دىنىم ئىسلام، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان، مىللىتىم ئۇيغۇر،
دۈشمىنىم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى
ئىقبال
مىللىتىم ئۇيغۇر مېنىڭ، مەن ئەسلى تۈرك نەسلىدىن،
مۇسۇلماننىڭ ئەۋلادىمەن، كۈلگەن ئىسلام پەسلىدىن.
ئانا ۋەتەن تۈركىستانىم جاھاندا بىر گۈلىستانىم،
تىلىم، دىنىم ،ۋەتىنىمنى سۆيگەن يۈرەك قەسرىدىن.
مىللىتىم ئۇيغۇر مېنىڭ، ئۇيغۇرلۇقۇم ھەم قىسمىتىم،
دىنىم ئىسلام، شەرەپ تاجىم ھاياتلىقتا قىممىتىم.
كىندىك قىنىم تامغان ۋەتەن، ئىشقىدا يانغان ۋەتەن،
مىللەت ۋە دىن، ۋەتىنىمسز مەن جاھاندا كىم ئىدىم.
مىللىتىم ئۇيغۇر مېنىڭ، تىلىم ئىقراردۇر بەرھەق دەپ،
پاك دىنىم ئىسلام مېنىڭ، دىلىم ئىقراردۇر بەرھەق دەپ.
تىلىمغا يولداش خەلقىم، دىنىمغا ھەم سىرداش خەلقىم،
ئەزىز ۋەتەن تۇپرىقىدا كەلگەن يىللاردۇر كۆكلەپ.
مىللىتىم ئۇيغۇر مېنىڭ، ياراتقاننىڭ ھېكمىتى بۇ،
پاك دىنىم ئىسلام مېنىڭ ياراتقاننىڭ نىئىمىتى بۇ.
ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندۇر، ياراتقاننىڭ ئىززىتى بۇ،
ئۇيغۇرلۇق ۋە مۇسۇلمانلىق پىقىر قۇلنىڭ رىزىقى ئۇ.
دۈشمنىم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مېنىڭ ،
ئۇنى قوغلاپ چىقارماق، ئەبەدىلىك نىشانىم مېنىڭ.