ئاۇتورى: كۈرەش ئاتاخان
-ئۇيغۇر ئالىمى، ئەدىپ سۇلتان ماھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى
سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى 1937-يىلى قەشقەر شەھەرىدە، ئارتۇشلۇق مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى داۋۇت ماھمۇت ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا تاماملىغان. كىچىگىدىنلا ئىلىمخۇمار بولۇپ يىتىلگەن سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى 1952-يىلى ئۇيغۇرىستان ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1956-يىلى ئۇنىۋېرسىتىتنى غەلبىلىك تاماملاپ، ئۆزىنىڭ دەۋىرداشلىرىدىن ئالاھىيدە ئۈستۈن تۇرىدىغان قابىلىيىتى ۋە نەتجىللىرى سەۋەبى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتىتقا مۇەللىم قىلىپ تەخسىم قىلىنىپ 1982-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ھەييەت ئەزاسىلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەر بىلەن مەشغۇل بولغان.
سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى 1982-يىلى 17-ئاۋغۇستتا ئاىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرىستاندىن كۆچۈپ، تۈرۈكىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھەرىگە كېلىپ يېرلەشكەن. سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى 1983-يىلى تۈرۈكىيەدە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ جاپالىق ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە ئىشلەش نەتىجىسىدە 1990-يىلى دوتسەنت ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى بۇ جەرياندا يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ۋە خىزمەتتىكى پىداكارلىقىنىڭ نەتىجىسىدە 1996-يىلى پروفېسسورلۇق ئىنۋانىغا لايىق كۆرۈلگەن.
دوكتور، فروفەسسور سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى 1994-يىلى تراكىيە ئۇنىۋېرسىتىتى قەدىمكى تۈرۈك ئەدەبىياتى كافىدىراسىنىڭ مەسۇلى، 1997-يىلى قەدىمكى تۈرۈك تىلى كافىدىراسىنىڭ رىكتورى، 2000-يىلى 4-ئايدا پەن-ئەدەبىات فاكۇلتىتى تۈرۈك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەڭەن. سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە 1994-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە يەنە ئىستانبۇل ۋە تراكىيە ئۇنىۋېرسىتىتىلىرىدا ئالىي ئۇستاز (دوكتۇر ۋە ئاسپەرانت يەتەكچىسى)لىققا تەكلىپ قىلىنغان.
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى تونۇلغان بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە مىللەتنىڭ ھۈرلىكىنى ھەر زامان بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ كەلدى.ئۇنىڭغا بەزىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئىشلارىغا ئارلاشماڭ، تۈركىيەدىكى خالىغان بىر ئۇنىۋېرسىتىتقا رەكتور قىلىپ ئۆستۈرەيلى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىگە باشلىق قىلايلى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە پارلامەنت ئەزاسى قىلىپ ئەكىرەيلى دېگەندەك مۇھىم تەكلىپلەرنى بەرگەندە، سىياسىي كۈرەش يولۇم ماڭا ئەجداتلاردىن مىراس قالغان.ئەگەر كىمدە-كىم مېنى بۇ يولدىن توسىدىكەن، ئۇنداقتا مېنى ئۆزىنىڭ قارشىسىدا كۆرىدۇ…مەن ھەرقانداق نەرسىدىن ۋاز كەچسەم كېچىمەنكى ئاتا ۋاتان شەرقىتۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن ۋاز كەچمەيمەن، دەپ ئەýئىتقان ۋە ئاخىردا 2004-يىلى سېنتەبىردە ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى پارلامەنتىنىڭ رەيىسى بولۇپ سايلاندى.
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرىنىڭ مىللىي داۋايىمىزدا سىياسىي ۋە ئىدىولوگىيە جەھەتتىن يۇمشاق يول تۇتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىنمۇ ۋەزىپە ئالماي بىۋاستە ھۆكۈمەتتىن يەر ئېلىشى ئۇنىڭغا بولغان ھەر تەرەپتىن كېلىدىغان زەربىلەرنى قاتتىق كۈچەيتىۋەتكەن. پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ۋەزىيەت ھەرقانچە يامان بولسىمۇ پەرۋايى پەلەك ھالدا، شەرقىي تۈركىستانلىق ئالىملار، ئەدىپلەر ۋە سىيسىيونلارنى بىر سەپتە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا بولغان ئېغىر تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھۈر دۇنيادا جۈملىدىن تۈرۈكىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا سايىۋەن بولۇپ كەلدى.
سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى 13 يېشىدا ئىجادىيەت سېپىھە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 13 پارچە كىتابى، 300 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ۋە 1000 پارچىگە يېقىن ھەر خىل جانىردا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئالىم سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇيغۇرىستان، خىتاي، تۈرۈكىيە، ئامەرىكا، گېرمانىيە، بىلگىيە، رۇسسىيە ۋە ئۇكرايىنىيە قاتارلىق دەۋلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، سېمپوزىيوم ۋە كونفرانسىلارغا قاتنىشىپ، تۈرۈكلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرىستاننىڭ تارىخى، تىل-ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرىستاننىڭ دۇنياغا تونۇلىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
دوكتور، پروفەسسور سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندىنىڭ كىتابلىرى
1-يۈرەك ساداسى-ئۇيغۇرىستان ياشلار نەشرىياتى 1959-يىل نەشرى-ئۈرۈمچى.
2-ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى-ئۇيغۇرىستان ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى-1962-يىل نەشرى-ئۈرۈمچى.
3-يېزىقچىلىق بىلىملىرى-ئۇيغۇرىستان ئۇنىۋېرسىتىتى نەشرىياتى-1965-يىلى نەشرى-ئۈرۈمچى.
4-جەڭ ناخشىللىرى(شىېر ۋە داستانلار)-ئۇيغۇرىستان خەلىق نەشرىياتى-1977-يىل نەشرى-ئۈرۈمچى
5-قۇمۇل خەلىق قۇشاقلىرى- ئۇيغۇرىستان خەلىق نەشرىياتى-1981-يىل نەشرى –ئۈرۈمچى
6-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن تاللانمالار (خىتايچە)- خىتاي شاڭخەي ئەدەبىيات-سەننەت نەشرىياتى-1981-يىل نەشرى-ئۈرۈمچى
7-تولۇن ئاي(شىېر، باللادا ۋە داستانلار)-خىتاي مىللەتلەر نەشرىياتى-1982-يىلى نەشرى-پەكىن.
8-مودەرىن ئۇيغۇر تۈرۈكچىسى گىرامماتىكىسى(تۈرۈكچە)-ئۇرخۇن نەشرىياتى-1992-يىل نەشرى-ئىستانبۇل.
9-مودەرىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى(تۈرۈكچە)-تۈرۈكىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مېنىستىرلىكى نەشرىياتى-1998-يىل نەشرى-ئانقارا.
10-ئارمان(شىېر، باللادا ۋە داستانلار)-بايراق نەشرىياتى-1999-يىل نەشرى-ئىستانبۇل.
11-ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى ۋە تۈرۈك دۇنياسى(تۈرۈكچە)-چاقرىق نەشرىياتى-2004-يىل نەشرى-ئىستانبۇل.
12-شەرقىيتۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرشى ۋە كېلىچىگى-شەرقىتۈركىستان ۋەخپى نەشرىياتى-2005-يىل نەشرى-ئىستانبۇل.
13-سەلەي چاققان لەتىپىللىرى(تۈرۈكچە)-چاقرىق نەشرىياتى-2006-يىل نەشرى-ئىستانبۇل.
14-سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى شىەرلىرىدىن تاللانمىلار(تۈرۈكچە) تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان-ئىستانبۇل.
15-تەڭرىتاغ ساداسى -2008-يىلى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىرى-ئىستانبۇل.
16-شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۈرىيەت ۋە ئىستىقلال كۈرىشى-تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان-ئىستاندۇل.
دوكتور، پروفەسسور سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرى
ۋەتىنىمىز شەرقىتۈركىستان ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى
شەرقىتۈركىستانغا قارشى ئىشلەڭەن سۈيقەستلىك پىلانلار
ھەقىقەت ۋە يالغان
مىللىتىمىزنىڭ ئارزۇسى تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەپ ئىنساندەك ياشاش
شەرقىتۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى
ئۇيغۇر ئالىمى ماھمۇت قەشقىرىينىڭ كىشىلىگى ۋە تۈرۈكچىلىك ئىپتىخارى
بۈيۈك ئالىم ماھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسىگە زىيارەت
مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى
خىتاي ئاسارىتى ئاستىدىكى شەرقىتۈركىستان
شەرقىتۈركىستان ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىغا چوقۇم ئېرىشىدۇ
شەرقىتۈركىستان خەلقىنىڭ مۇنەۋەر پەرزەنتى ئابدۇلەزىز ماھسۇم ئەزىزى
ئابدۇلەزىز ماھسۇم ھەققىدە خاتىرىلەر
جاماەت ئەربابى، مىللەتپەرۋەر ئىنقىلاۋىي شاىېر ئىبراھىم تۇردى
خىتايلارنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ ۋەتىنىمىزدكى بالايى-ئاپىتى
تۇرپاندىن تېپىلغان مۇميالار ۋە تارىخىي ھەقىقەتلەر
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرۈك كۇلتۇرى تارىخىدىكى ئورنى ۋە رولى
تۈرۈك دەۋلەت ۋە خەلىقلىرى ئارىسىدكى سىياسىي، ئىجدىمايى ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورىست قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان سۈيقەستلىرىگە رەدەيە
قاراھانىيە ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ “قۇتاتقۇ بىلىگ” ناملىق شاھ ئەسىرى
خەلقارا تۈرۈكولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە تارىخىي تۈرۈك ۋەتىنى قىرىم ساياھىتى
ئىنقىلاۋىي رەھبىرىمىز ئاھماتجان قاسىمىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز
ئامېرىكىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە پارلامىنتى ھەققىدە
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇنەۋەر قەھرىمانى گېنىرال ماھمۇت مۇھىدى
شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى مىللىي مۇستەقىللىق
ۋەتەن ئازاتلىقى يولىدا كۈرەش قىلغانلار مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇل قىلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئوينالغان ئويۇنلار
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ كېلىچىگى
مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى
تراكىيە ئۇنىۋېرسىتىتى:1-ئەدىرنە كۇلتۇر تەرەققىياتلىرى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى….
(يوقارقى ماقالىلار پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرىنىڭ 2005-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن تۈركىيە-ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرشى ۋە ئۇنىڭ كېلىچىگى”ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.)
دوكتور، پروفەسسور سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە
مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاندا يېتىشكەن ئەدىپ سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى زۇلۇم ئاستىدا ئىڭىراۋاتقان ئەزىز ۋەتىنىدىن ئايرىلغان 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى بايلىق، ھوقۇق، بىلىم ۋە مەرتىۋەدە قەيەرگە كېلىشىدىن قەتتىي نەزەر شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا قان يىغلاۋاتقان مەزلۇم خەلىقنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىدى.ئۇنىڭ بىلەن بىر دەۋىردە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىلىم ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەددىنى تىكلىگەن يۈزلىگەن كىشىلەر پۇل، مەرتىۋە ۋە ساختا شان-شۆھرەت قوغلۇشۇپ ۋەتەڭە ئاسىيلىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۈرىگى ھەر ۋاقىت ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە مىللەتنىڭ ھۈرىيىتى ئۈچۈن سوقتى.
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلەردە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىنقى قاتاردىكى پىشقەدەم ئىنقىلاپچىللىرىمىز ھېساپلانغان مەمەت رىزا بەكىن، ئىسا ئالىپ تەكىن، يۈسۈپبەگ مۇھلىسوف، ھاشىر ۋاھىدى، مەسۇم زۇلفىقاروف، دولقۇن ياسىن ۋە خىزىربەگ غەيرەتۇللا ئاكا قاتارلىقلار بىلەن بەس-بەستە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەركىتىگە قاتنىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قازىنىپ خەلقىمىزنىڭ بەرگەن ئاق سۈتىنى ھالاللاپ ياشىدى.
ئۇ دەھشەتلىك خىتاي زۇلمى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ، 13 يېشىدا قولىغا قەلەم ئالغان ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر شاىېر بولۇپ، ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدىن مىللىي ئەدەبىيات ۋە سەننىتىمىزنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.خىتايلار مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئۆز ئېقىنىنى بويلاپ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسىمۇ، ئۇنى تېماتىكا، جانىر ۋە ئىپادىلەش ئۇسسۇللىرى تەرەپتىن بېيىتىش ئۈچۈن ھاياتى بويى ئىگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلدى.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىشىشى 20-ئەسىرنىڭ باشلىنىشى دۇنيا ئەدەبىياتىدا مىسلىسىز يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى.قانچە يۈز يىللاپ ھەتتا مىڭ يىلغا يېقىن ھۈكۈم سۈرگەن سەلتەنەتلەر يىقىلىپ، ئورنىغا رايون ۋە جۇغراپىيەنى مەركەز قىلغان دىن ۋە تىلنى پاسىل قىلغان مىللىي مەدەنىيەتلەر بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ رۇشەن تەسىرى سۈپىتىدە مەدەنىيىتىمىزدە پەيدا بولغان جەدىتچىلىك ماارىپى ۋە يېڭى دېموكراتتىك ئەدەبىيات-سەننەتنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ.يېڭى دېموكراتتىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مىستىتىك ۋە پانتىزىملىق تۇيغۇلارغا باي ھالسىرىغان سوفىستىك ئەدەبىياتتىن ئايرىلىپ چىقىپ ئابدۇقادىر داممۇللام، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندىگە ئوخشايدىغان بىر قاتار مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات سەننەت ۋە ماارىپ ساھەسىدىكى ئويغىنىشى رۇشەن ھالدا يېڭىچە ۋە مىللىي بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىماى ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تىزلىتىدۇ.
ئۇيغۇرىستاندا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولغان يېڭىچە ئېقىملار مىللىتىمىزنىڭ خىتاي ياكى ئەرەپ ئەمەسلىكىنى ۋە ياكى قانچە يۈز يىللاپ ئادەتلىنىپ كەلگەندەك ئاللا بۇرۇن تۈرۈكلۈكنىڭ داش قازىنىدا ئەمەس، ئەكسىنچە دۇنيا خەلىقلىرىنىڭ جۈملىدىن تۈرۈكىيلىكنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۇلتۇرال كونتېكىسىدىكى بىر خەلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.شۇ سەۋەپتىن ئەجداتلىرىمىز دىنىي ئېتىقات، مىللىي مەدەنىيەت، تىل-يېزىق، ماارىپ ۋە ئەدەبىيات سەننەت مەسەلىلىرىدە تەرەققىياتى مىللىي دەۋلەت يەنى جۇمھۇرىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىدىولوگىيلىك قۇرۇلۇشقا تەشكىللىك ۋە ئىستىخىيىلىك ھالدا ئىشتىراك قىلدى.
مىللىتىمىز ئۇيغۇرىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجدىمايى مەسەلىسىنىڭ پان تۇرانچىلىق، پان ئىسلامچىلىق، پان تۈرۈكچىلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي ئاتموسپۇراسىغا ئۇيغۇن بىر مېتود بىلەن دىنىي، ئەتنىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسەلىلىرىمىزنى ھەل قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندىكى خەلىقلەر مەدەنىيەت ساھەسىدە قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇقادىر دامۇللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرىستاننى قاپلىغان مەدەنىيەت ئويغۇنىشى ھەركىتىنى باشلىۋەتتى.
مەدەنىيەت ۋە ماارىپ ساھەسىدە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن مىللەتچىلىك ئېقىمى ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرىزىمنىڭ باش كۆتۈرىشىگە سەۋەپ بولدى ۋە قۇمۇل-تۇرفان، ھوتان- قەشقەر، ئىلى-ئالتايلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئىنقىلاپ پارتىلاپ ئاتا ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە قېتىم مىللىي ھاكىمىيەتلەر قۇرۇلۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان دەۋلەتچىلىك ئېڭىنىڭ يوقالمىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈپ كەتكەن ئەڭىلىيە، رۇسسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت قېرى جاھاڭىرلار جىددىي ھەركەتكە كېلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئىنقىلاپنى ئوجۇقتۇرىۋېتىشنى پىلانلىدى. ئۇلار ئابدۇقار دامۇللام، سابىت دامۇللام، خۇجا نىياز ھاجىم، ئابلىز ماخسۇم، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ئاھمەتجان قاسىمى… قاتارلىقلارنى قىرىپ تاشلاپ ۋە مەمتىمىن بۇغرا، مەھمۇت مۇھىدى، زىيا سەمىدى، ھاشىر ۋاھىدى، سابىت ئابدۇراھمان ۋە ئابدۇرەۇف مەخسۇم قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان بىر تۈركۈم زىيالىلارنى سۈرگۈن بولۇشقا مەجبۇرلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسى ئېغىر قانسىراپ زىيالىلار قوشۇنىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.دۈشمەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە جىق ۋە كۈچلۈك ئىدى.
