«ئويغۇنۇڭلار!» دەپ قىلىنغان خىتاپلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئالدىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەر بىرىمىز زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلدۇق. مەيلى ئوتتۇرىغا كۆكرەك كېرىپ چىقايلى، مەيلى ياندا تاماشا كۆرەيلى، مەيلى يوتقانغا مۈكىنىۋالايلى ھېچ بىرىمىز توردىن چۈشۈپ قالمىدۇق.
بۇ قاتتىقچىلىق ۋە زۇلۇم، بىر قىسمىمىزنى قېرىنداشلىرىمىزنى باھانە – سەۋەپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ سېتىپ خەجلەشكىمۇ ئۈلگۈرتتى. ھەممىمىزنىڭ كىندىك قېنىمىز شۇ ئەزىز تۇپراققا تۆكۈلگەن، قان قېرىنداشلىرىمىز شۇ ئوت دېڭىزى ئىچىدە. يۈرەكلىرىمىز مۇجۇلۇپ، قان يىغلاپ ئۆتىۋاتىمىز. دۈشمەن بۇنى تاماششا قىلىپ گۆشىمىزنى يەپ، سۆڭىكىمىزنى غاجىلاپ، سەت ھىجايغان پېتى ئالدىمىزدا كېكىرىپ، ئوسۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشمەكتە. بۇ بىز بۇرۇن كۆرگەن ياۋايى ئادەملەر بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ كىنولىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شۇ كىنولارنى كۆرگەندە، «تەرەققىي قىلماي ئىپتىدائىي ھالەتتە قالسا شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغان كىچىكلىكتىكى شۇ ھېسسىياتنى، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ بېشىدا كۆرۈۋاتىمەن. بىراق مېنىڭ كۆز ئالدىمدىكىسى مودا ئاق تەنلىك بىلەن ئىپتىدائىي، ئۇچىسىغا كىيىممۇ كىيمەي يۈرۈيدىغان نېگىر ياكى ئىندىئانلار ئەمەس، پوق بولسىمۇ تېتىپ كۆرىدىغان مەينەت خىتتاي بىلەن مېنىڭ بىچارە خەلقىم، ئانام، دادام بولۇۋاتىدۇ. بۇ كىنو ئەمەس، رىئالنى ھايات. ئىچكى ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن.
خىتتاينىڭ ئاجىزلىقى ئاشكارە. بىراق، بىز ئۇ ئاجىزلىقلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاجىزلىق قىلدۇق. ئۇ ئالدىمىزدا دىۋە، بىز دىۋە قولىغا چۈشكەن ئەسىر. دىۋىنىڭ بىزنى يىيىشىنى قەپەزدە ئولتۇرۇپ كۈتۈۋاتىمىز. بوۋام ئېيتقان چۆچەكتە، رىۋايەتتىكى دىۋىنىمۇ كىچىككىنە قىزچاق، بىر باتۇر يىگىت يېڭىپ ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ باتۇرلىقى سەۋەبلىك باشقىلار كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرىدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، ئالدىغا چىققانلار قانچە ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رول شۇلارنىڭ قولىدا، يا شۇلار سەۋەبلىك كېمە چۆكىدۇ، يا قىرغاققا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىدۇ.
«ئويغۇنۇڭلار !» دەپ ئويغۇنۇشنى تەلەپ قىلىش خاتا ئەمەس. بىراق، ئويغۇتۇشقا ۋاقىت يوقلۇقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك . زېھنىمىزنى، روھىمىزنى ئويغانمىغانلار ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلساق، بۇ ۋاقىتنىڭ سورىقىنى بېرەلمەي قالىمىز.
ئويغانغانلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا مېڭىپ بىر نۇرغا يېقىنلاشقاندا، كەينىدىكىلەر تەبىئىي بىزگە ئەگىشىدۇ. بىز شۇ يورۇقلۇقنى تاپالمىساق ئۇخلايدىغانلار كۆپىيىشى مۇمكىن. ئولتۇرۇۋالغان، يېتىۋالغانلار ئۆز ۋىجدانىنى ئۆزى سوراق قىلمىسا، بىزنىڭ مىڭ سۆزلىگىنىمىز بىكار. بىز ۋەتەننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاننى خەلققە، دۇنياغا ئاڭلىتىپ، «خىتتايغا قانداق تاقابىل تۇرساق كۈچىمىز ئاز بولسىمۇ ئېلىشالايمىز» يولىدا ئىزدىنىش باسقۇچىغا كەلدۇق. بىز « دىۋىنى قانداق يېڭىمىز، ئەقىلنى، كۈچنى قانداق ئىشلىتىمىز» شۇنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز جەڭ مەيدانىدا، مەيلى كۆكرەك كېرىپ ئالغا قاراپ كۈرەش قىلايلى، مەيلى دۈشمەندىن قاچايلى بۇ مەيدانغا خالاپ – خالىماي كىرىپ بولدۇق. بىزنى دۈشمەن مەجبۇرى بۇ مەيدانغا كۆتۈردى.
بۇرۇنقى زامانلاردا، مىسىردىكى گىلادىياتورلار مەجبۇرىي يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشقىلى چۈشۈرۈلۈپ، ھايات – ماماتلىق جېڭى قىلىشقا مەجبۇر بولغىنىدەك، بىزمۇ بۇ جەڭگە مەجبۇرلاندۇق. خالايلى، خالىمايلى ئالدىمىزدىكى يىرتقۇچ بىزنى يېيىشكە ھازىرلىنىپ بولدى.
ئىنسانغا ئاللاھ شۇنداق بىر ئىقتىدارنى ئاتا قىلغان، ئۇ بولسىمۇ ياشاش ئىستىكى، ئاخىرقى پەيتكىچە ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىقتىدارى. بۇنى ئەقىللىق ئادەملەر چۈشىنىدۇ، گالۋاڭلارغا ئامال يوق.
مەن شۇنداق دەيمەنكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىرلىكتە ئامال چارە ئىزدەپ مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى زېممىمىزدە، قولدا قورال يوق دېمەڭ، قورال يۈرەكتە. قولدىكى قورال بىرنى ئۆلتۈرسە، يۈرەكتىكى قورال مىڭنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ مۇستەھكەم ئىمان، قورقماس يۈرەك، يۈكسەك باتۇرلۇق ئاتا قىلسۇن. ھەممىمىزگە پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلسۇن، ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەق ئۈستىدە قىلسۇن، ئامىن.
نۇرانىيە
2018 – يىل 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى