ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر خىتتاي تۇيۇقسىز ئۆلگەن
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان يەن سىخوڭنىڭ 15- فېۋرال كۈنى تۇققانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
يەن سىخوڭ، ئايال، 35 ياش، خىتتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن.
ئەنگىلىيە ساقچى تەرەپ 28 – فېۋرال كۈنى ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلىمىغان.