دۇنيا، كۆرۈپ قويدۇق ئادالىتىڭنى
سەھەر
2018 – يىلىنىڭ يېڭى يىل كېچىسى، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىق كېچىسى ئەمەس، بەلكى ماتەم كېچىسى بولدى.
چۈنكى، دۇنيا ئاللىقاچان ئېنتىرنېت ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگەنلىگى بىلەن، جۇغراپىيە جەھەتتىن ئىنتايىن يېقىن بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارغانچە ئۇزاق، مېھىرسىز ۋە سوغۇق تۇيۇلماقتا ئىدى.
چۈنكى چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ۋەتەندىكى ئائىلە – تاۋاباتلىرى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە دوست – يارەنلىرى بىلەن ئاللىقاچان تېلىفون ۋە باشقا ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆرۈشىشى مەنئى قىلىنغان ئىدى. ئەمما دۇنيا ئادالىتى بۇنىڭغا سۈكۈتتە. چۈنكى سۈكۈتنىڭ ئاستىغا نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلەر كۆمۈلگەن.
يېڭى يىل كېچىسى. whatsup تىكى بىر دوستۇمدىن، تۈركچە ئېيتىلغان Newyorkدېگەن ناخشىنى يېڭى يىللىق سوغا سۈپىتىدە تاپشۇرۇپ ئالدىم. دوستۇم يېڭى يىللىق تىلىگىدە، Newyork تا ھەممە نەرسە بار ئەمما، ئىستانبۇل يوق دېگەن يەرنى، Newyork تا ھەممە نەرسە بار ئەمما، ئۈرۈمچى يوق دەپ تەقلىد قىلىپ ئاڭلىشىمنى ئۆتۈنگەن ئىدى. مەن دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە تەقلىد قىلىپ، بۇ مۇڭلۇق ناخشىنى ئاڭلاپ چىقتىم. ئەمما بۇ ناخشا يەنىلا مېنىڭ قەلبىمدىكى دۇنيالارغا پاتقۇسىز ئاچچىق ئەلەمنى يېنىكلىتەلمىدى.
تېخى 2016 – يىلىلا، يەنى بىر يىل بۇرۇنلا، بۈگۈنكىگە قارىغاندا خېلىلا بەختلىك ئىكەنلىگىمنى ھېس قىلدىم. ئۇ چاغدا ئۈندىدار دېگەن بىر نەرسە بار ئىدى.
ئەتتىگەندە كۆزۈمنى ئېچىپ ئويغۇنۇپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم، ئاشۇ مەشھۇر ئۈندىدارنى تەكشۈرۈش بولاتتى. ۋەتەندىكى دوستلۇرۇم، ئۇرۇق – تۇققانلىرىمدىن نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالاتتىم. ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى، ياخشى تىلەكلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆزۈمنى بەك بەختلىك دېيەلمىسەممۇ ئەمما، ئەمدى ئويلىسام بەكمۇ بەختسىز ئەمەسكەنمەن.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇنلىغان دوستلۇرۇم ۋەتەنگە بېرىپ كېلىپ، ۋەتەندىن ھەدىيەلەر، سالام – سائەتلەر ۋە قىززىق پاراڭلار ئېلىپ كېلەتتى. ۋەتەندىكى يېڭى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم. ۋەتەندىن كەلگەن ئۈنئالغۇ ۋە سىن ئالغۇ شۇنداقلا رەسىملەرنى، بۇ رەسىملەر ئىچىدىكى تونۇش بىلىشلەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى. ۋەتەنگە بارىدىغان دوستلۇرۇم يەنە مېنىڭ ۋەتەندىكى دوستلۇرۇمغا ئەۋەتكەن سوۋغا سالاملىرىمنىمۇ ئالغاچ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ سوۋغا سالاملىرىنى ماڭا ئالغاچ كېلەتتى. بۇ يىل ئۇنداق ئىشلار يوق. ماڭىلا يوق ئەمەس بەلكى چەت ئەلدىكى ھەممە ئۇيغۇرغا يوق. زالىملارنىڭ بىر ۋەھىمىسى بار، ئۇيغۇرلارغا بۇنىمۇ ئارتۇق كۆرگىنىگە قارىغاندا.
2018 – يىلىنىڭ كىرىش كېچىسى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر ئىنتايىن خۇشال، پەقەت ئۇيغۇردىن باشقا. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان، خىتتايدىكى تەربىيەلەش لاگىرلىرىدا. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم ياكى غايىپ بولۇش. لاگىرنىڭ سىرتىدا قالغانلىرى مەجبۇرى تېڭىلغان خىتتاي قوشماق تۇققانلىرى بىلەن، لەڭمەن سوزۇۋاتىدۇ، كاۋا توغراۋاتىدۇ ۋە ياكى تۈگۈر تۈگۈۋاتىدۇ. ئەمما دۇنيا ئادالىتى بۇنىڭغا سۈكۈتتە. چۈنكى سۈكۈتنىڭ ئاستىغا مەنپەئەتلەر كۆمۈلگەن.
مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ كۆڭۈلسىز بولغان بۇ يېڭى يىل كېچىسىدە، بۇندىن بىر يىل ئاۋۋالقى ئۈندىدارىمنى تەكشۈرۈپ باقتىم. بىر قانچە توپتىكى ھەممە دوستلىرىم چىقىپ كېتىپتۇ. يالغۇز مەنلا قاپتىمەن.
– ئۈندىدارمىش، ۋاي سېنىڭ ئىسىملىرىڭدىن ئۆرگىلەي – دېدىم مەن ئۆز – ئۆزۈمگە پىچىرلاپ.
دىققىتىم دۇنيا ئادالىتى ئۈچۈن كانايلىرى يىرتىلغىدەك ۋاقىراۋاتقانلارغا مەركەزلەشتى.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئادالەت تارازىسىدا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى.
داۋۇستا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن ‘one minut, one minut’دەپ ياقا يىرتقانلارنىڭ، ئۇيغۇرنىڭ ئادالىتىگە كەلگەندە سۈكۈت قىلغانلىقىنى كۆردۇق.
«ئاللاھنىڭ ئالدىدا سەجدىگە ئېگىلگەندىن باشقا، ھېچقانداق بىر زالىم كۈچنىڭ ئالدىدا ئېگىلمەيمىز» دېگەنلەرنى كۆردۇق.
«بىرلىرىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن، قېرىنداشلىق ھوقۇقىمىزنىڭ زېدىلىنىشىگە ھەرگىز رۇخسەت قىلمايمىز» دېگەنلەرنى كۆردۇق.
كانايلىرى يىرتىلغىچە دۇنياغا ۋاقىراپ: «سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بىزگە نېمە دەيدۇ؟ مۇسۇلمان، مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان – مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلماس، مۇسۇلمان – مۇسۇلماننىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتتە ئۇنى تەرك ئەتمەس، ئۇنى زالىملارنىڭ زۇلۇمىغا تاشلاپ بەرمەس، مۇسۇلمان دىنى قېرىندىشىغا ياردەم قىلغان مۇددەت ئىچىدە، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ» دېگەنلەرنى كۆردۇق.
سۈرىيەدىن – ئىراققا، لىبىيەدىن – مىسىرغا، يەمەندىن – سىپرۇزغا قەدەر، مۇسۇلمانلىق دۇنياسىنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن نۇتۇقلار سۆزلىگەنلەرنى كۆردۇق.
«ھەق – ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلغان دىنسىز شەيتاندۇر» دەپ چوڭ گەپ قىلغانلارنى كۆردۇق.
«بىر تامچە نېفىتنى، بىر تامچە قاندىن بەكرەك ئەۋزەل كۆرگەن بىچارىلەر، بايلىق مەنبەلىرىمىزنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش ئۈچۈن بىزنى بىر – بىرىمىزگە دۈشمەن قىلىپ قويۇۋاتىدۇ» دېگەنلەرنىمۇ كۆردۇق.
ھەر فىرئەۋىنگە قارشى بىر مۇسانىڭ ھامان چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلەرنىڭ ئادالىتىنى كۆردۇق.
«قان ھىدى ئالغان لەھەڭدىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك بولغىنى، نېفىت ھىدى ئالغان ئىمپېرىيالىستلاردۇر» دېگەنلەرنىمۇ كۆردۇق.
