دەۋر ژورنىلى:«خىتتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئامېرىكا ئۈچۈن خىرىس» ئېلىپ كېلىدۇ
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، زور كۈچ بىلەن ئىجىرا قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتتاينىڭ كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىلاردىن بولماقتا. ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ژورناللاردىن «دەۋر» ژورنىلىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىندى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىزچىل تۈردە «قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ 21 – ئەسىردىكى يېڭىچە شەكلى» دەپ تەرىپلەۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش 65 دۆلەتكە ۋە پۈتكۈل يەر شارى نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىگە چېتىلىدىكەن. ناۋادا بۇ قۇرۇلۇش مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلسا، ئۇ ھالدا خىتتاي مۇشۇ ئارقىلىق دەماللىققا باش كۆتۈرۈۋېلىش، ئوتتۇراھال بىر مەزگىلدە بۇ تەۋەلىكتىكى بايلىقلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ تاۋارلىرىنى ساتىدىغان دۇنياۋى بازارلارنى كۆپلەپ ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى رولىغا بىر زور خىرىس پەيدا بولىدىكەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ كۆزلەنگەن ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. تېخى يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىمماتتىس خىتتاينى ئەيىبلەپ، «دۇنيادا بەلباغ ۋە يوللار بەكمۇ كۆپ. ئەمما ھېچكىم ئۆزىنى مەلۇم بەلباغ ياكى يولغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى دەۋالماسلىقى لازىم» دېگەن ئىدى.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەردىن بولغان شەرقىي تۈركىستان، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. مۇخبىر بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگەندە، قورغاستىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ خىتتاي مەسئۇللىرىدىن بىرى «ھازىر قورغاسنىڭ ئاستى لاي بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يەر ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ» دېگەن. ئۇ، بۇ قۇرۇلۇشتا مەزكۈر رايون بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى