ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان خىتتاينىڭ ئاياق ئاستىدا قالغىلى 68 يىل بولدى ،ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇل ۋە مانجۇلارنىڭ ئاياق ئاستىدا ئېزىلدى، بۇ نەچچە يۈز يىللىق تارىخ بىزگە شۇنداق بىر سوئالنى قويىدۇ. “بىز شۇنچە ئاجىزمۇ ؟دۈشمەن شۇ قەدەر كۈچلۈكمۇ ؟بىز ئاغرىنغۇچىلار ۋايساۋاتقاندەك شۇ قەدەر ناچار مىللەتمۇ ؟”
مېنىڭ جاۋابىم “ياق !”. دۈشمەن ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئەمەس، بىراق شۇ قەدەر زالىم؛ بىز ئۇ قەدەر ئاجىز ئەمەس، بىراق شۇ قەدەر ئىسكەنجىگە چۈشۈپ قالدۇق. شىرنىڭمۇ پۇتىدىكى قاپقاننى ئۆزى بوشىتىپ چىقالمايدىغان ۋاقتى بولىدۇ. سىزنىڭچە، بۇ شىرنىڭ بىر ئاجىز ھايۋانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ؟ شىر ئاجىز ئەمەس ئىدى، ئادەملەر رەزىل چىقىپ قالدى. دېمەك، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ، نېمىشقا سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان باشقا مىللەت بۇ خىل تەڭسىزلىك، كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ – يۇ، نېمىشقا سىزلا ئۇچرايسىز ؟ ئۇيغۇر زادى قالاق، پىتنىخور، ناچار مىللەتمۇ ؟
يەھۇدىيلار ناچارلىقى تۈپەيلىدىن قىرغىن قىلىنغان، جان ھەلقۇمغا كەلگەندە قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپتى ھەم قۇتۇلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بىر مىللەت قۇتۇلالىدى – يۇ، بىز نېمىشقا قۇتۇلالمايمىز، دەپمۇ ۋايسايمىز. يەھۇدىلار تۇتقان يول بىرلىشىش يولى، بىرلەشكەن ئاساستا ھەر بىر يەھۇدى ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىكىنى ئۆزى قىلىش يولى ئىدى. بۇ يول ئۇلارنى قۇتۇلدۇردى. ھەممە ئادەم ئۆزىنى تۈزىگەندە، تەلەپنى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە قويغاندا جەمئىيەت، مىللەت ئۆزلىگىدىن تۈزۈلىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا دۈشمەن شۇنچە كۈچلۈكمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس. ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولىدۇ، بەدەننىڭ ئاجىزلىقى بوغۇمدا، روھنىڭ ئاجىزلىقى ئۈمىدسىزلىكتە بولىدۇ . دۈشمەن بىزنىڭ ئورتاق ئاجىزلىقىمىزدىن پايدىلىنىشنى بىلىۋالدى. ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇنى پسسىخولوگلار يوشۇرۇن ئاڭ دەپ ئاتايدۇ. جان ھەلقۇمگە كەلگەندە، ئەجەل توشمىغانلا بولسا سىزنى شۇ يوشۇرۇن ئاڭ ياشاش ئىمكانىيىتىگە باشلاپ ئاپىرىدۇ. مەسىلەن: يۈز گىرام گۆشنى بېلىڭىزگە تېڭىپ قويۇپ، بۆرە ئىت بىلەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشسىڭىز ئىت ئەمەس، سىز يېڭىسىز. ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ناۋادا بۆرە ئىت قوغلاپ قالسا ئۈچ مېتىر ئىگىزلىكتىكى تامدىنمۇ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كېتەلەيسىز. ھەتتا، ئۆزىڭىزمۇ قانداق چىققىنىڭىزغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇ ھەقىقەتەن راست. مانا بۇ ئادەمنىڭ ياشاش ئىستىكىنىڭ ئىنساننىڭ روھىيىتىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . ئىنساندا مۆجىزە يارىتىدىغىنى ئەقىل بولماستىن، ئىشەنچتۇر. ئەقىل سىزنى ياشاشتا ياخشىلىقلارغا باشلىسا، ئىشەنچ مۆجىزىگە باشلايدۇ. ئېڭىڭىز تەستىقلىغاننى ئەقىل ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قارار تاپقۇزىدۇ. سىزدە ئىشەنچ بولمىسا ئەقىل ئىشلىمەيدۇ.
بىز بۆرىنى تۇتېم قىلغان مىللەت، بۆرىنىڭ خاراكتىرى ئاتا بوۋىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان، يەنى قېنىمىزدا بار. بۇ خۇسۇسىيىتىمىزنى دۈشمەن بىلگەچكە پۇتىمىزغا كۈچىمىز يەتمىگىدەك قىسماقنى قىسىپ قويۇپ جېنىمىزنى قىيناۋاتىدۇ، بىرىمىزنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ بۇ راست، بىراق بۆرە توپى ھەرىكەتكە ئۆتكەندە قىسماقتىن بوشانغىلى بولىدۇ، “بىز چېچىلاڭغۇ ئەمەس، ئۇيۇشقاق دەپ نامىمىز چىققان، ھازىر نېمىشقا بۇنى كۆرەلمەيمىز” دېيىشىڭىز مۇمكىن، كۆزىمىز يورۇقلۇقنى كۆرەلمەي ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە پۇتلىشىپ يۈرگەچكە ئىشەنچ ئاجىزلىدى، روھىيىتىمىزنى نادانلىقتىن ئىبارەت بىر نىجىس ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى، بۇنىڭمۇ قۇتۇلۇش ئامالى بار. نۇر ئىلىمدىن كېلىدۇ. ئەۋلادىمىزنى ئالىم بوسۇن دېسەك ئۆزىمىز ئالىمنى يېتەكلىيەلەيدىغان ئۆلىما بولىشىمىز كېرەك. ئالىم بىر كۈندە يېتىشىپ چىقمايدۇ، بىزنىڭ بىر ئۆمرىمىز ئاران بىر ئالىمنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇڭا تۇرمۇشىمىزدىكى ئىنچىكە ھالقىلاردىن تارتىپ ئۆزىمىزنى تۈزىسەك، شۇ يورۇقلۇقنى بىز كۆرسەك بىز يېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئەۋلادىمىز بىزنىڭ ئىزىمىزنى، بىز كۆرسەتكەن يولنى بويلاپ مېڭىپ يورۇقلۇققا چىقالايدۇ.
دۈشمەن كۈچلۈك ئەمەس پۇتىمىزدىكى قاپقان كۈچلۈك. ئىنسان بۆرە بىلەن ئېلىشقاندا قۇرالغا تايانمىسا بۆرىنى يېڭەلمەيدۇ، بۇنى ئۇنۇتماڭ. خەقنىڭ سىزگە ئىشلىتىۋاتقىنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئەمەس بەلكى قولىدىكى قۇرالى، دۈشمەننىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى جىق بولغاچقا سىزنىڭ پايدىلىنىش ئىمكانىڭىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن بارلىق قۇراللىرىنى ئىشقا سېلىپ رەھىمسىز ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى قورقماي ئېلان قىلالىدى. ئۆز ماھىيىتىنى يوشۇرالمىغاندا ئەسلى يۈزىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىدۇ. دۈشمەندە ھېيلە مىكىردىن، زوراۋانلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بىزدە بىر بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچ، ئەڭ موھىمى ئاللاھنىڭ بىزنى بۇ زۇلۇمدىن قۇتقۇزىشىغا بولغان ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت بولۇشى كېرەك. قوغدىنىش كارغا كەلمىگەندە ئەڭ ياخشى قوغدىنىش ھۇجۇمغا ئۆتۈش، ھازىرقى موھىت ئۆزىمىزنى تۈزەپ سەپ راسلاشقا كەلدى. قۇچاقلاشما جەڭدە ھەر خىل سەپ تۈزەش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۈشمەننى سەپتىن چىقارماي تولۇق ھالاك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ بىرى جەڭ. توققۇز رەڭنى جايىدا بېرەلىسەك ئاخىرقى بىر جەڭدە غەلىبە قىلالايمىز.
شۇڭا بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز ھەم بىردىنبىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ئۆزىمىزنى تۈزەپ، قەددىمىزنى رۇسلاپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئاخىرقى جەڭ ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈش. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس ھازىرلىقى بارلارغا مەنسۇپ.
دۈشمەن ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولغان بولسا ئۆزىنىڭ ھەقىقى يۈزىنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئاشكارىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىشكە كۈچەۋاتقىنىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىپ كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە قورقۇش سىزنى قۇربان قىلدۇرىدۇ، بۇنى ئۇنۇتماڭ. باتۇرلۇق بولغاندىلا ئاخىرقى نۇقتىغا يەتكىلى بولىدۇ.
شاھزادىدىن ئۆز سالاھىيىتى يوشۇرۇپ قالغاندا، ئۇ ئۆزىنى خان بولۇشقا لايىق ئىنسان دەپ ئويلىمايدۇ. بىراق سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغاندا ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئىنسانغا ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنىڭغا تونۇتۇش. بىز يوشۇرۇپ قويۇلغان سالاھىيىتىمىزنى قېزىپ چىقىپ، تارىخىمىزنى ھەر بىرىمىز ياخشى ئۈگىنىشىمىز كېرەك. مېنى “مىللەتچى” دېمەڭ. ئۆز نەسەبىنى بىلمىگەن كىشى ئۆزىنى چۈشەنمىگەن كىشىدۇر، ئاللاھ بىزگە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ رەسۇلۇللاھقىچە نەسەپنى ئېنىق بىلدۈردى، بۇ نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇ ئېنىق دەلىلدۇر. ھەر ئىنسان ئۆز نەسەبىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. بىز ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ بىر پارچىسى. بىر ئادەم ئاتا – ئانىسىغا بالا، بالىسىغا دادا، ئايالىغا ئەر بولىدۇ. بۇ ئۈچ سالاھىيەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇق كېلەمدۇ؟ سىز بىر ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ئۈچ سالاھىيەتنىڭ بىرەرىنى تاشلىۋېتىشنى خالامسىز؟ بۇ سالاھىيەتلەر بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۈت بوپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سىزگە ھېچبىر راھەتسىزلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭ بىر ئۈممەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولىشىڭىز ئۈممەتتىن ۋاز كېچىپ مىللەتكە، مىللەتتىن ۋاز كېچىپ ئۈممەتكە تەۋەلىك بىلدۈرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئەسلا ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر نەسەپنى تەرك ئېتىشنى دىنىمىز توغرا تاپسا ئىدى، بېقىۋېلىنغان بالىنىڭ نەسەبىنى ئۆزگەرتىۋېتىش چەكلەنمەيتتى.
ھەر بىرىمىز بۇ ئۈممەت، بۇ مىللەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشالايمىز، ۋەتەن دەۋاسى ھەممىمىزنىڭ دەۋاسى. ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارغاندا غەلىبە بىزگە تېخىمۇ تېز يېقىنلىشىدۇ. ئاللاھ بىزگە نۇسرەت بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، بىز تىرىشىمىز، ئاللاھ نەتىجىسىنى بېرىدۇ. زالىملار ئىككىلا دۇنيادا ئۆز كۆرگۈلكىنى كۆرىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت. چىن قەلبىمىزدىن چىقىرىپ قىلغان تۆبىمىز، ئاللاھتىن تىلىگەن تىلەكلىرىمىز جاۋابسىز قالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئادىللىقىنى، ئاللاھنىڭ مېھرىبان ئەپۇ قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك .
نۇرانىيە قەشقىرى
2017 – يىل 16 – ئاپرىل ئىستانبۇل