«كېلەچەك ئافرىقا قىتئەسىنىڭ بولغۇسى. مەزلۇمنىڭ ئاھى ھەرگىز يەردە قالمايدۇ» دېگەنلەرنىمۇ كۆردۇق.
مۇسۇلمان ئالىمىدە، تۈركلۈك ئالىمىدە، گۈلدۈراس ئالقىشلار چېلىنىپ، يۇقۇرىدىكى نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن كىشىگە، « ھەق – ئادالەتنىڭ پېشۋاسى، 21 – ئەسىرنىڭ خەلىپىسى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ داۋامى، ئەگەر ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن يەنە بىر پەيغەمبەر كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن بولسا، ئۇ پەيغەمبەر مۇشۇ كىشى بولغان بولاتتى» دەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇيغۇر جەسەتلىرى بىلەن تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئاستىدىن قان تامچىپ تۇرغان، زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈستىنى دەسسەپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرۇپ، ساختا ئادالەت غەۋغاسى قىلماقتا.
ئاللا ھەممىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ بۈيۈكتۇر.
مەن يۇقۇرىدىكى ” ئادالەت جارچىلىرى” نىڭ خىتتايدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ زور زالىمنى چەتتە قالدۇرۇپ، يەھۇدى ۋە ئامېرىكا زالىملىرىغا قارىتا ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرمەكچىمەن. ھەمدە تۈركچە پېتى، تەرجىمە قىلماستىنئ؛
” ئالما مەزلۇم ئاھىنى، چىكار ئاھىستا ئاھىستا”
دېمەككى، ئۇيغۇرنىڭ ئاللاھدىن باشقا ھېچنەرسىسى يوق.
2009 – يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە، ” قىرغىنچىلىق ” دېگەن كەلىمىنى ئىشلىتىپ قويغان دۆلىتى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۆنتىگىگە، خىتتايدىن دوللارنىڭ قانداق ئاققانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ يەنە مۇسۇلمانلىق ھەققىدە جار سالغان كالپۇكلىرىنىڭ، مۇسۇلمانلىق ئەڭ ئەشەددى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، روزا تۇتۇش، ياغلىق ئارتىش، مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇش چەكلەنگەن، قۇرئان كەرىم ۋە جەينىمازلار يىغىۋېلىنىۋاتقان، خىتتايدەك بۇ زالىمنىڭ قارشىسىدا، قانداق سۆزلىيەلمەس ھالغا كەلگەنلىگىنى كۆردۇق.
مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۆلەتلىرىدە ئىشلىرىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تار رامكا ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق.
ئاھ…..ساختا ئادالەتپەرۋەرلەر، ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئاللاھنىڭ قارشىسىغا قانداقمۇ چىقارسىلەر. بىر يول بىر بەلباغ دەيدىغان خىتتاي شىرىن چۈشىگە يەنىمۇ شىرىنلىك قاتماقچى بولغان، بۇ يول بېسىپ ئۆتىدىغان جايلاردىكى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئادالىتىنى كۆردۇق. مەيلى خىتتاي – پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى بولسۇن، مەيلى قورغاس – قازاقىستان قۇرۇقلۇق بازىسى بولسۇن، خىتتاينىڭ دۇنياغا تۇتىشىدىغان بۇ كاتتا يىپەك يولى تۈرىدىكى ھەر بىر تاشيول، تۆمۈر يول، كۆۋرۈك ۋە بازىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن چىلىشىپ تۇرماقتا. دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن داڭلىق خىتتاي يازغۇچىسى لۇشۈن ئەپەندىنىڭ ” قانغا چىلانغان جىڭموما” ناملىق ھېكايىسىنى خاتىرىلەتمەكچىمەن. مەيلى قەشقەردىن باشلىنىپ، پاكىستاننىڭ گۇئادا پورتى ئارقىلىق ھىندى ئوكيان، ئاق دېڭىز، قارا دېڭىز بىلەن ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان يول بولسۇن ۋە ياكى، غۇلجا قورغاستىن باشلىنىپ، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، ئەرمەنىستان، بۇلغارىستان، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان يول بولسۇن، ئوخشاشلا لۇشۈن ئەپەندىنىڭ ھېكايىسىدىكىدەك ” قانغا چىلانغان جىڭموما “دىن ئىبارەت. يەنى ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا چىلانغان جىڭموما.
