Home Page – both sidebars in left Forums 8.بايانات ۋە ئۇختۇرۇشلار گوللاندىيەدە 2 كۈنلۈك يەرمەنكە ئېچىلماقچى

This topic contains 0 replies, has 1 voice, and was last updated by admin admin 8 months ago.

گوللاندىيەدە 2 كۈنلۈك يەرمەنكە ئېچىلماقچى

  • admin
    admin
    Keymaster
    adminadmin

    ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ساھىپخانلىقىدا گوللاندىيەدە 2 كۈنلۈك يەرمەنكە ئېچىلماقچى.

    بۇ يەرمەنكە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىردىكى ئىجىتىمائىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىيلىققا ئىگە بولغان بىر قىسىم پالىيەتلىرىنى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بىر بىرىگە ئۇچراشتۇرۇش ھەمدە جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى بۇ شەكىلدىكى پالىيەتلەر بىلەن ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    يەرمەنكىدە ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇركىيىم – كېچەكلىرى، ئۇيغۇرچە كىتابلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ ۋە سېتىلىدۇ.
    شۇنداقلا يەنە بالىلار ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك ئويۇنچۇقلار تەييارلانغان بولۇپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى گوللاندىيەدىكى ۋە قوشنا ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.

    ۋاقتى:2017يىلى 4-ئاينىڭ 22- ۋە 23- كۈنلىرى

    ئورنى: گوللاندىيە زېيس شەھىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى

بۇ سەھىپىگە ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن كىرىشىڭىز كېرەك.

تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى ھويلام تورىغا مەنسۇپ. ھويلام تورى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ماكان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشقۇسى.