ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئەتتىگەن، گوللاندىيەنىڭ دەنخاخ شەھىرى پارلامىنت بىناسى ئالدىغا 8000 دانە گۈل يۈرەك شەكلىدە تىزىلىپ، پارلامىنت ئەزالىرى ۋە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.
بۈگۈن دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر كۈن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن 21 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكلىرى دەپسەندە قىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن قوللىرى زالىم خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان كۈن.
بۈگۈن – ئەركىنلىك مارشىنى ياڭرىتىپ غۇلجا كوچىلىرىدا ماڭغان شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى، ئانا تۇپرىقىمىز ھەسرەت بىلەن قوينىغا ئالغان، شېھىتلىرىمىزنىڭ كەينىدىن خوش ئېيتىپ قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاھۇ – زارى ئاسمان – پەلەكنى تىترەتكەن كۈن. ئۆزىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇرنىڭ ئىرادىسى، ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئىرادىنى قانداق ئىشقا سېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن كۈن.
ئۇيغۇر خەلقى شېھىتلىرىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ.
شېھىتلىرىمىزنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش، ۋەتەن، خەلقىمىزنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇم، ئىشكەنجىلىرى، قانخور خىتتاينىڭ تۇپرىقىمىزدا يۈرگۈزۈۋاتقان فاشىستلارچە ئاسسىمىلاتسىيىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىز، يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، قولىدىن كېلىشىچە ئېتىرازىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ھەر يىلىغا ئوخشاش بۈگۈنمۇ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىگىدە « 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلاۋى، ئۈرۈمچى قەتلىئامى، يەكەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ بازىرىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئىسسىق جانلىرىنى بەرگەن شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارلامنت بىناسى ئالدىغا يىغىلىشقان ئىدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز 8000 دانە گۈلنى يۈرەك شەكلىدە تىزىپ، ئۆزلىرىنىڭ شېھىتلىرىمىزگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۈگۈنكى پائالىيەتكە كېلىپ :« شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا خىتتاينىڭ قىرغىنچىلىقى بۈگۈنگىچە توختىغىنى يوق. خىتتاي قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى يوق قىلالمايدۇ. ۋەتەن، مىللەتكە بولغان مۇھەببىتىمىزنى ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىپادىلەيلى» دەپ سۆز قىلدى.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان پىشقەدەم ئىنقىلاپچى زەينىدىن تۇرسۇن سۆز قىلىپ:« ۋەتەندىكى زۇلۇم كۈندىن – كۈنگە ئاشماقتا، بىزنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىمىز قانخۇر خىتتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ تۇپرىقىمىز. بىز ھەر زامان خىتتايغا قارشىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك» دېدى.
پائالىيەت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە باشلىنىپ سائەت 2:00 گە قەدەر داۋاملاشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە، شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت شوتلاندىيە خەلقىگە ۋاكالەتەن مىللى مۇزىكا ئورۇنلاپ، شېھىتلىرىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.