گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، گوللاندىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايونلىرىدىكى ساقچىخانىلاردا، تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئورۇن تەسىس قىلدى.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى — گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر نىداسى تاراتقۇسى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىگى، گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار بىرلىگى، گوللاندىيە ئۇيغۇر ئاياللار گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دەۋا ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر مۇنبەر بولۇپ، يېرىم يىلغا يېقىن داۋاملاشقان جىددى تەييارلىق خىزمەتلەر ۋە يىغىنلاردىن كېيىن، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى 2018 – يىلى 12- ئايدا قۇرۇلۇپ، 2019 – يىلى 1- ئايدا رەسمىي خىزمەت باشلىدى.
مۇنبەر ئەزالىرى قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، گوللاندىيە ھۈكۈمىتى بىلەن ياخشى بىر باغلىنىش ھاسىل قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى توغرىسىدا بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ يىل 3 – ئايدا، گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىرلارنىڭ تىرىك شاھىدى ئۆمەربەگ ئالى ئەپەندىمنى گوللاندىيەگە تەكلىپ قىلىپ، پارلامېنت ئىچىدە ئاشكارە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە ۋەكىللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچرىغان كۈلپەتلىرىنى تىرىك شاھىتلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدى ۋە بىر قاتار سۇئاللارنى سورىدى.
شۇ كۈنى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى ھەمدە، پات ئارىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاساس قىلىپ خىتاي بىلەن كۆرۈشمىدە بولىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ كۆرۈشمىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇشلىرى ئۈچۈن، گوللاندىيەدە ياشاپ تۇرۇپمۇ، خىتايدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق تەھدىتكە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلىشى مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ، تەشكىلاتلار مۇنبىرى بۇ يىل 4 – ئاينىڭ باشلىرى، جامائەتنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەر، رايونلارنىڭ ساقچىخانلىرىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. لېكىن ساقچىخانلار چوڭ بىر دۆلەت ئۈستىدىن بولۇنىدىغان، بۇ خىلدىكى شىكايەتلەر ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنى رەت قىلغان ئىدى. تەشكىلاتلار مۇنبىرى بۇ قىيىنچىلىقلارنى تاشقى ئىشلار ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئەھۋالغا ناھايىتى جىددى قاراپ، دۆلەت بىخەتەرلىگى مىنىستىرلىكى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا بېرىپ دېلو تۇرغۇزۇشىنى ماقۇللىدى. 4 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بىر قانچە چوڭ شەھەرلەردە، ئۇيغۇرلار دېلو مەلۇم قىلىشقا باشلىغان.
ھازىر گوللاندىيەنىڭ 12ئۆلكە 400نەچچە شەھەر رايونلىرىدىكى ساقچىخانىلاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئورۇنلار بار.
گوللاندىيە ياۋرۇپا بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولۇپ، ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 3000 غا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ.
بۇ پۇرسەت، خىتاينىڭ جىنايىتىنى دەستە – دەستە قىلىپ تىزىپ ھەققىنى سورايدىغان بىر پۇرسەت، بۇ ھەرىكەت ئۆزىمىز ھەم قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قىلغان بىر ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بولۇپ قالغۇسى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق قوغدىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
