىك شەخىس ۋە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئاىلىي نەسەبىنى قانلىق كۈرەشلىرى ۋە جاپالىق ئىزلىنىشلىرى ئارقىلىق بىرلىكتە بەرپا قىلغان!
مەرتىۋە يەنى ئالىي نەسەپ تەگىپەس يەنى مەرتىۋىسىزلىكنىڭ ئالامىتى بولغان ساتقۇنلۇق، پەسكەشلىك، شەخسىيەتچىلىق، ھورۇنلۇق، خايىنلىق، مۇناپىقلىق، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق قاتارلىقلارغا ئۆلۈپ تارتىپ كەتكەن ۋە ئاچ- يالىڭاچ قالغان تەقدىردىمۇ يېقىللاشماسلىق، دېگەنلىكتۇر!
ئالىي نەسەپلىك كىشىلەر بىلەن تېگىپەس كىشىلەرنىڭ ئىسلامىيەت ئالدىدا كۆرۈنىشتە ھىچقانداق پەرقى يوقتۇر. ئالىي نەسەپلىك كىشىلەر بىلەن ئاددىي ئاۋامنىڭ ھەر بىرى ھوقۇقتا باپ-باراۋەردۇر. بۇ دۇنيا ھەر ئىككى سىنىپ ئۈچۈن سىناقتۇر!ئاللاھ خالىغان كىشىنى مەرتىۋىلىك، خالىغان كىشىنى مەرتىۋىسىز قىلالايدۇ!
بارلىق غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن بولۇپ، ئىچى تار، ھەسسەتخور، شەخسىيەتچى ۋە كۆرەلمەس ئادەملەر مەرتىۋىلىك ياكى مەرتىۋىسىز بولسۇن ھەر ئىككى دۇنيادا دوزتاققا يەقىلغۇ بولىدۇ!
ئەگەر مەرتىۋىلىك يەنى ئالىي نەسەپلىك ئادەم مەرتىۋىسىز يەنى تەگىپەس نەسەپتىن كېلىپ چىققان بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇنى قىساس ئېلىش يۈزىسىدىن ئۆلتۈرۈش لازىم. بۇ ھۆكۈم مەرتىۋىسىز يەنى تەگىپەس نەسەپتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىلىك يەنى ئالىي نەسەپلىك ئادەملەرنى ئۆلتۈرىشىگىمۇ ئوخشاشلا كەچەرلىكتۇر!
بۇ دېگەنلىك ئىنسانىي تەمەل ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دىگەنلىك بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەملەر ئولتۇراق ئۆي، سىياسىي ئەركىنلىك، ئىقتىسادىي ھوقۇق ۋە ئەسكىرى ئىمتىيازلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ!
بىر شەخىس ياكى بىر مىللەت تېخىمۇ كۆپ بىلىم، ھوقۇق ۋە مۈلۈككە ئىگە بولاي دەيدىكەن، جاپالىق كۈرەش قىلىش لازىم!خۇدا ھەرقانداق ئىمتىيازنى تىلەمچى تەبىيەتلىك، ھورۇن، قاششاق، خۇراپىي ۋە جايىل كىشى ياكى مىللەتلەرگە بەرمەيدۇ!
ئاللاھنىڭ زەپەر دەرۋازا ۋە يوللارى ئۈمىت، ئىچەنچ ۋە ئىرادە بىلەن يولغا چىققان جاسسۇر شەخىسلەر ياكى جەسسۇر مىللەتلەرگە ئېچىلىدۇ!
ئەمما ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئالىي نەسەپلىك ۋە تېگى پەس دەپ ئايرىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئالدىدا ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا پەرقى باردۇر. كىمنىڭ تەقۋالىقى كۆپ بولسا، ئاللاھتائالاھ ئالدىدا ئۇنىڭ مەرتىۋىسى يوقۇرى، كىمنىڭ گۇناھى كۆپ بولسا دەرىجىسى دەرىجىدسى ھەرگىزمۇ ئۇلۇغلاردىن سانالمايدۇ.
ئالىي نەسەپتىكىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋە ئاۋامنىڭ ئارىسىدىكى ياخشىلىق قىلغانلار جەننەتلەر بىلەن يامانلىق قىلغانلار جەھەننەملەر بىلەن ئۆزلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە رىزىقلاندۇرىلىدۇ!
نۇسرەت ۋە زەپەر ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ، ھەر قانداق بىر ئىشقا كىرىشمەكچى بولساق، ئەڭ ئاۋۋال دىنىمىزدا بۇيرۇغىنى بويىچە ئۆز نىيىتىنى توغرىلاش پەرزدۇر.
ئالىھان تۆرەم “تەۋارىخى مۇھەممىدىيە” ئەسىرىدە:ئەگەر بىراۋ ھاياتلىق ئىلمىنى ئوقۇماقچى ئىكەن، بىلگىنىگە ئۆزى بىرىنچى بولۇپ ئەمەل قىلىشى، بىلمىگەنلەرىنى سورىشى، بىلگەنلىرىنى ئۆگىتىشكە نىيەت قىلىشى لازىم. ئوقۇش ۋە ئۆگىتىش ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولسۇن. بۇ توغرىدا ئاللاھنىڭ ئەمرىسىز ھېچ كىمدىن ھىچنىمە تېما قىلمىسۇن.”دەپ خىتاپ قىلىپ ئادىمىيلىكىمىز ئۈچۈن گۈزەل چاقرىقتا بولۇنغانىدى. ئالىي نەسەپتىكىلەر ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك ۋە پەزىلەتلىك كەلىدۇ.پەسلەر يەنى قۇل مىجەز ئىنسانلار تام ئۇنىڭ ئەكسىچە كەلىدۇ! ئالىي نەسەپتىكىلەرنىڭ غايىسى دايىم بىراۋنىڭ يەلكىسىگە يۈك بولۇش ئەمەس، بەلكى بىراۋنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش كويىدا بولغاچقا، نىيىتى دورۇست بولغاچقا راببىم تەرىپىدىن شۇڭا توختىماي يۈكسەلدۈرۈلگەن. قىسقىسى، ئىنسان ئوغلى قايسى پەننى، قايسى ئىلىمنى بىلسە، قانداق ھۈنەرنى ئۆگەنسە خۇددى ئالىھان تۆرەم ھەزرەتلىرى بىزگە بۇيرىغاندەك مەقسەت ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش، ئىنسانىيەت ئالىمىگە بىر ئۆلۈش پايدا يەتكۈزىش ئۈچۈن بولسۇن. يالغۇز ئۆزىنى ئويلاپ، باشقۇىلارنى خور كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ پايدىسىغىلا ئىش كۆرۈش ئالىيجاناپ، مەرتىۋەلىك ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرگە يات بولۇپ، بۇنداق قىلمىشلار ئىنسانىيلىققا ئوچۇقتىن قىلىنغان خىيانەت ۋە كەچۈرگىلى بولمايدىغان، ئالىي نەسەپ ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن قانچە مىڭ يىلدىن بېرى مەنىي قىلىنغان ئېغىر جىنايەتتۇر.
ئەگەر كىشى دىنىمىز بۇيرىغاندەك ئىش قىلىشتىن بۇرۇن نىيىتىنى توغرىلاپ، ئىنسانىيەت جۈملىدىن مىللىتى پايدىسىنى كۆزلىمەيدىكەن، يەتمىشىككى تۈرلۈك ئىلىم پەنگە ئىگە بولغىنى بىلەن، ئۆلگۈچە قولى ئىشتىن، بېشى غەمدىن، يۈرىكى دەرتتىن بوشىيالمايدۇ. كۆڭلى غەم قايغۇدىن خالى بولالمايدۇ. ئەگەر ئەمىلى ئالىي نەسەپكە لايىق بولىدىكەن، ئىشى ئاز بولسىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، ساز بولىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقى خۇددى كۆل سۈيىدەك ئۆزىدىن تېشىپ باشقىلارنىڭ چۆللىرىغىمۇ يىتىپ بارىدۇ.
ئالىيجاناپ ۋە مەرتىۋىلىك كىشىلەر ئۆز مىللىتى بولسىمۇ، تەگىپەس، قۇل تەبىيەتلىك ئىنسانلار ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇلارنى ۋەتەڭە قوشۇپ دۈشەمڭە سېتىۋىتىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ بەشىغا چىققانلار ئارىمىزدىكى يالاڭ تۆشلەر سىنىپىدۇر! ئىنسان ئالىمى يارىتىلىشتىن باشلاپ ئاشۇنداق مەرتىۋىسى تۆۋەن، تەگىپەس ئاچ كۆز، كۆرەلمەس، نىيىتى يامان، ھەسەتخور، مۇناپىق ۋە ساتقۇن كىشىلەردىن پۈتۈن خەلق ئەسىر-ئەسىرلەپ زىيان تارتىپ كەلمەكتە. ئىنسان ئالىمى يارىتىلىشتىن باشلاپ ئاشۇنداق بەرىكەتلىك ئالىي نەسەبلىك كىشىلەردىن پۈتۈن خەلق پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
(ك.ئاتاھان)
ئالىيھان تۆرەم ھەترەتلىرىنىڭ “تەۋارىخىي مۇھەممىدىيە”سىدەن ئۆزلەشتۈرۈپ ئەلىندى!
20.07.2017 گېرمانىيە