يامان نىيەتلىك ئادەملەر سۆزلىگەنچە خاتالاشسا، ھەرىكەت قىلغانچە پاتقاققا پاتىدۇ! دۈشمەنلەر بولسا ئۆزارا بىربىرىنى ئۇرۇپ ھالاك بولىدۇ!
-خاتىرەمدىن
ئاپتور: كۈرەش ئاتاخان
خىتايلار ۋە خىتايىستلار ۋەتەن ئىچى ۋە تېشىدا ھەر تۈرلۈك ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاپ، مىللىي ھەرىكەت ۋە مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋاتىدۇ. بۇ ئىش دۈشمەن تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە پروگراممىلىق رىجىسورلۇق قىلىنىۋاتىدۇ! بىز بولساق خۇدىمىزنى بىلمەي خۇددى قانخور خورازلاردەك بىر بىرىمىزگە ھۈرپىيىپ ئوت ئېچىۋاتىمىز، ، قارغىدەك بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىنى چوقۇلاۋاتىمىز، قانغا بويىلىپ كەتكەن بولساقمۇ ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارغا دىرامما قويۇپ بېرىۋاتىمىز! داۋا قوشۇنىمىزدىكى بەزىلەر قايمۇقۇپ قالغاچقا ئۆزلىرىمۇ بىلمەستىن مىللىتىمىزگە ماتەم دۈشمەڭە توي بولىدىغان بۇ ئويۇننىڭ ئىچىگە بېشىچىلاپ كىرىپ بولدى! قوشۇنىمىزدا ئۆزىنى ياخشى كونترۇل قىلالمايدىغان قېرى بالىلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ھىلى تىپىشىپ، ھىلى تېپىشىپ تۇرىدۇ. بۇ يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما بۇ ئويۇندىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان دۈشمەنلەر مىللىي داۋا قوشۇنىمىزدا بىز ئويلاپ تەكتىگىمۇ يېتەلمەيدىغان ئويۇنلارنى ئويناپ خەلقىمىزنى ھەر تەرەپتىن پاراكەندىچىلىك ئىچىگە تىقىپ قويدى! ئەگەر بىز بۇ يامان سۈپەتلىك ئاجىزلىقىمىزغا قاراپ ھودۇقۇپ كەتمەي، ئۇلارغا، تەشكىلاتلارغا ۋە خەلقىمىزگە ئەگىشىپ بەشىمىزنى چۆكۈرۈپ مېڭىۋەرسەكلا، ئۇلار ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۆزلىكىدىن تۈزۈلۈپ، دۈشمەن ئۈمۈتسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. ئەگەر بىز ئۆز-ئارا قارشى توپلارغا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىمىزنى سېسىتساق ئۇ ھالدا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەكتەكلا ئاقىۋىتى بەك يامان بولىدۇ.قېرى بالىلار بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە چەچىۋاتقان توپىنى، سىزلەرمۇ توزۇتۇپ بەرمەڭىزلار!
ۋەتەنداشلارغا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش! ھەي قېرىنداشلار سىزلەرگە سەمىمى بىر مەسلىھەتىمىز بار. مىللى داۋا قوشۇنىمىزغا توردا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى بىز دىمىسەكمۇ سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر. مىللىي داۋانى، غوللۇق شەخىسلەرنى ۋە تەشكىلاتلارنى قارىلايدىغان قىلمىشلاردىن قەتتىيلىك بىلەن يىراق تۇرۇڭلار. خىتايلار بولىۋاتقان ئىچكىي ماجرالارنىڭ ئۈستىگە بىنزىن چېچىپ، ئوتنى يېلىنجىتىپ ئەتراپنى كۈل ۋە خارابىلىققا ئايلاندۇرىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ سۇنى لەيىتىپ ئۆزى خالىغان بەلىقنى تۇتۇۋاتىدۇ، ئاۋال توپا توزۇتۇپ ئاندىن تورغاچ ئوغۇرلاۋاتىدۇ. سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەننى قىلىڭلار، چوڭ ئىشلارنى تەشكىلاتلار ھازىر بولمىسا ئەرتە، ئەرتە بولمىسا ئۆگۈنلىككە قولغا ئالىدۇ!سىلەرگە قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقان بەزى زىددىيەتلەرنىڭ دايىم قارانغۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەي يارا ئېغىز ئالغاندەك بىر قەتىم تىشىپ چىققىنىمۇ ياخشى بولدى. ئەمدى ھەممە تەرەپ ئۆزىدىكى ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى كۆردى ۋە ئۆزلىرىنى تەخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ! جەمىيەت زىددىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ.ئەگەر مۇشۇنداق ۋاقىتتا سېپىمىزنى جىمجىتلىق ۋە ساختا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق قاپلاپ كەتكەن بولسا ئەڭ قورقۇيدىغاھان ئىش بولاتتى. تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەر ئوتتۇرسىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار ھادىسىلەرنىڭ زىيىنىمۇ بولغاندەك ئۇزاق ئۆتمەي پايدىسىمۇ بولىدۇ. ئۆز-ئارا دۈشمەنلىك رىقابەتكە، رىقابەت بىزنى دوستلۇققا، دوسلۇق بىزنى قېرىنداشلىققا باشلاپ ماڭىدۇ. بىز تىرىشمىغانلىرىنى دەۋىر ۋە تارىخنىڭ شاللاپ سەپتىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق. بۇ ھەممىمىزگە ياخشى دەرىسلىك بولۇپ قالسۇن!
مىللىي ئىنقىلاپ سېپىمىزدىكى جىدەلچىلەرنى ۋاقىت ئۆتكەنچە يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۆسمۈرلەرگە ئوخشىتىدىغان بولۇپ قالدۇق! ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئەتتىگەندە سوقۇشسا ئاخشامدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىۋالىدۇ! تالىشىۋاتقىنى ياكى يەيدىغان بىر بۇردا نان ياكى بىر ئويۇنچۇق. قېرى بالىلارغا ئەگىشىپ ھەرگىز ئۆز-ئارا ئۇرۇشماڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ پارچىلىنىپ كەتسەڭلار، ئۇلار ئەرتەلا ئىتتىپاقلىشىۋېلىپ، سىلەرنى چەتكە قاقىدۇ، يالغۇز قويىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ جىدەل-ماجراغا ئارلاشقانلار تۈگۈمەس بەلالارغا قالدى ۋە قالىدۇ!سىلەر مىللىي داۋانىڭ سوغۇرتىسى، تەشكىلاتلارنى، سىياسىي پاالىيەتچىلەرنى ئۇيغۇن بىر شەرتلەر ئىچىدە قوغداپ تۇرۇڭلار، نازارەت قىلىڭلار. چۈنكى تەشكىلات سىلەرنىڭ، سىلەر خالىمىساڭلار تەشكىلات ۋە تەشكىلاتتىكىلەر سىلەرگە پايدىسىز ئىشنى قىلالمايدۇ. تەشكىلات، سىياسىي پاالىيەتچىلەر ۋە ئۆزەڭلارنى دايىم كونترول قىلىپ تۇرۇڭۇزلار، ئۇلار يازغان بىر-بىرىنى دۈشمەندەك ئىنكار قىلىدىغان نەرسىلەرنى تورتۇرا ۋە سوتسىيال مېدىيەلەردە تارقاتماڭىزلەر، سىزلەر تارقىتىۋاتقان نەرسىلەر كۆرۈنىشتە پايدىلىقتەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزنى ئۈمىتسىلەندۈرىدىغان، مىللىي داۋاغا پايدا كەلتۈرمەيدىغان زەھەرلىك نەرسەلەردۇر.
يېقىندىن بېرى دۈشمەن قەستەن چىقىرىۋاتقان قاراقۇيۇننىڭ پەرقىگە بارماي، مۇھىم شەخىسلەر، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆز-ئارا جەڭكى-جىدەلگە چۈشتى. قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپ خىتاينىڭ مومىسىغا قايماق سۈرىدىغان تىياتىرچىلارمۇ سەھنىگە چۈشۈپ خەلقىمىزنى پاراكەندە قىلدى. تەشكىلىي قۇرۇلمىلار ئاجىزلاپ، خەلىق مىللىي ئىنقىلاپ سېپىدىن تارقاپ، ئىختىيارسىز ھالدا سوتسىيال مېدىيەدىكى جاماەت توپلىرىغا بۆلۈنۈپ كەتتى. شەخىسنىڭ ۋە توپلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئىستىخىيىلىك بولغاچقا تەشكىلاتلارنىڭ سەۋىيىسىدىكى ئىشلارنى قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا تەشكىلات ۋە تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ خاتالىقلىرى ۋە يىتەرسىزلىكى سەۋەپ بولدى. بۇ ئىشتا خەلىق بىلەن تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ، جاماەت پىكىرىنى، ئەقىلنى، بىلىمنى ۋە ماددىيەتنى بىرلەشتۈرىشى لازىم! مىللىتىمىزنىڭ تارقاق، تەشكىلاتسىز ۋە ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلىرى مىللىي داۋايىمىزغا پايدىسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. مىللىي داۋادىكى كۈچىمىز ئاجىزلاپ كەتكەننى ھېساپقا قاتنمىغاندا، ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان ئىشلار دۈشمەننىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە پايدىلىق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھادىسە دۈشمەنلەر تەرىپىدىن لوپا ئەينەكتە كۆرسۈتۈلۈپ مىللىتىمىز ئۈمۈتسىزلىككە دۇچار بولدى. مىللىي داۋاغا پايدىسىز ھادىسىلەر يەنى تەشكىلاتلار، توپلار ۋە شەخىسلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر ۋە بىر-بىرىنى قارىلايدىغان ھەر تۈرلۈك يازمىلار ۋە نوتۇقلار خەلقىمىزنى بىزار قىلدى. ئۇنداق بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا ۋە جاماەت پىكىرىگە پايدىسىز نەرسىلەرنى تارقىتىپ يۈرمەسلىكىڭىزلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمىمىز! بىزنىڭ ھازىر ھەرقانداق چاغدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقلىققا، ھەمكارلىققا ۋە ئۆز-ئارا كۆيۈنىشكە ئەھتىياجىمىز بار قېرىنداشلار. بىزنىڭ شۇ تاپتا بىر-بىرىمىز بىلەن ئاقچى، كۆكچى دەپ ئۇرۇشۇشقا ئەمەس بىرلىككە، ھەمكارلىققا، ئىتتىپاقلىققا، باشقىچە ئېيىتقاندا ناھايىتى كۆپ ئادەمنىڭ ماددىي ۋە ئەقىلىي كۈچىگە ئىھتىياجىمىز بار قېرىنداشلار. خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپلا بىر قىسىم مىللىي داۋاغا تۆھپىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان ئادەملەرنى مىللىي ھەرىكەتتىن شاللىۋىتەلمەيمىز. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ سەپنى تولۇقلاپ كەتكۈدەك جىددىي پەيىتلەردە سەپلىگۈدەك كۈچىمىزمۇ يوق! ئەگەر بىز خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى ۋە يەنە بىر قىسىم شۈھبىلىك ئىنسانلارنى سەپتىن ئۇزاقلاشتۇرساق ئۇلارنىڭ ئورنىغا „توڭرىلىقتىن مىڭ تەستە قۇرتۇلسام مەرەزدا كەلدى ئورنىغا“ دىگەندەك ئىش بولىدۇ. بىز سېپىمىزدە بار كىشىلەر بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ بۇ داۋانى داۋاملاشتۇرماقتىن باشقا تاللاشقا ئىگە ئەمەسمىز! بىزنىڭ يوقۇتۇشقا قارىغاندا ئىسلاھات قىلىشقا ئىھتىياجىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك! بار كۈچۈمىز بىلەن يولىمىزدىكىلەرنى قېدىرلىشىمىز، ئازغانلارنى يىتەكلىشىمىز خەلقىمىزنى ۋەتەن مىللەتكە سادىق پىكىر بىلەن تەربىيەلىشىمىز لازىم!
بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش شۇ ئىشنىڭ مۇتەخەسىس ۋە ئالىملىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئىشتا مۇتەخەسىس ۋە ئالىم بولۇش ئۈچۈن باشتا ئادەم بولۇش كېرەك! غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر بولۇش كېرەك! ئەپسۇس بىزدە „ئالىم“ ۋە „مارشال“ كۆپۈيۈپ كەتتى! ئالىم ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ قايسى راست قايسى ساختا بىلىپ بولۇش قىيىن بولۇپ قالدى! ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ، دەگەن گەپ بار! يىتەكلەش ئەمەس، بەلكى ئەگىشىپ مېڭىشىڭىز مىللىتىڭىزنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشى مۇمكىن! مىللىي داۋادا بىر-بىرىڭلارنىڭ ئىشىغا، كەسپىگە ۋە خىزمىتىگە ئورۇنسىز چات كېرىۋالماڭلار! ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندا كەسپىڭلار نىمە بولسا ئىشنى شۇ يەردىن قابىلىيىتىڭلارغا يارىشا باشلاڭلار!دوست بىلەن دوست ئوتتۇرسىدىكى رىقابەتنى، دۈشمەنلەر ئارا زىددىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋەتمەڭلار!
ئىشنى ئاز قىلساڭلارمۇ سۈپەتلىك قىلىڭلار! قىلالمىساڭلار ئاراڭلاردىكى كەسىپ ئەھلى بولغان قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار!مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىلمىي سەۋىيەسى ۋە ئاڭ سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ مىللىي داۋاغا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ! نامرات، بىلىمسىز، ھەسەتخور ۋە شەخسىيەتچى كىشىلەرنى مىللىي داۋانىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا يېقىن يولاتماڭلار! ئىلمىي سەۋىيەسى، بىلىم سەۋىيەسى ۋە ئاڭ سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەرنى جان چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بېشىڭلارغا ئېلىپ كۆتۈرمەڭلار! يالغانچىلار، كاززاپلار ۋە ساختاپەزلەر سىلەرنى، سىلەرگە ئۇقتۇرماي مىللىتىڭلار، دىنىڭلار ھەمدە بايرىقىڭلار بىلەن ئالداۋاتىدۇ ۋە ئالدايدۇ! بىزنىڭ ئەشۇ شەيتانلارغا دەيدىغىنىمىز: نىيىتىڭلار دورۇست بولمىسا چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلماڭلار! بۇنداق ئىش ئاخىرى بېرىپ باشقىلارنىمۇ، ئۆزەڭلارنىمۇ نابۇت قىلىدۇ!
چوڭ ئىشلارنى قىلىشتا شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار!كىچىك بىر خاتا مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ، بىر خەلىقنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدۇ!بىزنىڭ ھازىر ھاياجانغا ئەمەس ئەقىلگە تايىنىدىغان ۋاقتىمىزدۇر! بىر مىللەتنى يىتەكلەش ۋە ھەقىقى بىر رەھبەرگە ئەگىشىش نازۇك ئىشلار بولۇپ، ھەر كىم ئۆزىنى دەڭسىگىنى ياخشى!
تەشكىللىنىڭلار!تەربىيەلىنىڭلار! بىر-بىرىڭلارغا مەھكەم يېپىشىڭلار!بىز خەلقىمىزنى مىللىي داۋادىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا چاقرىق قىلغانىدۇق! بۇ چاقرىقلارنىڭ رۇشەن ئۈنۈمى بولدى، مىللىتىمىز يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە مىللىتىمىز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەرەلەيمەن، دەگەن سۇالنى ئۆزىدىن سورىدى ۋە قولىدىن كېلىدىغان شەكىلدە خىتايلارنىڭ بىزنىڭ ئۈستۈمىزدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئېرقىي ۋە كۇلتۇرال قىرغىنچىلىقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئىنكاس قايتۇردى.
خەلقىمىز قوزغالدى، جاپاكەش ئانالار، سەبىي بالىلارمۇ داۋا سېپىگە قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك جىنايەتلىرىگە قارىشى خەلىق ئۇرۇشىغا ئاتلاندى ۋە ئوخشىمىغان دەۋلەت ۋە رايونلاردىكى تەشكىلاتلارنى ۋە سىياسىي پاالىيەتچىلەرنى جاۋاپ بېرىشكە ھەمدە ئويغۇنىشقا چاقرىۋاتىدۇ! خەلقىمىز دادىل ئوتتۇرغا چىقىپ تەشكىلاتقىلا قاراپ ئولتۇرماي شەخسىي، ئاىلىنى بىرلىك قىلىپ، كەسپىي ئالاھىيدىلىكلىرىنى ئاساس قىلىپ ۋە كۆڭلى يېقىنچىلىقنى كۈنلۈك قىلىپ، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى. خىتايغا قارشى ھەرىكەت خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئېتنىك، كۇلتۇرال ۋە دىنىنىي زۇلۇمى توختىغىچە مىللىي داۋا ئىچىدىلا كۈچۈيۈپ بارماي پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان خەلىقارالىق ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ! خىتايلار بىز ئۇيغۇرلارنى، تۈرۈك دۇنياسىنى، ئىسلام دۇنياسىنى ۋە ئىنسانىيەتنى ھاقارەتلىدى! بىز خىتايغا ئىشلىگەن بۇ ئېغىر جىنايىتىنىڭ ھېسابىنى بەرگۈزمەي تۇرۇپ توختاپ قالماسلىقىمىز، تەشكىلاتقىلا قارپ قالماسلىقىمىز لازىم! بىز تازا ياخشى ئويلىساق ھەر بىرىمىز بىر تەشكىلات، ھەر ئاىلە بىر تەشكىلات بىرلىكى. كۈچىمىزنى تارقاقلىقتىن بىرلەشتۈرىشىمىز، دانە-دانە يېغىپ، ئاسمان پەلەك كەلكۈن پەيدا قىلىدىغان، ئاۋال ساناقسىز جىرالاردىن ئېقىپ ۋادىلارغا چۈشكەن بۇلاق سۇلىرى يىغىلىپ توسقۇنسىز ئەزىم دەريالارنى پەيدا قىلغاندەك كۈچ ھاسىل قىلىپ خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ۋە قۇدرەت تېپىشىغا قارشى توسالغۇلارنى سىرىپ-سۈپۈرۈپ مېڭىشىمىز لازىم! بىز چوقۇم خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن شۇنداق قىلالايمىز!
خەلىقىمىزنىڭ ھازىرقى يېرىم ئويغانغان بۇ ھالى تەشكىلات ۋە سىياسىي يېتەكچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپنى ئېغىرلاشتۇردى، خىتاينى ساراسىمگە سالدى، دۇنيا جاماەتىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، خەلقارالىق خىتايغا قارشى زور ئېقىم پەيدا قىلدى. بۇ ھالەتنى ساقلاپ قەلىشىمىز، كۈچەيتىشىمىز ۋە نەتىجە قازىنىشىمىز لازىم! بۇ خەلىق ھەرىكەتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىستىخىيىلىك ئويغۇنۇش تەشكىلات ۋە سىياسىي پاالىيەتچىلىرىمىزنىڭمۇ ئۇيقۇسىنى ئېچىۋاتىدۇ، كۆز ئالدىمىزدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر كۈتمەكتە. ئەممە ھازىر ئىلگىركى مىللىي ھەرىكەت قوشۇنىدا ئاكتىپ رول ئالغانلار بىلەن، يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىققانلار ئارىسىدا ئەدىولوگىيە ۋە ئاڭ-سەۋىيە تەرەپتىن زىددىيەت كۆرۈلۈشكە باشلىدى. يەڭى سەپكە قېتىلغانلاردىكى تەجرىبىسىزلىك ۋە بىلىمسىزلىك، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى دېھقانلار ھەركىتىگە ئوخشۇتۇپ قويىۋاتىدۇ.چۈنكى ئۇلار مىللىي ئىنقىلاپ ئوچىغى بولغان تەشكىلاتلاردا ئەمەس، خىتاينىڭ جاندىن ئۆتۈدىغان زۇلۇمى ۋە تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئىسيان كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلار بولۇپ، بۇ ئىككى قوشۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇساپىنى سوغاققانلىق بىلەن قىسقارتىپ، بىر ئىتتىپاقلىق بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. دىمىسىمۇ نىسبەتەن ئىقتىدارلىق، تەجىرىبىلىك ۋە بىلىملىك كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن ئوتتۇرغا چىققان ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر خەلقىمىز ئوخشىمىغان رايون ۋە دەۋلەتلەردە، تەشكىلاتلاردىن مۇستەسنا ھالدا مۇستەقىل قوشۇنلارنى بەرپا قىلماقتا.بۇ قوشۇن يىتەكلەش ۋە تەربىيەلەشكە مۇھتاج! كونىلار بىلەن يېڭىلارنى مىللىي ئاڭ، مىللىي ئىرادە، سىياسىي سەۋىيە، دۇنيا قاراش، مىللىي ۋە دىنىي پىرىنسىپلار ئاساسىدا بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش لازىم! بۇ ئىككى گورۇپپىنى ھازىرچە ئورتاق بايراق ۋە ئورتاق غايە ۋە ئورتاق ئەدىولوگىيە ئاستىغا جەم قىلىش پىلانى شەكىللەنمىگەچكە، ئۇلار ئوتتۇرسىدا ھەل قىلمىساق بولمايدىغان بىرقىسىم زىددىيەتلەر ئوتتۇرغا چىقىۋاتىدۇ. خەلىق ھەركىتىنىڭ سەركەردىلىرى تارىخىمىز، مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە سىياسىي كۈرەشلىرىمىز ھەققىدە سىستىمىلىق ئىلمىي تەلىم تەربىيە كۆرمىگەچكە ياكى مىللىي ھەرىكەتنى قويۇق ئوتتۇرا شەرىق ئېدىولوگىيسىگە تەقلىت قىلغاچقا ھەمدە مىللىي داۋادا تەجرىبىسىزرەك، بىلىمى تۆۋەنرەك ۋە ئاڭ سەۋىيەسى ئارقىدا بولۇشتەك كامچىلىقلىرى بىلەن مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىپ بارىدۇ ۋە ئىچكىي زىددىيەتلىرىمىزنى ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئېغىرلاشتۇرىۋەتىپ بارىدۇ.
مىللىي داۋا قوشۇنىدا پەيدا بولغان بۇ يېڭى كۈچنىڭ كىملەرنىڭ ئەمرىنىڭ ئاستىدا باش كۆتۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇلار ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، قەيسەر، ئەقىللىق ۋە جەسسۇر كىشىلەردۇر! بىز ئۇلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن ھەقىقەتنى تونۇتقان چېغىمىزدا مىللىي داۋا تەرەققىياتىدا بىر سەكرەش بارلىققا كېلىدۇ! داۋا قوشۇنىدا پەيدا بولغان يېڭى كۈچلەر تەربىيلەنسە بىزگە پايدىلىق، تەربىيەلەنمىسە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا پايدىسىز رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ بىزدىن روشەن پەرقىنىڭ يەنە بىرى، ئۇلار ھۆر دۇنيادا تۇرۇپمۇ يۈرىكى پوك-پوك تەپەككۇر قىلىدۇ. قۇرغان جەمىيەتلىرى، تەشكىلاتلىرى، تور دۇنياسىدىكى ئىسىملىرى، ۋە ئىشلىتىۋاقتان ئاتالغۇلىرىنىڭ ھەممىسىدە خۇددى ۋەتەندىكىگىلا ئوخشاش خىتايدىن ئۈركۈش ئالامەتلىرى ئىپادىلىۇنىپ تۇرىدۇ. دىندار ئەمما دىننى چۈشەنمەيدۇ، ئىسلام ھەققىدە ئازراق بىلىمى بار ئەمما سىستىمىلىق ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش تارىخى يوق، تەقۋا ئەمما، تەقۋالىقىنى دەسمىي قىلىپ، رەھبەرلىك ئورنىغا ئۆتىۋالغان. دىن، مىللىي مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسەتنى چوڭقۇر ئوقۇمىغان ياكى چۈشەنمەيدۇ. 1400 يىل ئاۋالقى جەڭكنامىلەرگە قاراپ بۇگۈن ئۈچۈن پال سالىدۇ! ئۇلارغا تەشكىلات ۋە غوللۇق شەخىسلىرىمىز ئالارگىي قىلىدۇ. بۇگۈنكى بەخىتسىزلىكنى تەشكىلاتلاردىن كۆرىدۇ، ئۆزلىرى ئىتتىك بىر ئىش قىلىۋەتكۈسى بار، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق،ئۇلار داۋاغا يېڭى بولغاچقا بەك ئاكتىپ، تەجىرىبە قازان´غانچە ئاستا پەسكويىغا چۈشۈپ بارغانچە بوشۇشۇپ ھازىرقى تەشكىلات ۋە تەشكىلاتچىلار ئىچىگە غىمىسسىدە كىرىۋالىدۇ! بۇلارنى ئەشۇ ھاياجان بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە، ھەقىقىتەن كۈچلۈك تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا ۋە كۈچلۈك شەخىسلەردىن بولۇشقا تېخنىكا ئىشلىتىپ رىغبەتلەندۈرىشىمىز لازىم! مىللىي ھەرىكەتتە پەيدا بولغان يەڭى كۈچلەر ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بىرى خىتاينى ئىندەككە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۈمۈتسىز! ئىككىنچىسى ئۈممەتچىلىك يولىنى خەلقارا دېموكراتىيە سىستىمىسىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىپ، مۇسۇلمانلارنى قوزغاپ خىتاينى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇيۇ، ئۇننىڭغا يارىشا كىتاپتىكى ئابزاسلاردىن باشقا كارغا كەلگۈدەك بىر نەرسە يوق!
بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىيدىلىكى تەشكىلاتلاردىن رەنجىش، غوللۇق شەخىسلەرنىڭ ئىنۋاىتىنى تۆكۈش بولىۋاتىدۇ! ھەر ئىككىلىسى سىياسىي داۋادا ئادەتلەنمىگەن ئىسىملارنى قويۇش، مىللەتكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك سىمىۋول ۋە موتىپلاشقان ئىسىملاردىن قېچىش، خىتاي بىلەن مۇرەسسەلىشىش ۋە ئورتاق يول تېپىش ئۈچۈن خىيالەت دۇنياسىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشتۇر. بۇلارنىڭ يەنە نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلىرى بار. تەشكىلات ۋە رەھبەرلىرىنى قارىلاش، ئاممىۋىي ھەرىكەتلەرگە مۇساپە ساقلاپ مۇھامىلە قىلىش. داۋادا ئايىرىمىچىلىق تۈسىنى ئالغان ئاتموسپىرا پەيدا قىلىش، خەلقىقنى يۇمشاق بولمىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلىش، ئۆزلىرى قول تىقىپ ئىشلىمەسلىك. نامايىش، خەلقارا مۇناسىۋەت ۋە تەشكىلاتلارنى كىچىك چۈشۈرۈش. ھاياتلىق ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئامېرىكا باشلىق غەرىپ دەۋلەتلىرى قايناقلىق بىر مەنبەگە ئىگە تۇرۇپ، ئامېرىكا باشلىق غەرىپ دۇنياسى ۋە ئىسراىلىيەنى قارىلاش، خىتاي توغرىلىق ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەنپەەتىگە ئۇيغۇن ھىچقانداق كۆرۈنەرلىك بىر ئىش قىلماسلىق! ھەممە يەردە دىننى بازارغا سېلىش، تېررورنى تەشەببۇس قىلىش، يەرلىك تەشكىلاتلارنى بىجىرىكسىزلكتە قارىلاش، ئۆزلىرى پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەي خەلىقنى ئازدۇرۇپ ۋە قايمۇقتۇرۇش، تەشكىلاتلاردىن يامانلاپ، ئادەملەرنىڭ تەشكىلاتقا بولغان سەمىمىيىتىنى، ئىشەنچىسىنى ۋە ياخشى كۆڭلىنى سوۋۇتۇش قاتارلىقلار! بۇلار يوقاردا تىلغا ئالغان جەھەتلەردىن بىر قاتار ئىشلارنى قىلىپ، ئىشنى تەشكىلاتتىن يامانلاشتىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا تېخىمۇ ئاجىز، تېخىمۇ تارقاق ۋە تەخىمۇ بىجىرىكسىز تەشكىلاتلارنى قۇرۇشقا قەدەر ئېلىپ كەلدى.بۇ سۈيقەستنىڭ يىلتىزىنى خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىگە باغلىماقتىن باشقا چارىمىز يوق!
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇلارنىڭ بىرى تەيۋەن، خوڭكۇڭ ۋە چەت-ئەلدىكى دەموكراتچى خىتايلارنىڭ نوختىسىنى مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا سالسا، يەنە بىر گورۇپپىسى مىللىي داۋادا خىتاي تەشۋىقاتىغا ماسلىشىدىغان، مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ ھۇلىنى كولاپ خەلقىمىزنى دۇنيا جاماەتىگە مىللەت ئۈچۈن ئەمەس، دىن ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەس ئۈممەت ئۈچۈن ۋە خىتايغىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا كاپىرلىرىغا، جۈملىدىن غەرىپ دۇنياسىغا قارشۇ بىر جاماەت پىكىرى پەيدا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇندا كەتىۋەرسە ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قوشۇنىنىمىز پارچىلىنىپ كۈچىمىز ئاجىزلىغاننى ھەساپقا ئالمىغاندا، ۋەتەندىكى كونسەنتراتسىيون كامفلەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا كېڭىيىپ، ھۈر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغامۇ دۇنيا قەپەز بولۇپ قەلىش مۇمكىنچىلىكى كۆرۈلىۋاتىدۇ! خىتايلار يامان، سامان ئاستىدا سۇ يۈگۈرتۈپ، سۇنى لەيىتىپ بېلىق تۇتىۋاتىدۇ.
خىتاي ئېيىتقاندەك مىللىي داۋاغا ئېغىر پەشۋادىن بىرنى ئۇردى. بۇ تېپىكتىن مىللىي ھەركىتىمىزدە بىر سىلكىنىش بولدى ۋە خەلقىمىز ئىتتىك ئۆزىنى تۈزەپ، ھۇشىنى يىغىۋاتىدۇ! قىسمەن زىيانلار بولدى، ئەمما نەتىجە خۇدا خالىسا چوڭ بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۇنداق بىر زەربىگە بەرداشلىق بېرىشكە تولۇق كۈچىمىز يەتمەيدۇ. شۇڭا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاپەتنى بۆشۈكىدىلا جاماەت پىكىرى ئارقىلىق يوق قىلمىساق، ئۇنىڭ كېلىچەكتىكى زىيىنىنى ھەرگىز تولدۇرۇپ بولالمايمىز! كۈچىمىز، ئەقلىمىز ۋە بىلىمىمىز بۇ پىلانسىز ھەرىكەت نەتىجىسىدە پارچىلاندى! مەسەلەن: ئامەرىكىدا بىر ئايدىن كۆپراق ۋاقىتتىن بەرى ئاقسراي ئالدىدا ئېلىپ بەرىلىۋاتقان نامايىش، نامايىش شەكلىدە قالماي، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مىللىي داۋادا بىر قورقۇنۇشلۇق بۆلۈنۈش ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشتىن يامان نىيەتلىك ئادەملەر ۋە خىتايلار ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بىزگە ئورنىنى ئاسان تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى سېلىشقا باشلىدى. بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن بالىلارمۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن داۋانىڭ غىلتاڭ يوللىرىدا تەيىلىپ قوپوپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزلىرىمۇ بىلمەي نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۇلارغا توغرا مەسلىھەت كۆرسۈتىدىغان كۈچ يوق!ئۇلار ھاياجان ۋە قىزغىنلىق بىلەن قارىسىغا ھەرىكەت قىلىدۇ، بىر ئىشى توغرا بولغانى بىلەن توققۇز ئىشى خام ۋە خاتا بولىۋاتىدۇ!
بىز باشتا ئامېرىكىدا باشلانغان نامايىشلىرىدىن خېلى چوڭ ئۈمىتلەرنى كۈتكەن ئىدۇق. ۋاقىت ئۆتكەنچە نامايىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگۈرەپ خىتايغا قارشى ئەمەس، مىللىي داۋايىمىزغا قارشى كەيپىيات كۈچۈيۈپ كەتتى. ئەسلىدە بۇ نامايىش قانداق بەدەل تۆلەش كېرەك بولسا شۇنداق بەدەل تۆلەپ ئامېرىكا ۋە باشقا دەۋلەتلەردىكى تەشكىلات ۋە داڭلىق شەخىسلەر بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە مەسلىھەت ئىچىدە داۋاملاشقان بولسا سەۋىيەسىزلىك، قالايمىقانچىلىق ۋە خاتالىقلار ھازىرقىدەك كۆپ بولۇپ كەتمەيتى. ناميىشقا نىيىتى دورۇست بولمىغان ئادەملەر ۋە سەۋىيەسىز كىشىلەر رەسمىي قول تىققاندىن كەيىن ۋەزىيەت باشقىچە ئۆزگىرەپ كەتتى.
مىللىي داۋادا بىزگە قارشى كۈچلەرنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ قارشىلىقىدىن باشقا مىللىي نادانلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان پۇتلاكاشاڭلارمۇ بار. بۇ ئىككى مەرەزدىن قۇرتۇلالمىدۇق! بىرىدن قۇرتۇلساق يەنە بىرى بىزنى پىتتەك چاقىدۇ. بۇ نىيىتى يامان دۈشمەنلەر ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇپ يىقىتمۇغىچە خەلقىمىز توغرا يولنى تاپمىدى. يامان نىيەتلىك ئادەملەر سۆزلىگەنچە خاتالاشسا، ھەرىكەت قىلغانچە پاتقاققا پاتىدۇ! دۈشمەنلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئۇرۇپ ئاخىرى يىقىتىدۇ! نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈكتۇر! بۇ خۇدانىڭ بىزدەك ئاجىز مىللەتلەرگە بەرگەن بۈيۈك ئىنھامىدۇر! نىيىتى دورۇست بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە گەپسۆزلىرى ئارقىلىق ئاشىكارىلىغىنى تېخىمۇ ياخشى بولدى…مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس. شەرتىڭ توشمىسا بەشىڭنى تاشقا ئۇرىۋەرسەڭمۇ ھەتتا ئۆلىۋالساڭمۇ بەرى بىر.مىللىي ھەرىكەتتە چاقرىق كۈچىگە ئىگە ئادەملەر، تەشكىلاتلار ۋە ئەسەرلەرنى بەرپا قىلماي تۇرۇپ نەتىجە ياراتقىلى بولمايدۇ. بىز 50-60 يىلدا مىللىي داۋادا ئەرىشكەن يوقارقى قەدىرىيەتلەرنى قوغداپ قالايلى! مىللىي داۋا يولىدا بۇنداق كەڭ كۆلەملىك بىر قوشۇن بەرپاقىلماق ئۇنداق ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ قىلالايدىغان ئىش ئەمەس. بۇ ئىش ئۈچۈن مىلىتىمىز ئەغىر بەدەللەرنى بەردى. بىز گۈدەكلىك بىلەن ھەممىنى ھەسەن مەخسۇمنىڭ ئىزدىن يەڭىدىن باشلىيالمايمىز!
دۈشمەنلەر چوتنى خاتا سوقتى. خەلقىمىز نادان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنچىۋالا نادان ئەمەس. مىللىتىمىزنىڭ مېغىز بىلەن شاكالنى ئايرىغۇچىكىى بار. مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئاڭ سەۋىيەسى ۋە مۇككەممەل ئەخكاقى بولمىغانلار قىلىۋاتقان ئىشىنىلا باش چۆكۈرۈپ قىلىشى ھەممىگە قارا-قويۇق چېپىلىۋالماسلىقى لازىم. ئازراق بىر ئىش قىلىپ قويۇپ تاغنى ئۆرىۋەتكەندەك كۆرەڭلەش ۋە ئوتانچىدەك ۋارقىراش ياخشى ئەخلاق ئەمەس، بۇ ھالدىكى ئىنسانلاردىن خۇدا ساقلىسۇن، ئىھتىيات قىلىش لازىم.ۋاقتى كەلسە بىر ئورماننى، بىر تال چوكا تاياق ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ! مەن ھازىر مىللىي داۋا يولىدا پەيدا بولغان قارا-قۇرساق ئەمما قېنى قىززىق بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدا خىتاينىڭ قارا قولى باردەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.خىتايلار بىزگە ئۇقتۇرماي ئۆز-ئارا كاللىمىزنى سوقۇشتۇرغىلى تۇردى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئويۇننى مەركىزى ئاسىيادىمۇ بىر قەتىم ئويناپ غەلبە قىلغانىدى.خىتاينىڭ غەلبىسى ھەسەن مەخسۇمنىڭ ئۆلتۈرىلىشى، ئابلىكىمخان مەخسۇمنىڭ زەھەرلىنىشى ۋە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەمدى خىتاي خوتنى يۆتكەپ ئىككىنچى گورۇپپىنى تارمار قىلىنغان ئۈممەتچىلەرنىڭ ۋە ئاتالمىش دۇنيا كاپىرلىرىغا قارىشى جىھاتچىلارنىڭ قولى بىلەن يوق قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.
ئېچىنىشلىق بولغىنى خەلقىمىز يەنە بىر قېتىملىق خەلقارالىق بىر سىرلىق ئويۇننىڭ قۇربانلىقى ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان بەزى گورۇپپىلار دىندار، تەقۋا، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەردەك كۆرۈڭىنى بىلەن سىستەمىلىق تەربىيە كۆرمىگەن. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بىرى مىللىي داۋايىمىزغا ئۆكتە قوپۇش، خىتاي بىلەن ئەمەس مىللىي ھەركىتىمىز بىلەن كۈرەش قىلىش بولىۋاتىدۇ. بۇلار تەشكىلات تۇرسا تەشكىلاتسىز ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ياكى يېڭىدىن تەشكىلات قۇرىۋاتىدۇ. بۇلاردىن بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدىراپ مىللىي داۋا ئۈچۈن خەيىر كۈتۈش تازا توغرا ئەمەس! چۈنكى بۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى، قىلماقچى بولغانلىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ، مەقسىدى داۋانى ئىلگىرلىتىش ئەمەس تەشكىلات ۋە مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرىۋاتىدۇ.
يېڭىدن باش كۆتۈرىۋاتقان كۈچلەر دىنداردەك ئوتتۇرغا چىققان بىلەن دىنسىزلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، ئۇيغۇر بولغىنى بىلەن مىللىي ھەركىتىمىزگە چىشتىرنىقى بىلەن قارشى، مۇسۇلمان بولغىنى بىلەن، ئۇلار دەسسىگەن يەدىكى جامىلەر چەقىلىدۇ قۇرانىي كەرىملەر كۆيدۈرىلىدۇ، دىنىي ئالىملار ئۆلتۈرىلىدۇ! بۇلارغا ئەگىشىۋاتقان ئېتىقاتچىلار دۇنيانى، خەلقارا ۋەزىيەتنى، ھەر تۈرلۈك تەرەققىياتلارنى ۋە مىللەتلەر ھەمدە دەۋلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. سىياسەت قىلىمەن دەيدۇ، دىننى ئارلاشتۇرىدۇ، دىننى تەرغىپ قىلىمەن دەيدۇ، سىياسەتنى ئارلاشتۇرىۋالىدۇ. ئۇنداق بولسا مىللىي ھەرىكەت ئۈچۈن ئەرتە ئەتتىگەن نىمە قىلىسەن دىسە ئۇنى جانابىي ئاللاھ بىلىدۇ، دەيدۇ! ئەمما ئوقۇغان، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىمانلىق، توغرا-دورۇست ئادەملەر 10، 20، ۋە 30 يىللىق پىلاننى ئاللاھقا كەسكىن ئىشىنىپ تۇرۇپ تۈزەلەيدۇ! چۈنكى ئۇلار ئۆز مىللىتىنى، تارىخىنى، كۈرەش يوللىرىنى، سىياسەتنى، تارىخنى ۋە پەلەسەپىنى بىلىدۇ! ئەگەر بىز ئورتا ئەسىر زىھنىيىتىدىكى قارام، قوپال ۋە تەربىيە كۆرمىگەن ئادەملەرگە داۋانىڭ بىر تەرىپىنى تاشلاپ بەرسەك، بۇزغۇنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلساق ئەڭ چوڭ گۇناھ ئىشلىگەن بولىمىز قېرىنداشلار! بۇنداق ئەدەپ-ئەخلاق، ھايا ۋە سىلى رەھىمنى بىلمەيدىغان قارا قۇرساق لۈكچەكلەرنىڭ قولىغا قالغان داۋا ھازىرقىدىنمۇ مىڭ ھەسسە يامان بولۇپ كەتىدۇ.
بۇندىن كېيىنكى مىللىي داۋادا ئىلگىرلەشلەر، نەتىجىلەر كۆرۈنسە، يەنىلا كوچىلاردا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان خىتايىست بەدىۋىي ھارام پۇتاقلارنىڭ ۋە سەللىنى تەتۈر يۆگەپ يېتىپ، ئۇخلاپ قوپاپ سويمام قەنى، دەپ جۆيلۈيدىغانلارنىڭ ئەمەس ھەمدە سۇنىڭ ئېقىشى ۋە تۈكنىڭ يېتىشىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغان ساختاكارلارنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى ھازىر ھەدەپ تور دۇنياسىدا دۇمبالاۋاتقان، تەنقىتلەۋاتقان، مىللىي ھەركىتىمىز 50-60 يىلدىن بېرى مىڭ تەستە يېتىشتۈرگەن، ئەگىرى-توقاي يوللاردا چېنىققان ۋە يېتەرلىك بىلىم ۋە تەجىرىبە جەھەتتىن يېتىشىپ چىققان مۇنتىزىم قوشۇننىڭ سەۋەبىدىن قولغا كەلىدۇ. مىللىتىمىز داۋا قوشۇنىمىزدىكىلەرنىڭ گوروھلىشىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئىشلىرىدا يەڭگىلتەكلىك قىلسا بولمايدۇ. يېڭىدىن مىللىي ھەرىكەتكە قوشۇلىۋاتقانلارنى تەشكىلاتلاردا چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم! ئەگەر مىللەت ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بۇ تىپتىكى ئوقۇمىغان، قارا قۇرساق، ساۋاتسىز يات مىللەتنىڭ چوماقچىللارىغا، خىتايىستلارغا ۋەياكى چالاساۋات روھبانلار سىنىپىدىكى ئىنسان سۈرىتىدىكى كىنسانلارغا ئامانەت قىلسا، خۇددى قوزىنى قاسساپقا تاپشۇرغاندەكلا ئىش بولىدۇ.
نىمە قىلىش كېرەك. ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆز-ئارا يېقىنلىشىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئارا يىتەكلىشىپ، ئۆز-ئارا تۈزۈتۈپ، ئۆز-ئارا ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى جارىي قىلدۇرۇپ، دۈشمەننىڭ سۈيقەستلىرىنى بەربات قىلىدىغان يول ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز كەرەك! ئەگەر مىلىي داۋاغا ئۆكتە قوپقان بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى دورۇست بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ يېڭى چىققان قوشۇنلار غەرىپكە، دۇنياغا ۋە مىللىي ھەركىتىمىزگە ئىنتەگىراتسىيون قىلىنمىسا، ئۇلارنىڭ غەرىپ دۇنياسىدا قىلىۋاتقان قالايمىقان ۋە سەۋىيەسىز ئىشلىرىنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنچە مىللىي داۋاغا زىيىنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى مىللىي ئىنقىلاپ بىلىم، سەۋىيە ۋە مىللىي ئىرادەنى ئۆزىگە ئىنىرگىيە قىلىدۇ. بۇ تىپتا ئوتتۇرغا چىقىپ پەردە ئارقىسىدا قوشۇن توپلاۋاتقان، دىن ئارقىلىق ئۆزىنى نىقاپلاپ، بايراق ئارقىلىق مىللەتنى ئالداپ، نامايىش ئارقىلىق مىللەتنى پارچىلاۋاتقانلاردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز، خەلقىمىزگە بۇ ھەقتە بىلگە ئاقتۇرىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامان نىيەتلىك يىتەكچىلىرىدىن يېتەرلىك شەكىلدە ئۇزاق تۇرىشىمىز لازىم.
ھەي ئەزىز مىللىتىم! ئەگەر يوقارقى ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىساڭلار بۇگۈن ۋەتەندە مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلار ھايال بولماي يەنى ئەرتەلام ھۈر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغامۇ كەلىدۇ. بۇگۈن بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەنلەر ئەرتە تۈرۈك دۇنياسىنىڭ، ئۆرگۈنلۈككە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كېلىدۇ! بۇ خىل يامان نىيەتلىك ئادەملەر خىتاينىڭ شىرىن گەپىگە، يۇمشاق مېلىغا ئالدىنىپ، خەلقىمىزنى مىڭ پارچە قىلىۋەتتى، مىللىي داۋا سېپىدىكىلەر ھەرىكەت قىلىۋاتقان تور دۇنياسى ھازىر تەرتىپكە سېلىنمىسا بولمايدىغان كېسەل تارقىتىدىغان ۋىرۇس دۇنياسىغا ئايلاندى! ئۇيغۇر جەمىيەتىنى ۋاقىت، بىلىم ۋە ئىقتىساد ئىسراپچىلىقى قاپلاپ كەتتى. تور دۇنياسىداپەيدا بولغان باش-باشتاقلىق، غەيۋەت-شىكايەت ۋە غۇم ۋە ئۆچمەنلىك قاتارلىقلار چاشقان ئۇۋىسىغا ئوخشايدىغان بۇ قارانغۇ تور دۇنياسىدىكى توپلاردىن تارقاپ، تەشكىلاتلارنى ئاجىزلاشتۇرىۋاتىدۇ ۋە مىللىي داۋا قوشۇنىمىزدىكى غوللۇق شەخىسلەرنىڭ ئىناۋىتىنى مەقسەتلىك تۆكۈلىۋاتىدۇ!تور دۇنياسىدىكى خىتايىستلار، دىنىي ئاشقۇنلار مىللىتىمىزنىڭ 60 يىللىق سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى بەربات قىلىۋېتىشتىن بۇرۇن كۆزۈڭلارنى ئېچىپ، تەشكىلاتلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىڭلار، تەشكىلاتتىكى مۇھىم شەخىسلەرنىڭ ئەتاپىغا توپلىشىڭلار! تەشكىلاتنى، داڭلىق شەخىسلەرنى ۋە مىللىي ھەرىكەتىمىزنى قارىلاۋاتقان شۈھبەلىك شەخىسلەردىن ئۇازق تۇرۇڭلار! مىللىتىمىزگە كىسىلىنى داۋالاپ ئادەم قۇرتۇلدۇرۇش مۇامىلىسى قىلىڭلار، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ تاشلىماڭلار! بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەردىن ئېتىيات قىلىڭلار، بۇ تىپتىكى ئادەملەردىن ئەگەر توغرا يىتەكلەنمىسە مىللىتىمىزە ھەرگىزمۇ خەيىر كەلمەيدۇ، بۇلارنى مىللىي داۋاغا ئىگە قىلىپ قويۇش خىتاينىڭ مومىسىغا ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى سۈرتۈپ بەرگەڭە ئوخشاش ئىش بولىدۇ. ئەنىق جاكارلىشىمىز ۋە خەلقىمىزگە بىلدۈرىشىمىز كېرەككى، بۇ تىپتىكى ئادەملەر پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلۇدۇ، مىللەتكە ۋە مىللىي ئىرادىگە، سىياسىي كۈرەشلىرىمىزگە ھەرگىزمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ! ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورچى ياكى خىتايىست كۆرسۈتىدىغانلارغا ئىھتىياجى يوق! ئۇيغۇرلار تېررورىست ئەمەس بولغاندەك، تەررورچىلار ھەم ئۇيغۇرلاردىن ئەمەس! پەكىندە قارا بايراق كۆتۈرۈپ خىتاينى ئۆلتۈرگەن ۋە چىڭداۋدا جىھات تۇغى ئېچىپ بىگۇناھ ئاۋامنى چانىغان تېررورچىلار ھەرگىز ئۇيغۇر ئەمەس! مىللىي ئىنقىلاپ يولىدا، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى، مىللىي بىرلىكسەپ تەرىپىدىن دىنىي ئاشقۇنلۇقتىن ئۇزاق، خەلقارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئېلىپ بەرىلغان ھەرقانداق ھەرىكەت مۇستەملىكە مىللەتنىڭ ئازاتقلىق كۈرىشى بولۇپ، بۇ كۈرەشكە پاكىز مىللىي ھېسىيات بىلەن قاتناشقان ھەرقانداق كىشى بولسا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مەدىيەلەشكە ئەرزىيدىغان ئەركىنلىك جەڭكچىللىرىدۇر! بۇنداق دەيىشىمىزدە مىللىتىمىزنىڭ جانىجان مەنپەتىگە چېتىلىدىغان نۇرغۇن ئاكادىمىك سەۋەپلەر بار! مىللىي ئىنقىلاپ نەزەرىيىسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە مىللىي ئىرادىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن سالاھىيەت ۋە قابىلىيىتى بولمىغانلار يىتەكلىگەن ئىش دۈشمەڭە يەنى باشقىلارغا قارشى تۇردۇم دەپ ئۆزىنى رەسۋالاشتۇرۇپ قويۇشتىن باشقا ئىشلارغا يارىمايدۇ. ئامېرىكىدا تۇرۇپ شودۈيجاڭدەك ۋارقىرىماڭلار قېرىنداشلار!
ھازىر مىللىي داۋانى تەرتىپكە سالىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سوراپ، مىللىي داۋا ھەققىدىكى سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرەيلى! بەزىلەر بىلىپ تۇرۇپ، پۇرسەتنى سۈيىستىمال قىلىپ، ئۆزىنى چاغلىماي ئارقا-ئارقىدىن خاتالىق ئۆتكۈزگىلى تۇردى. ھەي ئازغۇن قېرىنداشلىرىم سىلەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قىلىغان، قىلىۋاتقان ۋە قىلىدىغان نامايىشنى مىللىي داۋانى ئاغدۇرىۋەتىش ئۈچۈن قىلىۋاتامسىلەر ياكى مىللىي داۋاغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈنمۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزەڭلارنىڭ قىلىۋاقتان ئىشىغا باش چۆكۈرۈپ كۆڭۈل قويۇپ، قابىلىيىتىڭلارغا يارىشا بېشىڭلارنى چۆكۈرۈپ ئىش قىلىۋەرمەي، سالايىتىڭلار، سەۋىيەڭلار ۋە قابىلىيىتىڭلار يەتمەيدىغان ئىشلارغىمۇ چات كەرىۋالىسىلەر! نىمە ئۈچۈن تەشكىلات ۋە داۋا قوشۇنىدىكى مۇھىم شەخىسلەر بىلەن ھەپىلىشىسىلەر؟ نىمە ئۈچۈن بىر قىسىم تەشكىلات ۋە شەخىسلەردىن ئازغىنە خاتالارنى تېپىۋەلىپ، داۋراڭ قىلىپ، تەشكلات ۋە ئاكتىپ سىياسىي پاالىيەتچىلىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈسىلەر؟! ئەمدى بولدى قىلىڭلار، سىلەر ۋەتەن-مىللەتنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىڭلار، ئانالىرىمىز بەرگەن ئاق سۈتنى ھالاللاڭلار! نىيىتىڭلار ھەقىقى دورۇست بولسا قىلغان گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن تۆۋبە قىلىپ، ئۆزەڭلارنى بېسىۋەلىڭلار، كىچىك بىر ئىشنى قىلىپ بىر سېسەق تۇخۇم تۇغقان مەكىياندەك قاقاقلىماڭلار! سىلەرنىڭ مىللەتكە خىتاپ قىلىشىڭلارغا خاتالىرىڭلارنى تۈزۈتۈپ، خەلقىمىزگە ئەگىشىپ ماڭالىساڭلار يەنە 10-20 يىل بار تېخى.ھازىر سىلەرنىڭ ئۇ ئىش بۇ ئىشقا ئارلىشىپ، قوشۇق سەلىپ، ھەرىنىڭ ئۇۋۇسىنى بۇزۇپ ئەتراپنى مالىمان قىلىش ئەمەس، بېشىڭلارنى چۆكۈرۈپ ئۈگۈنىدىغان، تەجىرىبە توپلايدىغان ۋە ئىش قىلىدىغان، كۆپلەپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان، ئىلگىركىلەردىن دەرىس ئالىدىغان ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئۈن-تۈنسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ۋاقتىڭلاردۇر!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: خاتا قىلمايدىغان ئادەم يوق! ھەممىمىزنىڭ خاتاسى بار! ھەممىمىزنىڭ خاتالارنى تۈزۈتۈشكە پۇرسەت بار ۋاقىتتا تۈزۈتۈپ، بىر بىرىمىزنى قۇچاقلايلى قېرىنداشلار! ئاڭلىق رەۋىشتە تەشكىللىنەيلى، تەشكىلاتلارغا توپلىشايلى، خاتالىرىمىزنى تۈزىتەيلى، مىللىيداۋانى ئىسلاھات قىلايلى، بىلىملىك، تەجىرىبىلىك ۋە تالانتلىق چوڭلارىمىزغا ئەگىشەيلى!
ھەر ئۈچ ئادەم بار يەردە بىر باشلىققا ئەگىشىڭلار! بىر ئادەم ئۈچكە، ئۈچ ئادەم ئوتتۇزغا، ئوتتۇز ئادەم ئۈچ يۈزگە، ئۈچ يۈز ئادەم ئۈچ مىڭغا، ئۈچ مىڭ ئادەم ئۈچيۈزمىنغا، ئۈچ يۈزمىڭ ئادەم ئۈچ مىليونغا، ئۈچ مىليون ئادەم ئوتتۇز مىليونغا ھەقىقى باش بولالايدىغانلارغا ئەگەشسۇن! مىللىي ھەركىتىمىزدە ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان نۇرغۇن زىددىيەت ۋە جىدەل-ماجرالار خەلقىمىزنى يىتەكلەپ ماڭىدىغان شەخسىيەتلەرنىڭ ساپاسىنىڭ بىر-بىرىدىن تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ! يوقاردىكى مەسەلىلەرنى ئاستا-ئاستا خەلقارادىكى مەلۇم بىر نوپۇزلۇق سىستىمىغا چۈشۈرۈپ ھەل قىلىۋالساق، ئۇ ھالدا باشقا ئىشلارمۇ ئارىدا سۆز-چۆچەك ۋە پىتنە-پاسات تارقاتماستىن ئۆزلىكىدىن تۈزۈلەپ كەتىدۇ!
باشلىقنى زىنھار ۋە زىنھار قۇلىقى يۇمشاقكەن، چىقىشقاق ئىكەن ۋە يۇۋاش ئادەمكەن، ئات-ئىشەك قىلىپ مىنىپ ئوينىساقمۇ كارى يوقكەن، تەيۋەن ياردەم قىلىدىكەن، تەقۋاكەن، مۇجايىدكەن، ئارقىسىدا ئامەرىكا باركەن، تۇققىنى بەيجىڭدا ئەمەلداركەن، بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىكەن، ھاجىمكەن، خىرويىنكەشكەن دەپ ئەمەس ئوقۇغانمىكەن، قابىلىيەتلىكمىكەن، مىللەتچىمىكەن، ئاڭ-سەۋىيەسى يوقۇرىمىكەن، قەھرىمۇ، بەھرىمۇ بارمىكەن، قولىدىن ئىش كەلەمدىكەن، كىمنىڭ ئەۋلادىيكەن، تەخىتدە ئولتۇرغاندەك دۈشمەڭە قارشى كەسكىن جەڭكلەردە ئالدىنقى سەپكىمۇ چۈشەلەمدىكەن دەپ سايلاڭلار!باشلىق دىگەن قويدەك يوۋاش بولمايدۇ، شىر ۋە ئەرارىسلاندەك سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك بولىدۇ! باشلىق يىغلىسا يەر يىغلايدۇ، باشلىق كۈلسە ئاسمان شاتلىنىپ كېتىدۇ! سىلەر سايلىغان رەھبىرىڭلار پەرىشتىدەك مىللىي ئىرادە ئالدىدا ئىتاەتچان، ئىنقىلاپتا پەيغرەمبەردەك ئالدىن كۆرەر ۋە سىياسەتتە شەيتاندەك ئەقىللىق بولسۇن!!!
ھۈرمەت بىلەن: ك.ئاتاھان
0
03.08.2018 گېرمانىيە