ئۇزاققا سوزۇلغان تىمتاسلىق، بۇرۇختۇملۇق ۋە ئۈمىتسىزلىك قاپلىغان قارا چۈشتىن كېيىن مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىشنىڭ نازۇك ۋە ئېغىر جاۋاپكارلىقى قاسىمجان قەمبىرى، ئىبراھىم تۇردى، مەمتىمىن ئىمىنوف، ئۆتكۈر ئەپەندى، تۇرغۇن ئالماس، زۇنۇن قادىرى ۋە تىيىپجان ئىلىيوف قاتارلىقلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. ئۇلار يول يوق ۋە ئۈمىت ئۆلگەن يەردىن ئۆمىلەپ قوپۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنى جۈملىدىن مىللىي ئەدەبىياتنى باشقا قازاق، قىرغىز ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلىرى بىلەن ھىسسىي ھەمكارلىق ئىچىدە خىتايلانىڭ تۈكىنىڭ يېتىشى ۋە تومۇرىنىڭ سوقۇشىغا قاراپ بۈگۈنكى كۈڭىچە ئېلىپ كەلدى.خىتايلارنىڭ قارىساڭ كۆزۈڭنى ئويىمەن، سۆزلىسەڭ تىلىڭنى كېسىمەن، دېگەن دۇنيادا ئۆرنىكىنى تاپقىلى بولمايدىغان زۇلۇمى ئاستىدا، ناھايىتى كۆپ سانلىق زىيالىلىرىمىز يولىدىن ئازغان، بەزىللىرى گاڭگىرىغان بولسىمۇ، بەزى مىللىي روھقا باي، مىللەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمايى، مەدەنىي ئەنەنىسىگە سادىق باغلانغان مىللىي ئەدەبىياتىمىزدىكى جانىرلار، تىلىمىز، بەدېىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمىز، پەلەسەپىۋىي قاراشلىرىمىز، ئىستىتىك ئادەتلىرىمىز شۇنداقلا كىلاسسىك ۋە فولكلورىمىزدا مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەتتىكى ئەرىسىيەتچانلىق باتۇرلۇق ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن قوغداپ قېلىندى.
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىپ ئىجادىيىتىنى باشلىغان دەۋىر، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت ساھەسىدە بولۇپمۇ ئەدەبىيات-سەننەت ساھەسىدە ئازغان، ۋەيران بولغان ۋە گاڭگىرىغان بىر ئەۋلات يىتىشىپ چىققان دەۋىر بولۇپ، سوتسىيال ئىمپەرىيالىست كۈچلەر خلەقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ، مىللىتىمىزنى ئالداپ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي پىسسىخىكىمىزنى قاتتىق يارىلاندۇردى.شۇ دەۋىردە ئۆتكەن نىم شەھىت، ل-مۇتەللىپ، تىيىپجان ئىلىيوف، خوجايوپ، ئابلەت ئۆمەر، ئابلىز نازىرى، قەيۇم تۇردى قاتارلىق ئەدىپ ۋە شاىرلارنىڭ ئەسەرلىرى مىللىي مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى بىر تراگېدىيە بولۇپ، ئۇنىڭدىن كۇلتۇرال قىرغىنغا دۇچ كەلگەن بىر مەدەنىيەت ۋە قان ئېقىپ تۇرغان يۈرەكلەردىن جاراڭلاپ تۇرغان مەنىۋىي ھىسسىيات ۋە كېلىچەككە بولغان ئاجىزانە تەلپۈنۈش رۇشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى شۇ دەۋىرنىڭ ئەدىپلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ھۈر دۇنياغا چىققاندىن كېيىن دادىللىق بىلەن، پىكىر ۋە ئىپادىلەش ئۇسسۇلى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ ۋەتەندە شەكىللەندۈرگەن ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋەتەندىكى ئەدىپلەرگە مىڭ يىلدىمۇ نەسىپ بولمايدىغان ھۈر دۇنيادا زوق-شوق بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ باردى ۋە ئەسەرلىرىدە تۈرۈك دۇنياسىنى، جۈملىدىن شەرقىتۈركىستانلىقلارنى ئىلىم-پەن ۋە ئىستىقلال يولىغا دەۋەت قىلدى.
تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ 50-يىللاردىكى گاڭگىرىغان بىر ئەۋلات ئەدىپلەر شەكىللەندۈرگەن ئۇسلۇپتا، ۋەتەننى، ئازاتلىقنى، مىللىي ئىنقىلاپنى مەدىھىيلەدىغان بىر پارچە ئەسىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز…
ئۈستۈڭدە لەپىلدەر ئىستىقلال تۇغى
جانىجان ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان،
ئەجدادىم مىراسى بۇلبۇلىستانىم.
سەن بىزنى ئۆستۈرگەن ئانا مېھرىبان،
دۇنيانىڭ جەننىتى گۈل-گۈلىستانىم.
تارىختا قۇرغانتى پىدا قىلىپ جان،
قۇتلۇقخان، بايانچۇر، جەسسۇر بۆكۈخان.
تەقدىرىڭ قولۇڭدا تۇتۇلغان زامان،
گۈللەندىڭ، يۈكسەلدىڭ، تاپتىڭ شەرەپ-شان.
بىر چاغلار رودىپاي ئەيلەپ ئىستىلا،
ئۈستۈڭگە ياغدۇردى كۈلپەت ۋە بەلا.
زالىمنىڭ زۇلمىدىن ئايلاندى چۆلگە،
شەھەرلەر، يېزىلار، ئورمان، تاغ-دالا.
ساناقسىز كۈلپەتلەر ئۆتتى بېشىڭدىن،
دەريالار تۆرەلدى قانلىق يېشىڭدىن.
ياڭرىدى غەزەپلىك چوقان-سادالار،
ۋادىلار، چۆل-دەشتلەر، تاغۇ-تېشىڭدىن.
چىقتى ھۈرلىكىڭگە ئەيلەپ جان پىدا،
قەھرىمان نۇزىگۇم، سادىر پەھلىۋان.
تەڭرى تاغلىرىدا ياڭراتتى سادا،
گېنىرال ماھمۇت ۋە غېنىدەك ئوغلان.
شۇ باتۇر ئەۋلاتلار كۈرەشلىرىدىن
خەلقىمىز ھۈرلۈكنى قولىغا ئالدى.
ئەجدىرھا، ئېيىقنىڭ سۈيقەستلىرىدىن،
تەكرار ئاسارەتكە بوغۇلۇپ قالدى.
تۈزدى ۋەھشىي دۈشمەن، سۈيقەستلىك پىلان،
باغرىڭغا ئاققۇنلارنى كۆتۈرمەك ئۈچۈن.
قىلىپ تىل، دىنىڭنى بىر يولى گۇمران،
نامىڭنى بىر يولى ئۆچۈرمەك ئۈچۈن.
تىنىڭگە چىرمىشىپ رودىپاي چايان،
قېنىڭنى سۈمۈرۈپ ئىچتى ھەر زامان.
پەرىشان ھالىڭنى كۆرۈپ چىدىماي،
قوزغالدۇق غەزەپلەر بولۇپ سەل-قىيان.
سېنى قۇتقۇزۇشقا مەيدانغا چىقتۇق،
ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ جاسارەتلىنىپ.
بۇ يولدىن قايىتماسقا قەسەملەر ئىچتۇق،
گوياكى ۋولقاندەك ھارارەتلىنىپ.
مۇقەددەس كۈرەشتىن تاڭلە ئەرتىگە،
تۈگەيدۇ سەن چەككەن زۇلمەت ۋە ئازاپ.
قىلىمىز شاتلىقتىن بايرام تەنتەنە،
ئىستىقلال تاجىنى بېشىڭغا تاقاپ.
كۈلىسەن قاقاقلاپ سەنمۇ بىر كۈنى،
مۇناسىپ يېرىڭنى ئېلىپ جاھاندا.
تۈگەيدۇ قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ تۈنى،
ياشايسەن ھۈرلۈكتە، ئازات زاماندا!
بۇ كۈنلەر بەك ئۇزاق ئەمەس، بەك يېقىن،
ھوقۇشلار شەپەڭنى قىلالماس قامال!
ئۈستۈڭدە لەپىلدەر ئىستىتلال تۇغى،
زەپەرنىڭ دىلبىرى ئېچىپ نۇر جامال!
2001-يىلى 5-ئاي/ تۈركىيە-ئانقارا
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرىنىڭ يوقارقىدەك شىېرلىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ دەۋىرداشلىرىغا ئوخشاشلا ئىلگىرى ۋەتەندە زۇلۇم ئاستىدا مەجبۇرىي يازغان، كوممەنىست سىستەم ۋە سوتسىيالىزىم مەدىھىيلەڭەن بىر قىسىم ئەسەرلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ.بۇنى ئەلبەتتە زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىشى يوق، ئەمما تۈزۈتۈشكە جاسارەت قىلىش قىلالماسلىق ئەقىل، ئەخلاق ۋە بىلىم تەلەپ قىلىدىغان زور ئىش.پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ھۈر دۇنياغا قەدەم باسقاندىن كېيىن بارلىق مەنىۋىي بويۇنتۇرۇقلاردىن قۇتۇلۇپ، ئىنساندەك ئويلاش، ئىنساندەك تەپەككۇر قىلىش، ئىنساندەك يېزىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى ۋە ئىددىيۋىي جەھەتتىن بارغانچە تاكاممۇللىشىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدىغان نادىر ئىشلارنى قىلدى ۋە ئەسەرلەرنى يازدى.ئۇنىڭ بەزى كىتاپ ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى رۇشەن خاسلىق ۋە خەلقارالىق سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ۋەتەندىكى دەۋىرداشلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىن ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىپ كەتكەن.
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى دۇنيانىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلىشىدىن ئىبارەت قىيىنلىق دەرىجىسى يوقۇرى، چېتىلىش داىرىسى كەڭ ۋەزىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە غەلبىلىك ئورۇنلاپ، كېلىچەكتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرۈك زىيالىلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى يولىنى داغدام ئېچىپ بەردى. ئۇيغۇرىستاندىن چىققان ھەرقانداق بىر ئالىم ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا ئۇنىڭدەك كەڭ داىرىلىك ۋە يۈكسەك سەۋىيەدە تونۇتالىغان ئەمەس.بىزنى، تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ۋە تىلىمىزنى چەتەللەردە خەلقاراغا جۈملىدىن تۈرۈك دۇنياسىغا ئاكادېمىك بىر سەۋىيەدە غەلبىلىك تونۇتقان بۇ كىشىنىڭ نامىنى بۈيۈك ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادىن كېيىن ئالتۇن خەتلەر بىلەن يېزىپ مەڭگۈلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغان مەزلۇم ئۇيغۇرىستانلىقلارنىڭ تارىخىي كەچمىشىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلىرىدىن خەلقىمىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى مەنىۋىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتىنى تاپقىلى بولىدۇ. پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرى ھازىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى پارلامېنتىنىڭ رەيىسى بولۇپلا قالماي بەلكى تۈرۈك دۇنياسىغا تونۇلغان ئالىم بولۇپ قالدى.
بىز پروفەسسور ۋە دوكتۇر سۇلتان ماھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە سىياسىي كۈرەشلىرىگە قاراپ چىقىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھەر تەرەپتىن خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرىستانلىققا يىتىشكەن مەنىۋىي رەھبەر شۇنداقلا كام ئۇچرايدىغان بىر ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.بىز ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى خاتىرجەملىك، ساق-سالامەتلىك، ھوزۇر ۋە مول ئىجادىي مېۋىلەر ئىچىدە ياشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈمىز.(ك.ئاتاھان)
گېرمانىيە/فرانكفۇرت
20.05.2015