دادام شۇنداق دېگەن
ئىقبال
تىكەن بولسا ئوڭ سولۇڭ،
ھەق بولسلا ئۇ يولۇڭ،
جاسارەتلىك بول ئوغلۇم،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ھەق يولى بەك ئۇزاق يول،
داۋانلار كۆپ ھەم دوڭغۇل،
چىدامچان بولغىن ئوغۇل ،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ھەقدار دەيدۇ ھەممىسى،
مەن ئاق دەيدۇ قاغىسى،
بولغىن ھەقنىڭ تارىسى،
دېگەن ئىدى جان دادام.
بۇ يوللار ئۇزاق يوللار،
ماڭدامدا تار كوچىلار،
ھەر كوچىدا نوچىلار،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ھەقنى دېسەڭ دەرت تولا،
ماڭغان يولۇڭ چۇچۇلا،
تىنىپ قۇيساڭ غۇلغۇلا،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ھەقكە ئاتا دىمىڭنى،
خالىس قىلغىن دىلىڭنى،
چىڭ باغلىغىن بېلىڭنى،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ئادەملەرنىڭ كۆپلىكى،
شاقىراتما كۆپۈكى،
ئاچچىق ئانار شۆپۈكى،
دېگەن ئىدى جان دادام.
جاپا چىكىپ ھارساڭمۇ،
ئەرزىيەتتە تالساڭمۇ،
ھەقتە يالغۇز قالساڭمۇ،
دېگەن ئىدى جان دادام.
مەزلۇملارغا بولغىن يار،
زالىملارغا ياسا دار ،
ئەلنى قىلغىن بەختىيار،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ئەل ـ ۋەتەنگە ياراملىق،
ئەۋلاد بولغىن ساباتلىق،
ھەق ياشىساڭ ساۋابلىق،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ئەجداد ئىزى يول بولسۇن،
ئىستىقبال نۇرغا تولسۇن،
ئىستىقلال سېنىڭ بولسۇن،
دېگەن ئىدى جان دادام.
ھەق يولى بولسۇن داۋاڭ،
قىلمىسۇن شەيتان ۋەيران،
دۇئايىم شۇدۇر بالام،
دېگەن ئىدى جان دادام.