گوللاندىيە پادىشاھى ۋىللىيام ئالېكساندېر ۋە خانىش ماكسىما چارشەنبە كۈنى كەچتە بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەرمۇ سۆھبەت تېمىسىغا ئايلاندى. گوللاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ھالبې زەيلسترا مۇنداق دېدى: «مەيلى كەچلىك زىياپەتتە بولسۇن ياكى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بولسۇن، ئىككى تەرەپ ئوچۇق – يورۇق سۆھبەتتە بولۇشتى.
ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە ئۇلار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ۋە خىتتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە قارشى ئېقىمدىكىلەرگە بولغان ئىنكاسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتتە بولدى».
زەيىلسترا يەنە مۇنداق دېدى: «بارلىق مۇنازىرىلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەتتا خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى ۋە خىتتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى لى كېچياڭ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەردىمۇ بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى».
زەيىلسترانىڭ دېيىشىچە، جۇڭنەنخەيدىكى خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك زىياپەت ئەسلى پىلاندىن بىر يېرىم سائەت ئۇزىراپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى سۆھبەتنىڭ قىززىپ كەتكەنلىكىدىن بولغانىكەن. پادىشاھ ۋېليام ئالىكساندېر بۇ قىسقىغىنە خىتتاي زىيارىتىنى «ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بىر زىيارەت بولدى» دەپ تەرىپلىگەن.
پادىشاھ ۋېليام ئالىكساندېرنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان كۆرۈشىشى ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق كۆرۈشىشى بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، «بۇ ھەرگىزمۇ گوللاندىيەنىڭ خىتتايدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ پەقەت شى جىنپىڭ بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يېقىنلىقىنىلا بىلدۈرىدۇ».
پادىشاھ ۋىللىيام ئالىكساندېر پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيەگە يۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، خانىش ماكسىما پەيشەنبە كۈنى يەنە خىتتاي – گوللاندىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورىيەگە بېرىپ پادىشاھ ۋىللىيام ئالىكساندېر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي كورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان قىشلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىكەن.