ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى ئىككى كۈنلۈك يەرمەنكە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقچى.
ئىگەللىشمىزچە بۇ پائالىيەتكە جەمئىيەت تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر كىيىم كېچەكلىرى ھەمدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرپىدىن يېقىندا نەشىردىن چىققان ئانا تىل كىتاۋىنىڭ 2-قىسمى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئورپ-ئادەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇيۇملار سېتىلماقچى.
گوللاندىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۈلۈملارغا قارشى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھالەتتە تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇش، پەرزەتلىرىمىزنى تەربىيە ئالىدىغان سورۇنلاردىن مەھرۈم قىلماسلىق، ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش پۇرستىگە ئىگە بولالايمىز.