2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىمىز، « بىر ئاۋاز، بىر قەدەم » چاقىرىقى ئاستىدا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشقا ئاتلاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىمىزمۇ، ئوخشاش كۈندە، گوللاندىيەنىڭ دەنخاغ شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھازىرلاندى.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان، ئۆز لىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلگەن ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتىمىزنىڭ بىر ئاۋازى بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.
ۋاقتى: 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى. چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دىن 15:00گىچە.
ئورنى: گوللاندىيە دەنخاغ شەھىرى پارلامېنت بىناسى ئالدى.