2019 – يىلى 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى داڭلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، 71 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى مول ھوسۇللۇق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى، ماھىر رەسسام جالالىدىن بەھرام 1942 – يىلى 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە ، بىر تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى، يازغۇچى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش – پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات -سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ.
جالالىدىن بەھرام 1950 – يىلدىن 1954 – يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954 – يىلدىن 1957 – يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان ۋە مەكتەپنىڭ رەسىم، ئەدەبىيات كۇرژۇكلىرىغا قاتنىشىپ، مەكتەپ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1957 – يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958 – يىلغىچە مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇغان. 1958 – يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1958 – يىلدىن 1961 – يىلغىچە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇغان.
جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 1961 – يىلدىن 1976 – يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976 – يىلدىن 1981 – يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلغان. 1981 – يىلدىن باشلاپ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل – سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963 – يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان . لېكىن، 1966 -يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتابلىرى بۇلاپ كېتىلىپ، ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۈلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، «ئۈششۈك تەگكەن» ۋە «قوشكۆل»لەردە ئىشلەشكە سۈرگۈن قىلىنغان.
كاندىدات ئالى مۇھەررىر، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمئىيىتىنڭ ئەزاسى جالالىدىن بەھرام، ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ رومان يازغان ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. جالالىدىن بەھرام ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھازىرغىچە 10 پارچە ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى، 14 پارچە رومان، 16 تېلىۋېزىيە فىلىمى(ھەممىسى فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن)، جەمئىي 29 كىتاب، 16تېلېۋېزىيە سىنارىيىسى يازغان. بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئوۋچىلىرى»، «موللا مۇسا سايرامى»، «فارابى»…قاتارلىق نەچچە ئون پارچە نادىر رەسىملەرنى سىزغان. «ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە500 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لاھىيەلىگەن ۋە مىڭلىغان قىستۇرما سۈرەت، كۆنچىك،نەقىشلەرنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ «ماناس»داستانىنىڭ مۇقاۋىسى قاتارلىق بىر قانچە رەسىم ئەسىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن،«ئانا مېھرى»ناملىق ھېكايىسى 11-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن، بىرقانچە پارچە ئەسىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.
پىروزىنىڭ ھېكايە، پوۋىست، رومان تۈرلىرىدە توختىماي قەلەم تەۋرەتكەن، بۇ ھارماس تۇلپارنىڭ « قامغاق»، « قەبرە بېشىدىكى چۈش»، « دانۇر تاغا»، « قاچقۇن» قاتارلىق نادىر پوۋېستلىرىنى، « مېھرى گىيا»، « لېيىغان بۇلاق»، ،«ناتىۋانلار»،«كۆمۈرچى بالا»،«تەكلىماكان ئوغلى»،«ھايات قىسمىتى»،«ئەقىللىق قىز»، «كونا قاپقان »، « ئامەت ۋە ئاپەت»، « ئالماس ئارتىشى» قاتارلىق رومانلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، يازغۇچىنىڭ ھېكايە قۇراشتۇرۇش، ئوبراز يارىتىش، تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە ياراتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
بولۇپمۇ، يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىمىزدا ھازىرغىچىلىك ئۈچ تومدىن ئېشىپ كەتكەن رومانلارنىڭ تۇنجىسى ھېسابلىنىدىغان 6 توملۇق « لېيىغان بۇلاق» رومانىدىكى ھېكمەت، كامىل، گۈلزىبالارنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت ئاشۇ قىزىل تېرورلۇق ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر،يۈرەك تارلىرىمىزنى چېكىپ، كۆزلىرىمىزدىن ئىختىيارسىز ياش ئاققۇزىدۇ. ئەنە شۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىدا قايتا تەكرارلانىۋاتقان، مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا جالالىدىن بەھرامدەك پىشقەدەم بىر يازغۇچىنىڭ ئارىمىزدىن كېتىپ قېلىشى بىز ئۈچۈن ئېغىر مۇسىبەتتۇر.