شۇڭا بۇ يولدا خىتتاي بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ شىرىن چۈشلەرنى كۆرۈۋاتقان تۈركىي قېرىنداشلىرىمغا “ بىر كۈنى ئۇيغۇرنىڭ ئاھى سىلەرنى تۇتۇپ قالمىسۇن” دەپ ئەسكەرتمەكچىمەن.
ئەي 2017 – يىلى سەندە يەنە نېمىلەرنى كۆردۇق.
يېقىندا يازغان سوبىبوردىن قېچىش ۋە ئۇيغۇرلار ناملىق ماقالەمدە، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئۆلۈم لاگىرلىرىنىڭ بىرى بولغان سوبىبور تۈرمىسى ھەققىدە توختالغان ۋە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى شەرقىي تۇركىستاننى ئەنە شۇ سوبىبورغا ئوخشاتقان ئىدىم. سوبىبوردىن قېچىش ناملىق فىلىمدە، بۇ تۈرمىدىكى يەھۇدىلار سوبىبوردىن قېچىشنىڭ قانچىلىك تەسلىگىنى بىلسىمۇ ئەمما، يەنىلا قېچىشنى پىلانلايدۇ. دەل قېچىش كۈنى يېتىپ كېلىپ، ھەممە كىشى قېچىشقا باشلىغاندا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قاچماي جىم تۇرۇۋالىدۇ. ئەمما ناتسىستلار ئەڭ ئاۋال قاچمىغان بۇ يەھۇدىلارنى ئېتىپ تاشلايدۇ. مەن ئارىمىزدىكى زالىمدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى كۆردۈم.
تۆگە قۇشى ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. تۆگە قۇشى قۇمنىڭ ئاستىغا بېشىنى تىقىۋېلىپ، سىرتتا بولغان ئەھۋاللارنى كۆرمەسكە سېلىپ ياشايدۇ.
ئىنسان قىممىتىنىڭ، نۇرغۇنلىغان ئالى دەرىجىلىك دىپلوملارنى قۇچاغلاپ يېتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مىللىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش، ھەق – ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش ئەمەس، بەلكى چۇقان سېلىش ئىكەنلىگىنى كۆردۇق.
يەنە نۇرغۇنلىغان ” دەستىرخان چىۋىنلىرى ” ئۇيغۇرلارنى كۆردۇق. ئۇلار بۇ دەستىرخان يىغىلسا غاژژىدە يەنە بىر دەستىرخانغا ئۇچۇپ باراتتى. ئۇلاردا ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلۇنۇش دېگەننى كۆرۈش ناھايىتى قىيىن.
مەن بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ ماقالىدە تارىختا تۈركلەر تاجاۋۇز قىلىپ ياۋروپانىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ «پەرىشتە ئايالمۇ ياكى ئەرمۇ؟ » دېگەن مۇنازىرىنى قىلىپ يۈرگەنلىكى يېزىلغان ئىدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مىللىتى ھايات – مامات مۇجادىلىسى بېرىۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە « يېڭى يىل ھارام، نورۇز ھارام »دېگەندەك گەپ – سۆزلەرنى قىلىپ ئىختىلاپ قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ساۋاپلىق ئىش قىلىش يوللىرىنى، ” قارا چۈمبەل كىيدى – كىيمىدى “دەپ تالاش – تارتىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.
ۋەتەندە «ئۇلۇق جۈمەرىڭىز مۇبارەك بولسۇن» دېگەن بىر ئېغىز گەپ ئۈچۈن 5 يىللىق كېسىلىۋاتىدۇ. چەت ئەلدە «يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن بىر ئېغىز گەپ ئۈچۈن ئۆز دىنى قېرىندىشىنى “ كاپىرلىق” بىلەن جازالىماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ۋاي توۋۋا! بۈگۈن ئىزمىر، ئەنقەرە، ئاستانىلەرنىڭ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ئېغىزلىرى قۇلاقلىرىغا يېتىپ كېتىپتۇ، «قەدىمى يىپەك يولى قايتىدىن ئېچىلىدىغان بولدى» دەپ. ئەمما «قەدىمى يىپەك يولىنىڭ ھەقدار ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار نەدە؟ ھالىڭ نىچۈك» دەيدىغان ئادەم يوق.
ئۇيغۇر خەلقىدە تۈركلەردىكى “ئالما مەزلۇم ئاھىنى، چىكار ئاھىستا – ئاھىستا” دېگەن ماقال تەمسىلگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنداق بىر قوشاق بار،
“ ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى، كوز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى”.
يەنە نېمىلەرنى كوردۈم 2017 – يىلىدا.
ئەڭ قىززىق كورگەنلىرىمنىڭ بىرى شۇ بولدىكى، ئادالەت ھەققىدە چوڭ گەپ قىلىپ، دۇنياغا جار سېلىۋاتقانلارنى “ساختىكار” دېگەن ۋاقتىمدا، كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ماڭا قارشى چىقتى. ئۇلارنىڭ “ئادالەت پەلسەپىسى” مۇنداق ئىكەن. ئۇيغۇرلار، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە گۈللىنىپ مەلۇم سەۋىيەگە يېتىۋېلىشى ئۈچۈن، مەشھۇر بىر يول بىر بەلباغدا، ئۇزۇن سوزۇلۇپ سۈكۈت قىلىپ يېتىپ بېرىشى، بۇ يولدىن ئۆتىدىغان تۆمۇر يوللار، كۆۋرۈكلەر، قىسقىسى ئۆتۈشكە تېگىشلىك نېمە بولسا ئۇيغۇرنىڭ ئۈستىدىن دەسسەپ چەيلەپ ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. قان تەپچىگەن بۇ يولدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدە قۇربانلىق بېرىشلىرى كېرەك ئىكەن. ئادالەتنىڭ ئۆچىرىتى بارمىش، ئۇيغۇرلار بۇ ئۆچىرەت كەلگىچە ساقلىشى ۋە ئۆز قانلىرىنى قېرىنداشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆكۈشى لازىممىش.
مەن يەنە مۇنداق بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. سىتالىن ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بىر ياشنىڭ ئۆلۈم مەيدانىغا ” ياشىسۇن سىتالىن ” دەپ شۇئار توۋلىغانچە بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەلۇم مەنىدىن مۇشۇ ياشقا ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز.
مەن تۈركىيەدە تۇرغان چاغلىرىمدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن، «تۈرك دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم ۋە ھەيران بولغان ئىدىم. ئىگەللىشىمچە، بۇ سۆز مەرھۇم لىدىرىمىز ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىندىن مىراس قالغان سۆز ئىكەن.
تۈرك ئېيتۇر، تۈركنىڭ تۈركتىن باشقا دوستى يوق دەپ.
ئۇيغۇر ئېيتۇر ئۇيغۇرنىڭ ئاللاھدىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوق دەپ.
ئويلۇنۇپ قالدىم. تۈرك دۇنياسى ئادالىتىنىڭ ئۆچىرىتى قاچانكى ئۇيغۇرلار، «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» دېگەن ئىدىيە بىرلىكىگە كەلگەن چاغدىلا، ئۇيغۇرغا كېلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇيغۇر تۈركنىڭ قولىدىكى بىر ئويۇنچۇق خالاس.
ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە، «ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» دېيىشنى ئۆگەنمەيدىكەن، ئۇيغۇرلار ھامان يېڭى يىپەك يولىدىكى ” قانغا چىلانغان جىڭموما “، ” قانغا چىلانغان تۆمۈر يول “بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
ئۇنداقتا، 2018 – يىلى قانداق بولار؟ دۇنيا سىياسى سەھنىسىنىڭ ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە دەسسىلىپ چەيلىنەرمۇ؟ ئەگەر ئادالەت ئۇيغۇرلارنىڭ بوسۇغىسىغا كەلمىگەن ئىكەن ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ئادالەتنى ئوزلىرى يارىتىشى كېرەك. بۇ تۆگە قۇشى ئۇيغۇرلار، دەستىرخان چىۋىنلىرى ئۇيغۇرلار، ھالال – ھارامنى مىكروسكوپتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ پەقەت يېڭى، جاسارەتلىك، چۇقان – سۈرەنلىك، ھەق – ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىش جىنايەت دەپ بىلگەن يېڭى روھتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.